شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئاقسۇ ش ت ئەيىبلەش چىقىش (2019) 2875-نۇمۇرلۇق
ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋاپكار تاXX، ئەر، ئۇيغۇر، 28 ياش، كىملىك نۇمۇرى: 6529011991XXXXXXXXتۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى ئاقسۇ شەھىرى، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئولتۇرقى: ئاقسۇ شەھەر XX بازار XX-كەنتXX-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى XX ئۆلكىسى XX شەھرى XX رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى ۋە تارتىۋېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 2 يىل 2 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىپ 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بىرىلگەن. 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،2019-يىلى9-ئاينىڭ 4-كۈنى(2019) 1215-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى،مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :
– 2019 يىلى -7 ئاينىڭ -5 كۈنى سائەت 12 ئەتراپىدا، زىيانلانغۇچى تۇXX XXبازار-XX كەنت-XX گورۇپتىكى يولدا ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىتتا كىتىۋىپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان،شۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەن،بۇ جەرياندا زىيانلانغۇچى تۇXXڭ ئىچىدە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەر سېلىنغان بىر دانە سومكىس شۇ يەردە قالغان ،جاۋاپكار تاXX «يۈندا »تېز مال يەتكۈزۈش ئورنىدىكى دۇكاندىن چىقىپ شۇ يەردە قالغان سومكىنى كۆرۈپ ئىچىدىكى 19372يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى تال ئالتۇن زەنجىر، بىر تال بىلەيزۈك، ئىككى جۈپ ھالقا، ئىككى جۈپ ئۈزۈك قاتارلىق جەمئىي 67.97 گىرام ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن زىبۇ –زىننەتلەرنى ئېلىۋىلىپ سومكىنى ئايرىم بىر كىچىك قەغەز قاپقا سېلىپ تېز يوللانما يەتكۈزۈش ئورنىنىڭ ئىچىدىكى جوزىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان . دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلگەن .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ، ئېنىقلاش –تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
مەھكىمىمىز جاۋاپكار تاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ،جىنايەت پاكىتى ئېنىق،دەلىل –ئىسپاتى تولۇق ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك،ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن،جاۋاپكار تاXXگە مۇدەتلىك بىر يىل تۆت ئايلىق قاماق جازاسى ،قوشۇمچە 5000يۈەن شىتراف قويۇش جازاسى بېرىشكە تەكلىپ بېرىپ ،« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق .
تەپتىش : ئايجامال ئابدۇراخمان
مۇۋەققەت تەپتىش :جۈرئەت ئابلەت
2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئىزاھات :
1)جاۋابكار تاXX ھازىر ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخاندا قاماقلىق.
2) سەككىز نۇسخا ئەيىبنامە، بىر پارچە جىنايىتىنى تونۇپ جازاسىغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى ۋە بىر توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە ئەۋەتىلدى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论