欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(尕某某盗窃案)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

   

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020) 352-نۇمۇرلۇق

       ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

  جاۋاپكار غا، XX ئەر، ئۇيغۇر،28ياش،كىملىك نۇمۇرى:   6529011991،XXXXXXXX   تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى: ئاقسۇ شەھەر، توختۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر XXيىزا XXكەنىت XX-گورۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بۇيىچە مۇدەتلىك سەككىز ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بىلەن  توختىتىپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ10-كۈنى مەھكىمىمزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلنىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ -5 كۈنى مەھكىممىز تەرىپىدىن كىپلگە بىرىلگەن .

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى4-ئاينىڭ 2-كۈنى(2020) 169-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى  

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋاپكار غاXX ئاقسۇ شەھەر XX رايۇنى « XX زاۋۇتى» ئىشلەش جەريانىدا  2019-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى زىيانلانغۇچى توXXنىڭ تەلىپى بىلەن زىيانلانغۇچى توXXنىڭ 1803489XXXX تىلفۇن نۇمىرى ئارقىلىق توردا(  X 962939 X ) نۇمۇرلۇق ئۈندىدارنى ئىلتماس قىلىپ ئېلىپ، زىيانلانغۇچى توXXنىڭ (كارتا نۇمىرىXX : 6212870XXXXXXXX)    بانكا كارتىسىنى ئىلتماس قىلغان ئۈندىدارغا باغلاپ بەرگەن. ئارقىدىن زىيانلانغۇچى توقXXغا ئۈندىداردا مەشخۇلات قىلشنى ئۈگىتىش جەريانىدا، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقستىگە كىلىپ، زىيانلانغۇچى توXXنىڭ دىققەت قىلمغان پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ زىيانلانغۇچى توXXنىڭ ئۈندىداردىن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارغا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئالتە قىتمدا 7050يۈەن پۇلنى ئوغۇرلىقچە يۆتكىۋالغان. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

     مەھكىمىمىز جاۋاپكار غاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددا بەلگىلمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار  غاXXقا مۇدەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسى ،قوشۇمچە 2000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .

 تەپتىش : جۈرئەت ئابلەت

                     تەپتىش :ئايجامال ئابدۇراخمان

                 2020-يىلى 4-ئاينىڭ  16-كۈنى

ئىزاھات : 

1)جاۋابكار   غاXX ھازىر ئائىلسدە كىپلدە. ئالاقىلىشىش نۇمىرى:1323903XXXX

 2) سەككىز نۇسخا ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top