شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 622- نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: شاXX، ئەر، ئۇيغۇر، **19- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 4234******65212219، نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن: پىچان ناھىيە ** يىزا ** كەنىت **- گۇرۇپپا، ھازىر پىچان ناھىيە ** ئولتۇراق رايونى **-بىنا **-كورپۇس **- نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىشسىز، ئىلگىرى جازالانمىغان. خەۋپلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چىتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ، 2020- يىلى 03-ئاينىڭ 31- كۈنى پىچان ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020- يىلى 09- ئاينىڭ 18- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە قايتا كىپىللىككە بېرىلگەن.
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار شاXXنىڭ خەۋىپلىك ھەيدەش دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 18- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە بەھرىمان بولىدىغان ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كېسىم قىلىش تەرتىپىنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020- يىلى 03- ئاينىڭ21-كۈنى سائەت 03 دىن 45مىنۇتلار ئۆتكەندە، جاۋابكار شاXX ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە، 新K**** نۇمۇرلۇق، «**» ماركىلىق، كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ، شەرىقتىن- غەرىپكە قاراپ يول يۈرۈپ، پىچان ناھىيە پىچان بازار ** ئامانلىق تەكشۈرۈش پونكىتى ئالدى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تۇتۇلغان.
شىنجاڭ «خىڭ جىڭ» ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ [2020] 45- نۇمۇرلۇق قاندىكى ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش دوكلاتنامىسىنىڭ خۇلاسىسىدە: شا**ىن ئېلىنغان قاندىكى ئىسپىرت مىقدارى mg/100ml 157.0» دەپ يەكۈن چىقارغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل- ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. باھالاش يەكۈنى؛ 4. نەق مەيدان خاتىرە- سۈرەتلىرى؛ 5. ئۈن- سىن پلاستىنكىسى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار شاXXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار شاXXنىڭ دۆلەتنىڭ قاتناش- ترانسىپورتنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئىچىپ، مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يول يۈرگەن قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بىرى 1- تارماق 2- تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەۋىپلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار شاXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار شاXXقا 1 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش، جىنايى جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئىزاھات :
1.جاۋاپكار شاXX ھازىر ئائىلىسىدە كېپىللىكتە، ئالاقىلىشىش تىلىفۇن نومۇرى: ****1369990.
2. دېلو ماتىرىيالى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش مەھكىمىسى دېلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىبنامە 10 نۇسخا، ئۈن- سىن پىلاستىنكىسى 1 دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论