欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(孜某某诈骗案)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

كت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش  ﹝2020﹞911 - نومۇرلۇق

        كۇچا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار xx، ئەر، ئويغۇر، xx ياش، xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى تۇغۇلغان، يۇرتى: شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى، نۇپۇسۇس تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇغى: كۇچا ناھىيىسى xx يېزا xx كەنت xx -گوروپپا xx -نۇمۇر، كىملىك نۇمۇرى: 652923 xx ، كەسپى دېھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانغان.

 xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۇنى xx جىنايىتى،جىنايەت يۇلى بىلەن ئېرشىكەن تاپاۋەت ۋە جىنايەت ئۈتكۈزۈش يۇلى بىلەن ھاسىل بولغان پايدىنى پەردازلاش،يۇشۇرۇش جىنايىتى ، ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇدەتلىك xx يىللىق قاماق جازاسغا ھۈكۈم قىلىنغان.

 xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۈنى xx جىنايىتى گۇمانى بىلەن كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلسىگە كېپىلىككە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە  كېپىلىدە ..

مەھكىمىمىز ، كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى 〔2020〕 307- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار xxنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى xx - يىلى xx - ئاينىڭ xx -كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار xx xx -يىلى xx -ئاينىڭ xx -كۇنى (xx كۈنى) سەھەردە،ئىشلەۋاتقان ئورنى xx ناھىيىسى xx يىزىسىدىن ئۆزىنىڭ نۇمۇر تاختىسى يوق xx ماركىلىق قىزىل رەڭلىك ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنى ھەيدەپ xx يېزىسغا قايتىپ كىلىپ، شۇ كۈنى سائەت xx لەر ئەتراپىدا ئىنىسى xx نىڭ ئۇيگە بارماقچى بۇلۇپ، ئۈزى يالغۇز ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنى ھەيدەپ xx يېزا xx كەنت xx -گوروپتىكى يولدا كىتىۋېتىپ خوشنىسى xx نىڭ ئۈينىڭ كەينىدىكى باغدا بىر تۇياق xx نى كۈرۈپ ، بۇ xx نى سېتىپ پۇل قىلىپ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنىڭ xx يۇەن قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن xx نى ئوغۇرلاش نىيتىگە كەلگەن. ئەتراپنى كۈزۈتۈپ باشقا ئادەم يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، xx ئۈچ چاقلىق توكسىكىلتىنى xx نىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئېتىز يۇلىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ، پىيادە xx نىڭ بېغىدىكى قوي سولايدىغان  قوتىنىنىڭ تانا بىلەن چىگىپ قويۇلغان شاخشا ئىشىگىنىڭ تانىسىنى يىشىپ قوتان ئىچىگە كىرگەن، ھەمدە xx يۈەن قىممىتىدىكى  xx رەڭلىك چوڭ چىشى قوي، xx يۈەن قىممىتىدىكى xx بىر ئەركەك پاخلان ۋە  xx يۈەن قىممىتىدىكى قارا رەڭلىك xx چىشى پاخلان جەمى xx يۈەن قىممىتىدىكى xx تۇياق قوينى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ باغ ئىچى بىلەن ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىپ،  توسىكىلتىنىڭ  كۇزۇپىغا باسقان. ھەمدە ئۈزى يالغۇز ئۈچ چاقلىق توكسىكىلتنى ھەيدەپ xx يىزا xx كەنىتنىڭ ئايىغىدىكى بۇغدايلىقنىڭ ئارىسىدىكى بىر دەرەخ تۈۋىگە ئاپىرىپ باغلاپ قۇيۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن زاڭ مال (xx)لارنى تۇتۇپ قېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلۇشى بىلەن زىيان ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىغى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، نەق مەيدان تەكشۇرۇش خاتىرىسى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرسى، ماددى ئىسپات(xx)،جىنيايەت سادىر قىلىش قورالى( نۇمۇر تاختىسى يوق  xx ماركىلىق قىزىل رەڭلىك بىر دانە ئۇچ چاقلىق توكسىكلىت)، xx شەھەرلىك باھا بېكىتىش مەركىزىنىڭ xx -نۇمۇرلۇق دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملار باھاسىنى دەلىلەش يەكۈنى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

دىمەك، جاۋابكار xxنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن xx جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار xxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددا1-تارماق،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا ئۆلچەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.

ھۆرمەت بىلەن!  

تەپتىش :  ياسىن رۇزى

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى

قوشۇمچە : 1) جاۋابكار xx ھازىر ئائىلسىدە كېپىلىدە.

        2) بىر توپلام ج خ دېلوسى،  ئەيىبنامە بىرگە يوللاندى . 

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top