欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(外某某涉嫌危险驾驶案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 27-نۇمۇرلۇق

توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ۋ**، ئەر، ئويغۇر، **ياش،19**-يىلى*- ئاينىڭ *-كۇنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652925********2513 ، تۇلۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگەئىگە،دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان،توقسۇ ناھىيىسىدىن، توقسۇ ناھىيە ي** بازار ** كەنىت 4-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2020-يىلى1-ئاينىڭ 23-كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى توقسۇناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ئۇسۇلدا ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن بىرتەرەپ قلىنغىچە كاپالەتچگە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

بۇ دېلونى تۇقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋاپكار ۋ**نى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ (2020) 74-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكارلار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلارنى ئېنىقلىدى:

جاۋابكار ۋ** 2020-يىل 01-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 22:00 ئۆتكەن ئەتىراپتا توقسۇ ناھىيە توقسۇ بازار ئالتۇن بۈركۈت سودا بازىرىدىكى مەشرەپ رېستۇرنىدا تويدىكىلەر بىلەن ئولتۇرۇپ يەتتە رومكا ئەتىراپىدا قىزىل ھاراق ئىچىپ بولۇپ، دى**نىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ دى**نىڭ ئالتۇن بۈركۈت سودا بازىرىنىڭ ماشىنا توختىتۇش مەيدانىغا توختىتۇپ قويغان新N0477K نۇمۇرلۇق ماشىنسىنى پىراۋىسىز ھەيدەپ ئاغىنىسىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يۇقارقى مەھەللە كەنت بانكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاغىنىسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، مەشرەپ رېستۇرانىغا قايتىش ئۈچۈن ماشىننى ئارقىغا قايتۇرغاندا شىمالدىن جەنۇب يۆنىلىش بويىچە ماڭغان ماشىنا ۋ** ھەيدىگەن 新N0477K نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ سول تەرەپ ئوتتۇرسىغا سۇقۇلغاندىن كېيىن، ۋ** ماشىننى ھەيدەپ نەق مەيداندىن ئايرىلىپ مەشرەپ رېستۇرانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ دى**قا بولغان ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن ھادىسە نەق مەيدانىغا بېرىش ئۈچۈن 新N0477K نۇمۇرلۇق ماشىننى دى** ھەيدەپ توقسۇ مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى چارلاش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى 新N0477K نۇمۇرلۇق ماشىننى تەكشۈرۈپ ۋ**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان،

شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) 536- نومۇرلۇق باھالاش دوكلاتنامىسىدە« ۋ**نىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 136 مىللىگىرام» دىيىلگەن.

يۇقارقى پاكىتلار دېلودىكى يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، باھالاشنامە، ئۈن-سىن ماتىريالى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ. جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.

مەھكىممىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋاپكار ۋ*نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ. جاۋاپكار ۋ**غا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۇرۇر، جاۋاپكارغا2 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قۇشۇمچە 4مىڭ يۈەن شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىمىز . شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت

تەپتىش: گۈلەم تاش

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى

قۇشۇمچە :

1› جاۋاپكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. 2› دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل ئىسپاتلار 2 تۇپلام. 3› 8 پارچە ئەيىپلەشنامە، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى، بىر دانە پىلاستىنكا دېلو بىلەن بىرگە يۇللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top