欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尼某某危险驾驶案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020]435-نومۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار نXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19XX- يىلى XX- ئاينىڭ X- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65292819XXXXX72017، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ ئاقسۇ شەھىردە تۇغۇلغان، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: XX ساقچىخانسى، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: شىنجاڭ ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايونى 2- رايون 29- بىنا 3- كورپۇس 601- نۇمۇر. تىجارەتچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن 2020- يىلى 05– ئاينىڭ 20- كۈنى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

   ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى [2020]949-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار نXX 2020- يىلى 05- ئاينىڭ 12- كۇنى سائەت 22:10 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئاقسۇ شەھەر XX ئولتۇراق رايوننڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى (پىراۋسىز) ھەيدەپ،XX ئۆيىگە بارغاندىن كېيىنX ئولتۇراق رايونىغا قايتىپ مېڭىپ، موتسىكىلىتنى ھەيدەپXX يولى دوقمۇشقا كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار جاۋابكار نىياز ئابدۇرېيىمنى ھاراق ئىچىپ موتوسىكىلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى جاۋابكار نXXنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاشقا ھاۋالە قىلغاندا 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 120.43 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋابكار نXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددا 1- مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك، جاۋابكار نXX جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا جاۋابكار نXX «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە 1 ئاي 20 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ كىچىكتۈرۈش، قۇشۇمچە  3000 يۈەن شىتىراف قۇيۇشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. 

                   تەپتىش : نۇسرەت ئابلىز 

                        مۇۋەققەت تەپتىش : ئەسقەر ئەخمەت

   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 187XXXX4914، 188XXXX2151

   2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top