欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(外某某盗窃案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى باغراش ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 

ئەيىبلەشنامىسى

                                         ب ت -1بۈلۈم ج ئەيىبلەش14  -  (2020 )نومۇرلۇق

جاۋابكار ۋ ،XXئەر،-2001يىلى-Xئاينىڭ-X كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى6528292001XXXXXXXX :    ،ئۇيغۇر، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئوقۇغۇچى،  نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى ۋە  ھازىرقى ئولتوروشلۇق ئورنى باغراش ناھىيە X يېزىسى XكەنتXگۇرۇپXنۇمۇرلۇق ئۆي،  ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان .

جاۋابكار ۋەلى غېنى - 2019 يىلى- 12 ئاينىڭ- 19 كۈنى باغراش ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن. - 2020 يىلى-5ئاينىڭ -8 كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن قانۇن بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىلگە بىرىلگەن. جاۋابكار ھازىر ئۆيىدە.

باغراش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى جاۋابكار ۋXXنىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسى  ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،- 2020يىلى- 5ئاينىڭ- 7كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ  تەكشۇرۇپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز  دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن،  شۇ يىلى -5ئاينىڭ -8كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى  ئۇقتۇرۇپ، ھەمدە جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇ ئال سوراپ، بارلىق دېلو ماتىرياللىرىنى  تەكشۈرۈپ مەزكۇر دېلونىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۆۋەندىكىدەك مۇقىملاشتۇردى:   

قانۇن بويىچە تەكشۇرگىنىمىزدە:

  1.   2019-يىلى 7- ئاينىڭ باشلىرىدا ، جاۋابكار ۋ،XX مX ( مەمۇرىي بۇيىچە جازا بىرىلگەن ) غا تۇخۇ ئوغۇرلاشنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن، مX قۇشۇلۇپ ،شۇ كۈنى سائەت 18 دە جاۋابكار ۋXXنىڭ تاختاي نۇمۇرى: 新电MU7967 بولغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ ، باغراش ناھىيەXيېزا X كەنىتXگۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ما X نىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، مX شۇ يەردە ئادەمگە قاراپ بەرگەن ، جاۋابكار ۋXX ئۆزىنىڭ تۇخۇ ئوغۇرلاش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان خالتىسىنى ئېلىپ ، زىيانلانغۇچى ماXXنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ، زىيانلانغۇچى ماXX نىڭ ئۈچ دانە تۇخۇسىنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كىيىن ، مXX بىلەن بىللە ئۈچ دانە تۇخۇنى ئېلىپ باغراش ناھىيە باغراش بازىرى يېزا ئىگىلىك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى « ما X تۇخۇ قوشخانىسى» غا ئاپىرىپ ، شۇ قۇشخاننىڭ خوجايىنى ما X گە  170 يۈەنگە سېتىپ ، ھارام پۇلنى ئارىشىپ خەجلەپ تۈگەتكەن .ئۈچ دانە تۇخۇنىڭ باھاسى 270 يۇەن .(ئەسلى  زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى     )

2 . 2019-يىلى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، جاۋابكار ۋXX ياXXگە(ئايرىم دىلودا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ) تۇخۇ ئوغۇرلاشنى ئوتتۇرغا قۇيغاندىن كىيىن ياXX قۇشۇلۇپ، چۈشتىن كىيىن سا ئەت 19 دە، جاۋابكار ۋXXنىڭ تاختاي نۇمۇرى: 新电MU7967 بولغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ ، باغراش ناھىيە X يېزا Xكەنىت Xگۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ما XX نىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، ياXX شۇ يەردە ئادەمگە قاراپ بەرگەن ، جاۋابكار ۋXX ئۆزىنىڭ تۇخۇ ئوغۇرلاش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان خالتىسىنى ئېلىپ ، ماXXنىڭ ئۈيىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ ئۈچ دانە تۇخۇسىنى ئوغۇرلاپ خالتىغا قاچىلاپ چىققاندىن كىيىن ، ئىككەيلەن ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن باغراش ناھىيە يېزا ئىگىلىك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى « ما X تۇخۇ قوشخانىسى» غا ئاپىرىپ ، ئۈچ  دانە تۇخۇنى دۇكان خوجايىنى ما XX گە  200 يۈەنگە سېتىپ ، ھارام پۇلنى ئارىشىپ خەجلەپ تۈگەتكەن .ئۈچ دانە تۇخۇنىڭ باھاسى 300 يۇەن .(ئەسلى  زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى(  .

3. 2019 - يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، جاۋابكار ۋ XX ياXXگە( ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلنىدۇ ) تۇخۇ ئوغۇرلاشنى ئوتتۇرغا قۇيغاندىن كىيىن ياXX قۇشۇلۇپ،چۈشتىن كىيىن سائەت 20 دە، جاۋابكار ۋXXنىڭ تاختاي نۇمۇرى新电MU7967 بولغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنگىشىپ ، باغراش ناھىيە X يېزا Xكەنىت Xگۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ما Xنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، ياX شۇ يەردە ئادەمگە قاراپ بەرگەن ، جاۋابكار ۋX ئۆزىنىڭ تۇخۇ ئوغۇرلاش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان خالتىسىنى ئېلىپ ، زىيانلانغۇچى ماXXنىڭ ھۈيلىسىدىن تۆت دانە تۇخۇسىنى ئوغۇرلاپ خالتىغا قاچىلاپ چىققاندىن كىيىن ، ئىككەيلەن ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن باغراش ناھىيە يېزا ئىگىلىك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى « ما شاۋ جۈن تۇخۇ قوشخانىسى» غا ئاپىرىپ ساتماقچى بولغاندا تۇخۇ بەك ئۇرۇق بۇلغاچقا تۇخۇنى ئالمىغاندىن كىيىن، جاۋابكار ۋ،XX ياXX تۆت دانە تۇخۇنى سۇيۇپ يەپ تۈگەتكەن .تۆت دانە تۇخۇنىڭ باھاسى 195 يۇەن. (ئەسلى  زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى)

4. 2019-يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، جاۋابكار ۋ XX ياXXگە(ئايرىم دېلودا بىر تەرەپ قىلنىدۇ ) تۇخۇ ئوغۇرلاشنى ئوتتۇرغا قۇيغاندىن كىيىن ياX قۇشۇلۇپ،چۈشتىن كىيىن سائەت20 دە، جاۋابكار ۋXXنىڭ تاختاي نۇمۇرى新电MU7967 بولغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنگىشىپ ، باغراش ناھىيە X يېزا Xكەنىت X- گۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ما Xنىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، ياX شۇ يەردە ئادەمگە قاراپ بەرگەن ، جاۋابكار ۋX ئۆزىنىڭ تۇخۇ ئوغۇرلاش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان خالتىسىنى ئېلىپ ، زىيانلانغۇچى ماXنىڭ ئۈيىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇنىڭ ئۈچ دانە تۇخۇسىنى ئوغۇرلاپ خالتىغا قاچىلاپ چىققاندىن كىيىن ، ئىككەيلەن ئىككى چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن باغراش ناھىيە يېزا ئىگىلىك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى « ما X تۇخۇ قوشخانىسى» غا ئاپىرىپ ، ئۈچ  دانە تۇخۇنى دۇكان خوجايىنى ما X گە 150 يۈەنگە سېتىپ ، ھارام پۇلنى ئارىشىپ خەجلەپ تۈگەتكەن .ئۈچ دانە تۇخۇنىڭ باھاسى 270 يۇەن .(ئەسلى  زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى )  

5.     2019-  يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ، جاۋابكار ۋXXنى ئۆزى يالغۇز سا ئەت 13  دىن 30  مىنۇت ئۆتكەندە,ئۆزىنىڭ   تاختاي نۇمۇرى新电MU7967بولغان 

ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ ، باغراش ناھىيە ساغاننۇر يېزا دۇندابۇخ كەنىت 8- گۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى ماX نىڭ ئۈيىنىڭ ئالدىدىكى ئورماندىن ، زىيانلانغۇچى ما Xنىڭ بىر دانە تۇخۇسىنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كىيىن ، ئۇ تۇخۇنى ئېلىپ باغراش ناھىيە باغراش بازىر يېزا ئىگىلىك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى « ما X تۇخۇ قوشخانىسى» غا ئاپىرىپ ، شۇ قۇشخاننىڭ خوجايىنى ما X گە  50 يۈەنگە سېتىپ ھارام پۇلنى ئۆزى خەجلەپ تۈگەتكەن .بىردانە تۇخۇنىڭ باھاسى 60 يۇەن .(ئەسلى  زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى   )      

6. 2019- يىلى 11-ئاينىڭ 17- كۈنى سا ئەت 14 ئەتراپىدا، جاۋابكار ۋXX بى)XX مەمۇرىي بۇيىچە جازا بىرىلگەن ) كە تۇخۇ ئوغۇرلاشنى ئوتتۇرغا قويغان، بىXXقۇشۇلغاندىن كېيىن، جاۋابكار ۋXX بىXX بىلەن بىللە ۋXXنىڭ تاختاي نۇمۇرى新电MU7967بولغان ئىككى چاقلىق توكسىكىلىتىنى مىنىپ ، باغراش ناھىيە X يېزا Xكەنىت Xگۇرۇپتىكى زىيانلانغۇچى دۇ X نىڭ پارنىكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، بىX شۇ يەردە ئادەمگە قاراپ بەرگەن ، جاۋابكار ۋXX ئۆزىنىڭ تۇخۇ ئوغۇرلاش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان خالتىسىنى ئېلىپ ، زىيانلانغۇچى دۇ XX نىڭ پارنىكىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ، دۇ XX نىڭ ئىككى دانە تۇخۇسىنى ئوغۇرلاپ چىققاندىن كىيىن بىXX بىلەن بىللە ئۇ ئىككى دانە تۇخۇنى ئېلىپ باغراش ناھىيە باغراش بازىرى يېزا ئىگىلىك بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى « ما XXتۇخۇ قوشخانىسى» غا ئاپىرىپ ، شۇ قۇشخاننىڭ خوجايىنى ما XX گە  150 يۈەنگە سېتىپ ، ھارام پۇلنى ئارىشىپ خەجلەپ تۈگەتكەن ئىككى دانە تۇخۇنىڭ باھاسى240 يۇەن .(ئەسلى  زىيان ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى   )

     يۇقارقى جىنايەت پاكىتنى ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى،  باھالاش پىكىرى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار تولۇق ئىسپاتلايدۇ. 

 مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ: جاۋابكار ۋXX باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ كۆپ قېتىم شەخسىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىغان بۇلۇپ، قىلمىشىدىن ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى›› نىڭ 264-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىشى كېرەك.جاۋاپكار ۋXX ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ ،جازانى قۇبۇل قىلغان ھەمدە زىيانلانغۇچىنىڭ زىيىنى تۆلەپ كەچۇرشىگە ئېرىشكەن بۇلۇپ، ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› نىڭ15-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش پىرىنسىپى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇلىدۇ.

شۇڭا، مەھكىمىمىڭىزلارنىڭ جاۋابكار ۋXXغا ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرۇيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى ›› نىڭ 264-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلەر ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

 ھۆرمەت بىلەن :

باغراش ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

                                                تەپتىش : غۇپۇرجان ھېكىم 

                                       2020- يىلى5- ئاينىڭ 28- كۇنى

قوشۇمچە :

1.جاۋابكار ۋXX بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن بولۇپ،ھازىر ئائىلىسىدە. 

2.ج خ ئىدارىسىنىڭ دېلو ئارخىپى ئىككى  جېلىد بىرگە يوللاندى .

       

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top