شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ساۋەن ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپلەش نامىسى
ش س پ ق ئەيىپلەش (2019) 268- نومۇرلۇق
جاۋاپكار ***، ئەر، ئۇيغۇر، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى شىنجاڭ * ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 0056****654223، مەخسۇس كۇرۇس مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، شىنجاڭ ساۋەن ناھيسى * بازىرى * يولى *- نومۇر ** ئاھاللىكلەر قورۇسى *- ئىشىك *- نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: يۇقارقى بىلەن ئوخشاش، كەسپى: ساۋەن ناھىيىلىك * ئىدارىسىنىڭ كادىرى، 2019- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۇنى ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بىرىلگەن، ھارىز جەمىئىيەتتە. بۇندىن بۇرۇنقى قانۇنغا خىلاپ ھەركىتى: يوق.
ساۋەن ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار *** نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قوبۇل قىلىپ جاۋاپكارنى ئۆزىنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، قانۇن بويىچە جاۋاپكار سوراققا تارتىلدى، دېلو ئىشلىگۇچى تەپتىش بارلىق ماتىرياللارنى كۆرۇپ چىقىپ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى تۇراق -لاندۇردى:
2019- يىلى 2- ئاينىڭ 6- كۇنى كىچە سائەت 00 دىن 10 مىنوت ئۆتكەندە جاۋاپكار *** ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ، **** نومۇرلۇق ماشىنا ھەيدەپ ساۋەن ناھىيىسى * يولىدا مىڭىپ، ساۋەن ناھىيەسى * يولىغا كىرگەندە يولدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارنى كۆرۇپ ھەيدىگەن ماشىنسىنى كەينىگە ئەگىلدۇرۇپ داۋاملىق ماشىنا ھەيدەپ ساۋەن ناھىيىسى * يولىنىڭ جەنۇبىدىكى ** يول بۆلىكىگە كەلگەندە قاتناش ساقچىلىرىمىزنىڭ قولىغا چۇشكەن، ساقچىلار تەكشۇرۇش جەريانىدا *** نىڭ تىنىقىدا ھاراق پۇرىقى بارلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، تەكشۇرۇش ئەسۋابى ئارقىلىق تىنىقىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنى تەكشۇرگەن، تەكشۇرۇش نەتىيجىسى mg/100ml 199.4 بولۇپ ئىپادىلەنگەن، ساقچىلىرىمىز قانۇن بويىچە *** نى ساۋەن ناھىيىسى خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بىرىپ قان ئالغان.
شىنجاڭ جۇڭشين ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2019) زەھەر تەكشۇرۇش 325- نومۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش دوكىلاتى، جاۋاپكار *** نىڭ ھەر يۇز مىلليلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 230 مىلليگىرام ئىسپىرتى بايقالغان.
يۇقارقى پاكىتلارنى بېكىتىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار: جاۋاپكار *** نىڭ ئۆزىنىڭ ئىقرارى، نوپۇس ئېنىقلىمىسى، شىنجاڭ جۇڭشىيىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى، نەق- مەيداننى تونۇتۇش خاتىرسى ۋە رەسىمى، سۇراق پىلاستىنكىسى، دېلونىڭ پاش بولۇش جەريانى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئارقىلىق جىنايىتىنى بىكىتىشكە بولىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋاپكار *** نىڭ بۇ قىلمىشى << جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن >> نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بولەك 1- تارمىقىغا خىلاپلىق قىلىپ خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتى تولۇق، شۇڭلاشقا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇن» نىڭ 176- ماددا 1- تارمىقىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق قانۇن بويىچە جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن :
ساۋەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : جانيگۇل
2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ 13 - كۇنى
قوشۇمچە :
1 . جاۋاپكار *** كىپىلگە بىرىلگەن ھارىز جەمىئىيەتتە، ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نۇمۇرى: 3257****180
2 . ئىككى توپلام دېلو ۋە 5 دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论