欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(如某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ج ئە چىقىش (2020) XX-نومۇرلۇق

جاۋابكار ر XX ، ئەر، ئۇيغۇر-XX، يىلى-XXئاينىڭ-XXكۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمىرى : XXxxxxxxxx 65292419 ، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت 1-گوروپ 2-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن زەھەر چەككەنلىك قىلمىشى ئۈچۈن 15 كۈن مەمۇرى جەھەتتىن توختىتىپ قۇيۇلغان. خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپىسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلىپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن كېپىلگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ر XX نىڭ خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى شايار ج خ چىقىش (2020)XX-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بار بولغان قانۇني ئاقىۋەتنى ئوقتۇرۇپ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا قارتا تېز كېسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:جاۋاپكار ر XX 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 23:30 لار ئەتراپىدا شايار ناھىيە XX بازىرى XX نىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى بىر ھاراق دۇكىنىدا ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كىيىن، 2019-يىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر 00:20 لەر ئەتراپىدا XX نىڭ ئالدىغا توختىتىپ قويغان ئۆزىنىڭ 新N5XXXXنۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ شايار ناھىيە XX بازىرى XX دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۆزى بىلەن قارشى يۆنىلىشتە كىلىۋاتقان ئە XX ھەيدەپ ماڭغان 新NTXXXX نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتسىكىلىت بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن. باھالاش ئارقىلىق جاۋاپكار ر XX نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقىدا 215 مىللىگىرام ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ بارلىقى ئېنىقلانغان. شايار ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى «يول قاتناش ھادىسىسى ئېتىراپنامىسى» چىقىرىپ «ر XX بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ تەڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئە XX بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىنىڭ تەڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بېكىتكەن.  تەھقىقلەش ئورگىنى بىكىتكەن دېلو پاكىتى بىلەن دېلو بېجۈرگۈچى تەكشۈرۈپ بىكىتكەن دېلو پاكىتى ئاساسى جەھەتتىن بىردەك.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تۇلۇق بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكارنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازاغا قايىل بولغان.

مەھكىمىمىز جاۋابكار ر XX نىڭ قاتناش باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەسىت ھالەتتە موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشىدىن خەتەرلىك ئۇسۇلدا موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ۋە تۇلۇق، جاۋابكار تەھقىقلەش باسقۇچىدىن باشلاپ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ تاپشۇرۇپ، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بولغان، جامائەت خەۋىپسىزلىگىنى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن 1-تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسى، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-، 176-،  222-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، مەھكىمىڭىزلارنىڭ مەزكۇر دېلونى تىز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشى ۋە جاۋابكار ر XX نىڭ قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى، پىراۋىسىز موتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەنلىكى، ھادىسە سادىر قىلىپ ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، جىنايىتىنى تۇنۇش پوزىتسىيىسى قاتارلىق تەرەپلەرنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈچ ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 7000 يۈەن شىتىراف قۇيۇپ قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشڭىزلارغا تەكلىپ بىرىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

 XX XX

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا دەلىل ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى، بىر توپلام تەھىقىقلەش دېلو ئارخبى (109 بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار كېىپىلگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە بار.

3) جاۋاپكارنىڭ «جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازاغا قايىل بۇلۇش تۆۋەنامىسى» دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top