欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(如某某)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

غۇلجا  ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

غ ن تەپتىش ئەيىبلەش(2018) 347-نومۇرلۇق

جاۋابكار رو** ،ئەر،ئويغۇر، *-يىلى *–ئاينىڭ*-كۈنى تۇغۇلغان. كىملىك نۇمۇرى,  654121199003280013، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ  مەلۇماتلىق، ،نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا ناھىيە جىلىليۈزى بازىرى *يولى*-كوچا 2*-نۇمۇر. دائىمىي ئولتۇرۇشلۇق ئورۇن غۇلجا ناھىيە جىلىليۈزى بازىرى * مەھەللە  يولى*-كوچا*-نۇمۇر.بۇرۇن سوتلىق بولمىغان. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ31-كۈنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش جىنايىتى  بىلەن غۇلجا ناھيىلىك ج  خ ئىدارىسى تەرىپىدىن  بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىسىگە كىپىلگە بىرىلگەن.

بۇ دېلونى غۇلجا  ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى   مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن جاۋابكارنى قانۇن بويچە سوراق قىلىپ، ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۇرۇپ چىقىپ ، دېلو تەكشۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

جاۋابكار رو** 2017-يىلى5-ئاينىڭ21-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنلەردە،غۇلجا ناھىيە ج خ ئىدارىسى دىھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى خەلىققى قۇلايلىق يەتكۈزۈش فۇنكىتى ئالدىدا روز**نىڭ كەچتە  ھاراق ئىچىپ خەتەرلىك ئۇسۇلىدا  ىنىڭ نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنسنى ھەيدەپ新F***ناھىيە ج خ ئىدارسىى دىھقانچىلىق مەيدانى تەكشۈرۈش پۇنكىتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان بولۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق  قېنىدىن ئىسپرت تەركىۋى بايقالغان،ئىلى ئوبلاستلىق ج ج ئىدارىسىنىڭ باھالاش پىكىرىدە رو**نىڭ قېنىدىن بايقالغان ئىسپىرتنىڭ مىقرارى .186.03mg/100m lدەپ باھالاپ بىكىتىلگەن

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدىغان دەلىل- ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.يازما ئىسپات ؛

2.گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ؛ 

3.جاۋابكارنىڭ  ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ؛

4.باھالاش پىكىرى؛

5.نەق مەيدان ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،رەسىمى قاتارلىقلار.

مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋابكار رو**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىك ھەرىكىتى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 133-ماددىسى بىر مەزمۇنىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ جىنايەت پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست ،خەتەرلىك ئۇسۇلدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىك. شۇڭا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ 172-ماددىسىدا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىممىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق.  قانۇن بويىچە جىنايى جازا بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: گۈلمىرە ئابدىغەنى  

ياردەمچى تەپتىش :مىرزىئەكرەم

2018- يىلى 5- ئاينىڭ 18- كۈنى

قوشۇمچە :

1.جاۋابكار ئائىلىسىدە كىپىلدە.

2.دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى بىلەن گۇۋاھچىلار تىزىملىكى قوشۇپ يوللاندى.

3.​ 2توپلام دېلو بىلەن مۇناسۋەتلىك ماتېرىياللار كۆپەيتىلمىسى قوشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top