欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(塞某某危险驾驶案)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

كۇچا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت ئەيىبلەش چىقىش (2020)49- نومۇرلۇق

كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار سX، ئەر، ئويغۇر، 1983-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529231983، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، يۇرتى:شىنجاڭ كۇچا ناھىيىسى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇن ۋە ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرىسى:كۇچا ناھىيە ** يېزا** كەنت**- گوروپپا**- نومۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.

خەتەرلىك شوپۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019-يىلى1- ئاينىڭ8- كۇنى كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە ئائىلىسىگە(ئاپىسى نۇرنەم ياسىنغا) كاپالەتچىلگە بېرىلگەن .

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى (2019) 849-نۇمۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار سXنىڭ خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايى دىلوسىنى 2020- يىلى 1- ئاينىڭ2- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن شۇ كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا تېز كىسىم تەرتىپىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋاپكار سەمەت ھاسان 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 05-كۈنى سائەت16:00 لەر ئەتراپىدا،** يېزا** كەنىت ** دىگەن يەردىكى ئېتىزلىقتا ئولتۇرۇپ ئۈزى يالغۇز يېرىم بۇتۇلكا ماۋتەي ماركىلىق ئاق ھاراق ئىچىپ بۇلۇپ 19:00 دىن ئاشقان ۋاقىتتا ئۆيگە كىتىش ئۈچۈن، ئېتىزلىقىغا توختۇتۇپ قويغان قىزىل رەڭلىك،نۇمۇر تاختىسىز ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتىنى پىراۋىسىز ھالەتتە ھەيدەپ كۇچا ناھىيە**-لىنيە يۇلىدا جەنۇپتىن-شىمالغا قاراپ مىڭىپ 41كىلومىتىر+900مىتىرلىق يول بۆلىكىگە كەلگەندە،شۇ يولدا شىمالدىن-جەنۇپقا قاراپ ماڭغان زX ھەيدىگەن نۇمۇر تاختىسىز ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بىلەن سۇقۇشۇپ كەتكەن، نەتىجىدە زXىڭ يىنىك يارلىنىشى،ئىككى قاتناش ۋاستىسىنىڭ بۇزۇلۇشتەك يول قاتناش ھادىسىسى كىلىپ چىققان، شىنجاڭ قاتناش پەن- تەتقىقات يۇرتى ئەدلىيلىك باھالاش ئورنىنىڭ باھالاش پىكىرنامىسىدە، سXنىڭ ۋىنا قان تۇمۇرىدىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقتارى/100ml mg93 دەپ باھالاپ بېكىتكەن.

كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەتىرتىنىڭ چىقارغان ھادىسە ئىتراپنامىسىدە«سX يۇقارقى ھادىسىدىكى تولۇق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، زارى مۆمىنگە مەسئۇلىيەت بىرىلمەيدۇ»دەپ بېكىتكەن.

كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ماددىي ئىسپات باھالاش ئىشخانىسىنىڭ چىقارغان(2019)32- نومۇرلۇق زەخمە باھالاشنامىسىدە«زXنىڭ زەخمە دەرىجىىسى يىنىك زەخمە1- دەرىجە»دەپ بېكىتكەن.

دىمەك، جاۋابكار سXنىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، باھالاشنامە، ئېنىقلاپ– تەكشۈرۈش خاتىرسى، ئۈن- سىن ماتىريالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنى توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكار سXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ـ ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار سXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشى« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133ـ ماددا 1ـ تارماق 2ـ تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىسگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپات راست ھەم تولۇق، خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار سX جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار سXكە 2ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىپ، « جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: قاھار ئابدۇراخمان

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1 .جاۋابكار سX ئائىلىسىگە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە .

2. بىر توپلام تەھقىقلەش دىلو ئارخىپى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، 2 نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، تېز كېسىم تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ،جازانى قۇبۇل قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپنامىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top