欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(地某某盗窃案)

2021-09-21 尘埃 评论0

خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

  خېجىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

                         خېجىڭ تەپتىش بىرىنچى بۆلىمى ئەيىپلەش (2020) 171 -نومۇرلۇق

 جاۋابكارد**، ئەر،ئۇيغۇر، 1997- يىلى** - ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6531301997، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە،كەسپى:يوق، بۇرۇن جازالانمىغان، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق ئورنى:شىنجاڭ ** ناھىيە **بازىرى** يولى**-كوچا**-نومۇر،2020-يىلى06-ئاينىڭ13-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن خېجىڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان بۇلۇپ،2020-يىلى6-ئاينىڭ26-كۈنى خېجىڭ ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىكى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، توخۇتۇپ قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئادرىسى : شىنجاڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** يولى**-كوچا**-نومۇر،ھازىر خېجىڭ ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.   

جاۋابكار د**نىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتى دىلوسى ئۈستىدە خېجىڭ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى8-ئاينىڭ14-كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.جاۋابكارغا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قوللىنىش ھوقوقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى، دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرى ئاڭلاندى، دىلونىڭ بارلىق ماتىرىيالى تەكشۈرۈلدى، دىجورنى ئاۋۇدۇكاتنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا جاۋابكار بىلەن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى ئىمزالاندى، جاۋابكار د** مەزكۇر دىلودا ئاددىي تەرتىپىنى قوللىنىشقا قۇشۇلدى.

 قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە:

2020-يىلى05-ئاينىڭ17-كۈنى تەخمىنەن كەچ سائەت 22:30لەر ئەتراپىدا جاۋابكار د** زىيانلانغۇچى ئا**نىڭ ** ناھىيە ** بازىرى ** ئولتۇراق رايونى**-بىنا**-كورپۇس**-نۇمۇرلۇق ئىجارە ئۆيىگە بېرىپ ئا** بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ ھاراق ئىچىكەن.  ئا** مەس بۇلۇپ قېلىپ يېتىپ ئۇخلاپ قالغان.جاۋابكار د** ئا** ئوخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئا**نىڭ بىر تال ئالتۇن زەنجىرى ۋە يان تېلفۇن ئوغۇرلاپ ئۆيدىن چىقىپ  ئا**نىڭ ئۇندىدار قالدۇق سوممىسىدىكى 1284يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ ئۇندىدرىغا يۆتكىۋالغان ئاندىن مارالىبشى ناھىيىسگە كەتكەن. 

خېجىڭ ناھيىلىك مال-باھالاش مەركىزىنىڭ (2020) ***-نۇمۇرلۇق باھالاش پىكرىدە ئوغۇرلانغان بىر دانە9 OPPOX ماركىلق يان تېلفۇننى 910يۈەن،بىر دانە ئالتۇن زەنجىرىنى 3053يۈەن دەپ باھالىغان.

دىمەك جاۋابكار د** باشقىلارنىڭ 5247يۈەن قىممتىدىكى مال-مۈلۈك ۋە نەق پۇل ئوغۇرلىغان.دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات،جاۋابكارنىڭ ئىقرارى،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، نەق مەيدان ئېنىقلاش تەكشۈرۈش ماتىرىيالى، باھالاشنامە،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش كاپالەتنامىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ،جاۋابكار د** قانۇنسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ 5247يۈەن قىممتىىدىكى مال مۈلكى ۋە نەق پۇلىنى ئوغورلىغان بۇلۇپ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ، قانۇن بويىچە ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك . شۇڭا جاۋابكار د**نى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمەڭلارغا ئەيىپلىدۇق،قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.

         ھۆرمەت بىلەن:

               خېجىڭ ناھىيىلىك  خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

                                               

                                  تەپتىش:ئەخمەتجان رۇزى 

                              2020 -يىلى 9-ئاينىڭ1-كۈنى

 

1)جاۋابكار د** خېجىڭ ناھيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.  

2)دېلو ئارخىۋى بىر توپلام.

3)ئەيىپنامە 8 نۇسخا.

4)جىنايىتى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قېلىشى تېلخېتى بىر پارچە .

5)جازا ئۆلچەش پىكرنامىسى  بىر پارچە .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top