ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 2-ب ج ئە﹝2020﹞44–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ي**، ئەر، ئۇيغۇر، 1981-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6523231981، ئالى تېخنىكۇم مەلۇماتلىق، شىنجاڭ ** شىركىتىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ** شەھىرى ** رايونى ** كوچىسى **-نومۇر **-بىنا **-ئىشىك **-نومۇر. خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ي**نىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 15-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى سەھەر سائەت 03:28 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ي** ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، شەھىرىمىزنىڭ ** رايونى ** كوچىسى ** ئولتۇراق رايونى ئالدىدىن، تاختا نۇمۇرى ***新A60بولغان ئاق رەڭلىك** ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ماشىنىسىنى ھەيدەپ، ** رايونى ** كوچىسى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ ئەتراپتا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ماشىنىنى يول بويىغا توختىتىپ قاچماقچى بولغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايۇنلۇق چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان. نەق مەيداندا جاۋابكار ي**قا نەپەس پۈۋلەپ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبىنى ئۆلچەش سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 155mg/100ml ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. شۇ كۈنى جاۋابكار ي**تىن قانۇن بويىچە قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ قاندىكى ئىسپىرىت تەركىبىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنىڭ 123mg/100ml ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ي**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، پىراۋا ئۇچۇر ئىسپاتى، جاۋابكار ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرى، نەپەس ئارقىلىق قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ئۆلچەش سىنىقى خاتىرىسى، قان ئەۋرىشكىسى ئېلىش جەريانىنى تىزىملاش جەدىۋىلى، ئەدلىيىلىك باھالاشقا يوللاش ھاۋالىنامىسى، نەق مەيدان سۆرەتلىرى قاتارلىقلار؛
2. جاۋابكار ي**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
3. باھالاش پىكرى: شىنجاڭ قاتناش پەن تەتقىقات ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى ئەدىلىيىلىك باھالاش پىكرى؛
4. ئۈن-سىن ماتىرىيالى: نەق مەيداننىڭ تىلكامىرا خاتىرىسى؛
5. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ي**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ي**نىڭ قاتناش تىرانسىپورت باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ ھالدا ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 133–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن
2020–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى
ئىلاۋە:
1. جاۋابكار ي** بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن. ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرى: ****1869946؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 9 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论