欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(塔某某寻衅滋事案)(公开版)_温宿县人民检察院

2021-09-26 尘埃 评论0

温宿县人民检察院 

起 诉 书

温宿县检刑检部刑诉〔2019〕494号 

  شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئونسۇ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

 

ئەيىبنامىسى

                                           ئو ت ئەيىبلەش (2019)   -نۇمۇرلۇق

جاۋابكار تاXXئەر ئۇيغۇر ،XX19-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى:2270XXXXXX65292219 ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسگە ئىگە، دېھقان، ئونسۇ ناھىيەXX يېزا XX كەنىت XX-مەھەللىدە ئولتۇرشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان،  2008 -يىل 2-ئايدىن 2016  -يىل 8-ئايغىچە ئونسۇ ناھىيەXX يېزا XXكەنىت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سىكىرتارىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈتگەن، 2018-يىلى 12-ئايدا پارتىيىلىكتىن چىكىندۇرۇلگەن، 2019-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى  ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايەت گۇمانى بىلەن ئونسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بۇيىچە توختىتىپ قۇيۇلغان ، 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

 ئونسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرىلاشتۇرۇپ جاۋابكار تاXXنى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقرىش جىنايىتى بىلەن 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاپكارغا دەۋا جەريانىدا بەھرىمان بولدىغان ھوقوق-مەجبۇرىيتىنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇق، ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزدۇق؛ جاۋاپكاردىن قانۇن  بويىچە سۇئال سورىدۇق، بارىلىق دېلو ماتىريالىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق.

 قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى پاكىتلار ئېنىقلاندى: 

 جاۋابكار  تاXX 2013-يىلى6-ئايدا ئونسۇ ناھىيە XX يېزا XXكەنىتXX-مەھەللىدىكى ساXXنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا تۇXX،رXX،توXX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىش جەريانىدا موتوسكىلىتلىق ئۇيىگە ماڭغان تXXنى چاقىرتىپ تXXغا بىر رومكا ھاراق تۇتقان،تXX ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن جاۋابكار تاXXتXXغا ئوتكەندە دىگەن گىپىڭنى ئەمدى قىلە دەپ تXXنىڭ يۇزىگە شاپلىقى بىلەن بىرنى ئۇرغان.

جاۋابكار  تاXX2014-يىلى6-ئايدا ئونسۇ ناھىيەXX يېزا XXكەنىتXX-مەھەللىدىكى ساXXنىڭ دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئوXX،مەXX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغاندا XXكەنىت X-مەھەللىدىن تXXX مەس ھالەتتە جاۋابكار تاXX ھاراق ئىچىۋاتقان سورۇنغا كەلگەن،جاۋابكار تاXX تXXXغا مىيەدىن يۇقال دەپ ئورنىدىن تۇرۇپلا تXXXنىڭ گېلىغا مۇش بىلەن بىرنى ئۇرغان.

جاۋابكار  تاXX 2015-يىلى1-ئايدا ئونسۇ ناھىيە XX يېزا XXكەنىت XX-مەھەللىدىكى بXXنىڭ ئۇيىدە بXX،ياXX،مەXX،غXX قاتارلىقلار بىلەن قىممار ئويناۋاتقاندا كەنىتنىڭ ئامانلىق مۇدىرى مەXX كىرىپ قىممار ئويناشقا ئىشلەتكەن قەرتنى يىغىۋالغان،جاۋابكار تاXXمەن دىگەن كەنىتنىڭ سىكىرتارى،مەن تۇرسام ساڭا نىمە بار بۇ يەردە دەپ مەXXنىڭ يۇزىگە شاپلاق بىلەن ئىككىنى ئۇرغان .

جاۋابكار تاXX 2016-يىلى8-ئايدا ئونسۇ ناھىيە XX يېزا XXكەنىت كومتىتى قوروسدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشخانىسىدا ئەXX،سەXX،ئاXX،مXX، ئىXX،مXX،ئەXX،ئۇXX قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىش جەريانىدا سەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولساڭ XXغا ھىساپ،مەن ئۇزۇن يىل كەنىتكە شۇجى بۇلۇپ ماڭا مۇڭگۇز چىقمىدى دىگەن،شۇ سەۋەپ بىلەن جاۋابكار تاXX بىلەن ئۇXXۋاقىرىشىپ قالغان،ئاXX ئۇXXكە سەن قايتىپ چىكەت ئۇرۇشۇپ قالىدىكەنسەن دىگەندىن كىيىن ئۇXX قايتىپ چىكىتىپ يانفۇنىنى ھاراق ئىچكەن سورۇندا ئۇنتۇپ قالغىنىنى سىزىپ تىلپۇنىنى ئالغىلى كەلگەندە تاXXئۇXXنىڭ يۇز قىسمىغا بېشى بىلەن بىرنى ئۇسۇپ ئۇXXنىڭ بۇرنىنى قانىتىۋەتكەن،ئاXX ئۇXXكە نەسىھەت قىلىپ ئۇيىگە قايتۇرۋەتكەن،جاۋابكار تاXX يەنە ئۇXXنىڭ ئۇيىگە بېرىپ ئۇXXنىڭ ئىشىكىنى ئاچقۇزالماي ئۇXXنىڭ ئاكىسى مەXXنىڭ ئۇيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇXXنىڭ ماشىنىسىنىڭ ھويلىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ مەXXنىڭ دەرۋازىسىنى ئۇرۇپ ئىنىڭ ئۇXXنى چاقىرىپ بەر،بولمىسا دەرۋازاڭنى ئۇرۇپ چېقىۋىتىمەن دەپ جىدەل چىقارغان،مەXX دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىققاندىن كىيىن جاۋابكار تاXXبېشى بىلەن مەXXنىڭ يۇز قىسمىغا بىرنى ئۇرۇپ زەخمىلەندۇرگەن.

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، ئېنىقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرسى قاتارلىقلار بار.

   مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە: جاۋابكار تاXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 293-ماددا بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ،قىلمشىدىن ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرش جىنايىتى شەكىلىنىدۇ، دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەللىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راست بۇلۇپ، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۆرۈر. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگۈلمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار تاXXنى مەھكىمىڭزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.

        ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە؛

                        

                        باش تەپتىش: مەمەتجان تۇنياز

                        

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى

قۇشۇمچە: (1) 8 نۇسخا ئەيىبلەشنامە، بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىۋى،  قاتارلىقلار بىرگە يوللاندى.

  (2) جاۋابكار XX قاماقخانىدا قاماقلىق.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top