欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(塞某某盗窃案)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                      ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)  576-نۇمۇرلۇق

         ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

    جاۋاپكار سXX، ئەر، ئۇيغۇر، 19ياش، كىملىك نۇمۇرى: 652901XX ، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسگە ئىگە، ئوقوغۇچى، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، توختۇتۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر XبازىرىXكەنىت X-گورۇپ-X- نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپدىن مۇدەتلىك ئالتە ئايلىق قاماق جازاسغا ھۆكۈم قىلنپ 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى جازا مۇدىتتى تۇشۇپ قويۇپ بىرىلگەن، 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 21 -كۇنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بىلەن  توختىتىپ قويۇلۇپ، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

         ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2020-يىلى3-ئاينىڭ 11-كۈنى(2020) 421-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى .

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋاپكار سXX 2019-يىلى 01-ئاينىڭ 30-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 12لەر ئەتىراپىدا زىيانلانغۇچى ئاXXنىڭ ئاقسۇ شەھەر XX مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ X-نۇمۇرلۇق ياتاقتىكى ئىشكاپقا قويۇپ قويغان بىردانە 2950يۈەن قىممىتىدىكى oppo  ماركىلىق ، كۇل رەڭلىك تىلفۇنىنى  ئوغۇرلاپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زىيان تولۇق ئەسلىگە كەلگەن

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى  قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ . 

مەھكىمىمىز جاۋاپكار س XXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك ،ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋاپكار سXXكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 65-ماددا بەلگىلىمىسى بويىچە مۇدەتلىك يەتتە ئايلىق قاماق جازاىسى بىرىپ،قوشۇمچە 2000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى مۇۋاپىق دەپ قاراپ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .

                                 تەپتىش : جXX

                                 تەپتىش :ئاXX

2020-يىلى5 -ئاينىڭ  22-كۈنى

ئىزاھات : 

‹1جاۋابكار  سXX ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخاندا قاماقلىق. 

2› 8نۇسخا ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top