温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕342号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ئەيىبلەش ( 2020) -نۇمۇرلۇق
جاۋابكار ئەxx، ئەر ، ئۇيغۇر، xx19-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىمىلىك نومۇرى: xxxxxxxx6529221979، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، شىنجاڭ xx xx يېزا xx كەنىت xx-مەھەللە xx-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۇنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن.
ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ئەxxنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋاپكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۇل دىلو ماتىريالىنى تەكشۇرۇپ كۆردۇق، جاۋابكار دىلونى ئاددى تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە:
جاۋابكار ئەxx 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۇنى سەھەر سائەت 03 دىن 38 مىنۇتلار ئەتراپىدا ھاراق ئىچىكەندىن كىيىن 新Nxxxxxنومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ئائىلە ئاپتوموبىلنى ئونسۇ ناھىيە تۇخلا يېزا تۇخۇلا كەنىت 7- مەللىدىكى ئۆيدىن ھەيدەپ، تۇخۇلا كەنىت 7- مەھەللىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى يول ئېغىزىدا ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش جەريانىدا يول بۇيىغا توختۇتۇپ قويغان تېرەكتۇرنىڭ كۇزۇپىغا سۇقۇلۇپ كەتكەن قاتناش ۋاستىسى بۇزۇلغان يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن تەرەكتۇرنىڭ ئىگىسى مىxx بىلەن ماجرالىشىپ قالغان قېلىپ مىxx 110 غا دىلو مەلۇم قىلغان ، قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترەت ساقچىلىرى نەق مەيدانغا بېرىپ جاۋابكار ئەxxدىن گەپ سوراش جەريانىدا ئەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ موتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتسى ھەيدىگەنلىكى بايقالغان. مەزكۇر ھادىسىدە جاۋابكار ئەxxگە بارلىق بارلىق جاۋابكارلىق بىكىتىلگەن.
ئەدىليىلىك باھالاش مەركىزىىنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى باھالاش يەكۇنىدە ،جاۋابكار ئەxxنىڭ قان تەركىبىدە ml100mg/ 210.45 ئىسپىرىت مىقدارى بارلىقى ئېنىقلانغان
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچنىڭ بايانى ، جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاش خۇلاسىسى ، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست، ئەيىبنامىدىكى پاكىتلارنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ، جاۋاپكارنىڭ ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئەxxنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بەلگىلمىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىغا خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق ھەم راست، قانۇن بۇيىچە جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىنىڭ 1-تارمىقىدا «يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى قوغلۇشۇپ ھەيدەپ، قەبىھ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا ياكى يولدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى مەست ھەيدىگەنلەرگە تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلدۇ، قۇشۇمچە ئىشتىراف قۇيۇلىدۇ » دەپ بەلگىلەنگەن.
جاۋاپكارئەxxنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش ئىپادىسى ياخشى، قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان، كېپىللىك مەزگىلىدىكى ئىپادىسى ياخشى، شۇڭا جاۋاپكارغا جازا بەرگەندە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق بەلگىلمىسىنى تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۇن جاۋاپكارئەxxنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئونسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: نىجات ئەسقەر
پۇتۈكچى: شىرزات نۇرمەممەت
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، 3 نۇسقا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى ،بىر نۇسقا ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامسى، بىر نۇسقا دەلىل ئىسپات تىزىسى ،بىرنۇسقا جىنايىتنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلىش تىل خېتى ،بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.
(2) جاۋابكار ئەxx ھازىرئائىلىسىدە
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论