欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(坎某某危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020] 469-نومۇرلۇق 

    ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

  جاۋابكار قXX،ئەر، ئۇيغۇر، كىملىك نومۇرى 6529011990XXXXXXXX، يۇرتى ئاقسۇ شەھەر، ئاقسۇ شەھەر قXX بازىرى X-كەنت XX-گۇرۇپ XX-نومۇردا ئولتۇرۇشلۇق،تولۇقسىز ئوتتورا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانغان.ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ،جاۋاپكار قXXنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دىلوسىنى،2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.مەھكىمىمىزجاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلغاندا كېلىپ چىقىش ئېھتىمالىقى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق؛ جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق؛ جاۋابكارنىڭ ھەمدە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دىلو ماتىريالىنى تەكشۈرۇپ كۆردۇق، جاۋابكار دىلونى  تېز تەرتىپتە سوتلاشقا قوشۇلدى .

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋاپكار قXX 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 19:05 لەردە ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھەر قXX شەھەر سىXX بازىرى ئىچىگە توختىتپ قويغان، نومۇر تاختىىسى يوق ئىككى چاقلىق موتوسىكلىتنى پىراۋىسىز ھەيدەپ،ئاقسۇ شەھەر قXX بازىرى X-كەنت يول بۆلىكىگە كەلگەندە، شۇ يەردە چارلاش ئېلىپ بېرۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان، جاۋاپكار قXX  ھاراق ئىچىپ موتوسىكلىت ھەيدىگەن دەپ گۇمانلىنىپ، قېنىنى ئېلىپ تېخنىكىلىق باھالاتقاندا قېنىدىكى ئىسپىرتنىڭ مىقدارى 176.07مىللىگىرام بولۇپ چىققان،مەس ھالەتتە موتوسىكلىت ھەيدىگەن. 

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلنىشى تەرتىپى قانۇنلۇق ،مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راست،شىكايەت قىلغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ،جاۋاپكار قXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلاغا قارىتا باشقىچە پىكرى يوقلىقىنى ئوتتوغا قويدى ھەم ئۆزلىكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى،

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار قXXنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەن قىلمىشدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا 1-مەزمۇن بەلگىلىمىسىگە خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، بۇ ھەقتە دىلونىڭ پاكىتى ئوچۇق،دەلىل-ئىسپاتى راست ھەم تولۇق،خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.جاۋابكار قXX جىنايىتىنى تونۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنى قوشۇپ تەدبىقلاپ 3 ئاي كۈن 20 تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىش ،قوشۇمچە 7000يۈەن ئىشتىراپ قويۇش تەكلىبى بېرىمىز. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

                   تەپتىش : نXX 

                         تەپتىش : پXX

   2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكار قاھار توخنىياز  كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 13109XXXXXX

   2. 8نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.                                         

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top