ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 2-بۆلۈم ج ئە﹝2020﹞59–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، 1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: ********6501021989، ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەلۇماتلىق، مۇقىم كەسپى يوق، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە دائىم ئولتۇرۇشلۇق ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى **رايونى **يولى **-نومۇر **-بىنا **-كۇرپۇس **-ئۆي. زەھەرلىك چىكىملىك چەككەنلىكى ئۈچۈن، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۈن توختىتىش جازاسى بېرىلگەن. زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھكىمىمىز زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. شۇ ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ت**نىڭ زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 7–ئاينىڭ 23-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى دېلونىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەش سۈرىكىنى بىر قېتىم 15 كۈن ئۇزارتتۇق، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى دېلونى تەھقىقلىگۈچى ئورگاننىڭ تولۇقلاپ تەھقىقلىشىگە قايتۇردۇق، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تولۇقلاپ تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى دېلونى ئەيىبلەشكە قايتا يوللىدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 19:00 لار ئەتراپىدا، جاۋابكار ت** زەھەرلىك بويۇم سېتىۋالغۇچى پ**غا زەھەرلىك بويۇم ناتاشا سېتىپ بىرىش ئۈچۈن، پ**دىن ئىككى قېتىمدا ئۈندىدار ئارقىلىق ۋە نەق پۇل شەكلىدە جەمئى 1600 يۈەن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، پ**غا سېتىپ بەرمەكچى بولغان بىر بولاق سېرىق يېشىل رەڭلىك ئۇۋاق يوپۇرماقسىمان بويۇم(ناتاشا)نى شەھىرىمىزنىڭ **رايونى **يولى **-كوچا **-يالغۇز بىنا **-كۇرپۇس كارىدورىنىڭ بالكونىغا يوشۇرۇپ قويۇپ، پ**غا يوشۇرۇپ قويغان ئورۇننى سۆرەتكە تارتىپ ئەۋەتىپ بەرگەن ۋە پ**نىڭ كىلىپ ئېلىۋېلىشنى ئېيتقان.
2020-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت 20:20 لەر ئەتراپىدا، تەھقىقلىگۈچى ئورگان جاۋابكار ت**نى **رايۇنى **كوچىسى **-نۇمۇرلۇق قورۇ ئالدىدا تۇتقان ۋە ت**پ**غا ساتقان بىر بولاق سېرىق يېشىل رەڭلىك ئۇۋاق يوپۇرماقسىمان بويۇم(ناتاشا)نى يوشۇرۇپ قويغان ئورۇندىن ئاختۇرۇپ تاپقان.
تەھقىقلىگۈچى ئورگان ئاختۇرۇپ تاپقان يۇقارقى بىر بولاق سېرىق يېشىل رەڭلىك ئۇۋاق يوپۇرماقسىمان بويۇم(ناتاشا)نىڭ ئېغىرلىقىنى قانۇن بويىچە ئۆلچەش، تەركىبىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساپ ئېغىرلىقىنىڭ جەمئى 7.69 گىرام ئىكەنلىكى، تەركىبىدە 3،3-دىمىتىل رادىكالى-2-مىتىل بوتىرات(باشقا ئىسمى:5F-ADB ) تەركىبىنىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. ماددى ئىسپات: جاۋابكار ت** زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىشتا ئىشلەتكەن بىر دانە قارا رەڭلىك خۇاۋېي ماركىلىق يانفون.
2. يازما ئىسپات: جاۋابكار ت**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، دېلوغا كىلىش(تۇتۇلۇش) جەريانى ئىسپاتى، ئۈندىدار پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى، يانفون سۆزلىشىش خاتىرىسى قاتارلىقلار؛
3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى: گۇۋاھچى پ**دىن ئېلىنغان گەپ سوراش خاتىرىسى؛
4. جاۋابكار ت**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. ئاختۇرۇش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش خاتىرىسى؛
6. باھالاش پىكرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك بويۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق زەھەرلىك بويۇمنىڭ تەركىبىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛
7. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: تونۇتۇش سۆرەتلىرى، جاۋابكار ت**نىڭ ئىلگىرى مەمۇرى جەھەتتىن جازالانغانلىقىغا ئائىت ئىسپات، تەھقىقلىگۈچى ئورگان تەمىنلىگەن چۈشەنچە ئىسپاتى قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ت**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ت**نىڭ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا زەھەرلىك بويۇم ناتاشا ساتقان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 347–ماددىسىنىڭ 1-، 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، زەھەرلىك بويۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: پەرھات ئەركىن
تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ئوبۇل
تەپتىش ياردەمچىسى: مىھرىگۈل تۇراخۇن
2020–يىلى 10–ئاينىڭ 19–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ت** ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا؛
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 3 توپلام، دېلو چېتىشلىق ماددى ئىسپات(بىر دانە خۇاۋېي ماركىلىق يانفون) بىرگە يوللاندى.
3. جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى)، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىپ سوت قىلىش پىكىرنامىسى ۋە جازا ئۆلچەش تەكلىبىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论