乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕437号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىپنامە چىقىش (2020) 437 -نۇمۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار ئەXX، ئەر، ئۇيغۇر، XX-يىلىXX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى XX652927، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە ئۇچتۇرپان بازىرى XX يولى XX-كوچا XX-نۇمۇرلۇق قورۇدا ئولتۇرۇشلۇق، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كەسپى تېخنىكوم ئوقۇغۇچىسى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى كىردىت كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئەXXنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
جاۋابكار ئەXX 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بولغان ئارلىقتا ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك XXدىكى كادىرلار ياتىقىدا، باشقىلارنىڭ خىزمەتكە چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىزمەتدىشى ئەXXنىڭ يوتقىنىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان يانتېلفۇنى بىلەن پورتمالىنى ئېلىپ، يانتېلفۇن ئىچىدىكى رەسىم ئامبىرىدىن ئەXXىڭ يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىۋىنىڭ XX62127820 نومۇرلۇق كارتا نومۇرىنى بىلىۋېلىپ، پورتمالدىن ئەXXىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ ئۆزىنىڭ x ماركىلىق يانتېلفۇنىدا رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن، XX157 نومۇرلۇق تېلفۇن كارتىسىدا ئالپاي چىقىمدانىنى ئىلتىماس قىلىپ ئەXXنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى دەلىللەپ، ئەXXىڭ x كارتىسىنى باغلاپ، ئالپاي چىقىمدانىدا بانكا كارتا مەخپى نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىپ، ئالتە قېتىمدا 10 مىڭ يۈەن پۇلنى يۆتكەپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن توردا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن.
دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.
دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلىگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار ئەXXىڭ باشقىلارنىڭ كىرىدىت كارتا ئۇچۇرى، سالاھىيەت گۇۋھنامە ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرىنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋالغان ھەم ئىنتىرنىت تورىدا بۇ ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ كىرىدىت كارتىدىكى پۇلنى قانۇنسىز يۆتكەپ ئىشلىتىۋالغان قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 196-ماددىسىغا خىلاپ بولغان، كىرىدىت كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى : ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە،تېلفۇن نۇمۇرى XX .
(3) جىنايىتى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخىدىن يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论