欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(奶某某盗窃案)

2021-09-24 尘埃 评论0

鄯善县人民检察院

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى 

      

             پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2021)   3  -نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

 جاۋاپكار : : نەXX، ئەر ، ئۇيغۇر،** 19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 65212219******1416،  پىچان ناھىيە ** يېزا كەنت 1- گۇرۇپپىدا ئولتۇرشلۇق،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان ، ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019- يىلى 11- ئاينىڭ 24-كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 9- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.

  پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار نەXXنىڭ ئوغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 12- ئاينىڭ  9- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋاپكارغا جىنايىتى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق ، جاۋاپكار مەزكۇر دىلوغا  ئاددى تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئىچىشقا قوشۇلدى.

      مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:

2019- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچ سائەت 02:00 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار نەXX، ئاغىينسىنى ئاXX، ئوXX قاتارلىقلار بىلەن پىچان ناھىيە ** ئۈستىدىكى پىيادىلەر كوچىسىدا كىتىۋىتىپ، پىيادىلەر كوچىسىغا توختىتىپ قويغان 2100 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئىككى چاقلىق ئاق رەڭلىك توكىسىكىلىتنىڭ ئاچقۇچ سىلىقلىق ھالەتتە توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ ئوغۇرلاش مەقسىتىگە كىلىپ، ئاغىينىسى ئاXXنى چاپىنى بىلەن بۆكىنى ئارىيەت ئىلىپ كىيىپ ، توكىسىكىلىتنى ئاچقۇچى بىلەن ئىچىپ ھەيدەپ ئوغۇرلاپ كىتىپ، ئەتىسى توكىسىكىلىتنى ئو**غا 300 يۈەنگە گۆرۆگە قويۇپ پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. (دىلو پاش بولغاندىن كىيىن توكىسىكىلىت ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان)

    يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ؛ 3. جاۋابكارنىڭ ئىقراى ۋە ئاقلىنىشى؛ 4. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 5. باھالاش يەكۈنى؛ 6. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى  قاتارلىقلار بار.

   يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىپنامىدە بىكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ، جاۋاپكار نەXXنىڭ  ئەيىپلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكىرى يوق ھەم ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

   مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار نەXX ئۆزى يالغۇز ئىگەللىۋىلىش قىلىش مەقسىتىدە، شەخىسلەرنىڭ جەمئىي 2100 يۈەن قىممىتىدىكى مال- مۈلۈكىنى يۇشۇرۇن ئېلىۋالغان قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راسىت ۋە تولۇق، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك.

جاۋاپكار نەXX جىنايىتىنى تونۇپ بىرىلىدىغان جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يىنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قاراپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلە.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2021- يىلى -1 ئاينىڭ 8- كۈنى

ئىزاھات: 

1.​ جاۋاپكار نەXX  ھازىر ئائىلىسىدە كىپىلدە. ئالاقىلىشىش نومۇرى: **

2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام ،تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام ،ئەيىبنامە 10 نۇسخا، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخىتى بىر نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top