欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(塔某某盗窃案自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

                      

                   ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞227–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار تا**، ئايال، ئويغۇر، 1962–يىلى **–ئاينىڭ **–كۈنى **ناھىيىسدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6529271962، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، سودا ساراي تازلىقچىسى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: **شەھىرى **رايۇنى ** يولى **-نۇمۇر. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئادىرسى: **شەھىرى **رايۇنى **قوروسى **-بىنا **-ئىشىك **-نۇمۇرلۇق ئۆي. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى  ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن تۇرالغۇ جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار تا**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 11–ئاينىڭ 10-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى سائەت 12 لەردە، جاۋابكار تا** ** رايۇنى **يولى** سودا سارىيى **-قەۋەت **-نۇمۇرلۇق دۇكانغا كىرىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇ**نىڭ دۇكان ئىچىدىكى رەختنىڭ ئاستىغا قۇيۇپ قويغان 2550 يۈەن قىممىتىدىكى بىر دانە كۆك رەڭلىك خۇاۋېي ماركىلىق mete20 تىپلىق يانفۇنىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان. 

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. جاۋابكار تا**نىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى؛

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇ**نىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛

3. جاۋابكار تا**نىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. مال باھا بېكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى؛

5. دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تىزىملىكى قاتارلىقلار.

يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار تا**نىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار تا**نىڭ باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

    تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                             تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت

2020–يىلى 11–ئاينىڭ 20–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار تا** ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە.

2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.

3. جازا ئۆلچەش تەكلىپى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.

4. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى) بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top