乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检一部刑诉〔2020〕X号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) X -نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار رX، ئەر، ئۇيغۇر، X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:XXXX. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە X يىزاX-كەنىت X-مەھەللە X- نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان ، ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار رXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، X-يىلىX-ئاينىڭ X-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، 2020-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىينكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق، بارلىق دېلو ماتىرياللىرى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، جاۋابكار تېز كىسىم قىلىش تەرتىپىنى قوللىنىش تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت
جاۋابكار رX X-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى سائەت 18:00 دىن 19:30 غىچە ئۇچتۇرپان ناھىيە X شەھەر X-رايۇنىدىكى بىر سوغوق ئىچىملىك دۇكىنىدا مX بىلەن 2 قۇتا ئاق ھاراق ھاراق ئىچكەندىن كىيىن 21:30 ئەتراپىدا X يېزىسىغا بېرىپ X يېزىلىق مەركىزى بالىلار باغچىسىنىڭ قارشى تەرىپىگە توختىتىپ قويغان X نۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق موتىسىكلتىنى پىراۋىسىز، مەس ھالدا ئۆزى يالغۇز ھەيدەپ X يېزا X-كەنىت تەرەپكە قاراپ ماڭغاندا شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان.
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى رXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 197.86مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان.
جاۋابكار رX كاپالەتچىگە بېرىلگەن مەزگىلدە 2019-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى سائەت 19:00 ئەتىراپىدا X يېزا بازىرى ماي قاچىلاش پونكتىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ھاراق دۇكىنىدا ئاق ھاراق ئىچىپ سائەت 22:00 ئەتراپىدا X يېزا مەركىزى بالىلار باغچىسىنىڭ ئالدىغا توختىىتپ قويغان نۇمۇر تاختىسى يوق ،ئىككى چاقلىق موتسىكلتىىنى پىراۋىسىز، مەس ھالدا ھەيدەپ X يېزا X-كەنىتتىكى مXنىڭ دۇكىنى ئالدىغا كەلگەندە كەنىت ساخچىسى تەرىپىدىن بايقالغان .
شىنجاڭ خۇاتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنى رXنىڭ ھەر100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 236.77مىللىگىرام دەپ يەكۈن چىقارغان .
يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار رX مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار رXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىفورىت قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، پىراۋىسىز، مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن، بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرلىگەن مەزگىلدە يەنە ھاراق ئىچىپ، مەس ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولغان، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەك. دېلو پاش بولغاندىن كېيىن جاۋابكار جىنايى قىلمىشى ئەينەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغان. «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جاۋابكارغا 5ئاي 10 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە شىتراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: روشەنگۈل شېيىق
پۈتۈكچى: ئامانگۈل تۇردى
-2020يىلى 6 -ئاينىڭ 21-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى سوتقا يوللاندى.
(2) جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كاپالەتچىدە ، تىلفۇن نۇمۇرى : XXX
(3) جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论