焉耆县人民检察院
起 诉 书
焉检一部刑诉〔2020〕61号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ق ت ج ئەيىبلەش[2020] 61 -نومۇرلۇق
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
جاۋابكار تانامەلۇم، ئەر ، -19XXيىلى -XXئاينىڭ -XXكۈنى شىنجاڭ XX ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:65282619XXXXXXXX، ئۇيغۇر، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى خەتەرلىك ئاپتىموبىل ھەيدەش جىنايىتى بىلەن قاراشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇلۇپ ،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، جاۋابكار تانامەلۇم 2019 -يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى قاراشەھەر ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختۇتۇپ قويۇلغان،2020-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ قولغا ئېلىشنى تەستىقلىشى بىلەن شۇ يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان،ھازىر باغراش ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.
جاۋابكار تانامەلۇمنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدە قاراشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقى ۋە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاش ھوقۇقىنىڭ بارلىغى ئۇقتۇرۇلدى. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بىرىنچى قېتىم تولۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلدى، 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى قايتا قۇبۇل قىلىندى، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، دېلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى. جاۋابكار مەزكۇر دېلودا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمى تەدبىقلاشقا قوشۇلدى.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:
1) جاۋابكار تانامەلۇم 2019يىلى 09-ئاينىڭ ئاخىرى زىيانلانغۇچى مەنامەلۇم بېيجىڭ شەھىرىگە كېسەل كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بارغاندا جاۋابكار تانامەلۇمنى تەرجىمانلىققا بىللە ئېلىپ بارغان ،جاۋابكار تانامەلۇم بېيجىڭ شەھىرىدە مەنامەلۇمنىڭ يان تېلفۇنىنىڭ مەخپى نۇمۇرى ۋە ئۈندىدار چىقىم قىلىش مەخپى نۇمۇرىنى بىلىۋالغان ،جاۋابكار تانامەلۇمنىڭ يان تېلفۇنى بۇزۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن دائىم زىيانلانغۇچىنىڭ يان تېلفۇنىنى ئىشلەتكەن،بۇجەرياندا زىيانلانغۇچىنىڭ ئۈندىدارغا باغلاپ قويغان پوچتا بانكىسىنىڭ 6217998800056733636 نۇمۇرلۇق بانكا كارىدىكى 3000يۇەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكىگەن ،3000يۇەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەندىن كېيىن يەنە مەنامەلۇمنىڭ ئۈندىدار پۇل قاپچۇقىدىكى 1000يۇەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ خەجلىگەن ،مەنامەلۇمنىڭ ئۈندىدارىدىكى بەش خېرىدارى قىزىل بولاق ئاتقان جەمئىي 3530يۇەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ خەجلەپ تۈگەتكەن ،2019-يىلى10-ئاينىڭ 14-كۈنى جاۋابكار تانامەلۇم زىيانلانغۇچى مەنامەلۇم بىلەن بېيجىڭ شەھىرىدىن قايتىپ كىلىش جەريانىدا زىيانلانغۇچىنىڭ چىقىمداننىڭ (جىفۇباۋ ) چىقىم قىلىش مەخپى نۇمۇرىنى بىلىۋالغان،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى جاۋابكار تانامەلۇم زىيانلانغۇچى مەنامەلۇمنىڭ قاراشەھەر ناھىيە يۇمىلاق بازار ئىچىدىكى ساغلاملىق بۇيۇملىرى دۇكىنىدا زىيانلانغۇچى مەنامەلۇمنىڭ يان تېلفۇنىدا توردىن زىيانلانغۇچىغا يان تېلفۇن ئېكران ئاسراش ئەينىكى بۇيرۇتۇپ بىرىش جەريانىدا زىيانلانغۇچى مەنامەلۇمنىڭ چىقىمدېنىنى (جىفۇباۋ)ئېچىپ يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپىنىڭ 6212876440001349نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن ھەر قېتىمدا 20000يۇەندىن ئىككى قېتىم 40000يۇەن پۇلنى ئۆزىنىڭ چىقىمدان ھېسابىغا يۆتكىۋېلىپ ،زىيانلانغۇچىنىڭ يان تېلفۇنىغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرنى يۇيىۋەتكەن ،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى جاۋابكار تانامەلۇم ئۆزىنىڭ تېلفۇنىدا زىيانلانغۇچىنىڭ چىقىمدانىنى ئېچىپ مەنامەلۇمنىڭ چىقىمدېنىنى (جىفۇباۋ)ئېچىپ يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپىنىڭ 6212876440001349نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا 20000يۇەن پۇلنى يۆتكىۋالغان ،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى جاۋابكار تانامەلۇم زىيانلانغۇچى مەنامەلۇمنىڭ قاراشەھەر ناھىيە يۇمىلاق بازار ئىچىدىكى ساغلاملىق بۇيۇملىرى دۇكىنىدا زىيانلانغۇچى مەنامەلۇمنىڭ يان تېلفۇنىدا زىيانلانغۇچىنىڭ چىقىمدانىنى ئېچىپ يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپىنىڭ 6212876440001349نۇمۇرلۇق بانكا كارتىسىدىن ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا 15000يۇەن پۇلنى يۆتكىۋالغان،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 03-كۈنى ئۆزىنىڭ يان تېلفۇنىدا زىيانلانغۇچىنىڭ چىقىمدانىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا 10000يۇەن پۇلنى يۆتكىگەن ،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 09-كۈنى ئوخشاش ئۇسۇلدا 15000يۇەننى ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكىگەندىن كېيىن زىيانلانغۇچى مەنامەلۇم قىسقا ئۇچۇرنى بايقاپ قالغاندىن كېيىن جاۋابكار تانامەلۇم 15000يۇەن پۇلنى زىيانلانغۇچىنىڭ بانكا كارتىسىغا ئۇرۇپ ،ئارقىدىن يەنە قايتا ئۆزىنىڭ چىقىمدانىغا يۆتكەپ خەجلىگەن ،جاۋابكار تانامەلۇم زىيانلانغۇچى مەنامەلۇمنىڭ ئۈندىدارىدىكى ،پوچتا بانكا كارتىسى ،يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپىنىڭ بانكا كارتىسى قاتارلىقلاردىن جەمئىي 107530يۇەن پۇلنى ئوغۇرلاپ خەجلەپ تۈگەتكەن .
2) جاۋابكار تانامەلۇم 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 3 دىن 10 مىنۇتلار ئەتىراپىدا ، قاراشەھەر ناھىيە شاڭماۋچىڭ تۆت كوچا يول ئېغىزى يول بۆلىكىدە ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز 新MVA808 نۇمۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىسىنى ھەيدەپ ماڭغاندا ، قاراشەھەر ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى ساقچىلىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان، تانامەلۇمنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىلىيەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاش نەتىجىسىدە ھەر 100 مىللىلىتىر قان تەركىبىدە 206 مىللىگىرام ئىسپىرت ماددىسى بار دەپ باھالانغان.
يۇقارقى جىنايى پاكىتنى يازما ئىسپات، باھالاش پىكرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. بىكىتىشكە بولىدۇ.
يۇقىرىقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ھەقىقىي، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار تانامەلۇم ئەيىبلىگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكردە بولمىدى، ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشنى ئىقرار قىلدى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تانامەلۇم قانۇنسىز ئىگەنللىۋىلىش مەخسىتىدە يۇشۇرۇن ئوغۇرلاش ۋاستىسىنى قوللۇنۇپ خۇسۇسلارنىڭ 107530 يۈەن قىمىتىدىكى مال مۈلۈكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 264- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
جاۋابكار تانامەلۇم قاتناش بىخەتەرلىك قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدىگەن قىلمىشىدىن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇن» نىڭ 133-ماددىسىنىڭ ئىچىدىكى 1-تارمىغىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جىنايى جاۋابكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇش كېرەك.
شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن
قاراشەھەر خۇيزۇ ئاپتونۇم ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى
تەپتىش: ياسىنجان ئىمىن
پۈتۈكچى : مەردان ئۆمەر
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى
قوشۇمچە:
(1)جاۋابكار تانامەلۇم باغراش ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق
(2)بارلىق دېلو ئارخىۋى ئىككى توپلام.
(3) گۇناھىنى تۇنۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش كېپىللىك خېتى بىر پارچە.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论