欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(图某某的危险驾驶案)(公开版)

2021-09-21 尘埃 评论0

 

  ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2020)421-نومۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر،تۇغۇلغان. كىملىك نومۇرى 6529XX1988XXXXXX، XX ناھىيەXX بازىرى XX-كەنىت XX-گۇرۇپ XX-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسگە ئىگە، كەسپى ئىشچى، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020–يىلى 6–ئاينىڭ 6–كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تXXىنىڭ خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كىيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۋۇكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق. جاۋابكار بۇ دېلونى تىز سوت قىلىش تەرتىپنى قوللىنىپ سوتلاشقا قۇشۇلدى.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

جاۋابكار تXX 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت  22:40 ئەتراپىدا ھاراق ئىچكەندىن كىيىن، XX شەھەر XX سانائەت رايۇندىكى XX بىنا يېنىدىكى تاللا بازىرنىڭ يىنىغا تۇختۇتۇپ قويغان نومۇر تاختىسى يوق ئىككى چاقلىق موتۇسكىلىتىنى مەسىت، پىراۋىسىز ھەيدەپ، XX شەھەر XX  رايۇنى XX ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىغا كەلگەندە شۇ ئەتراپتا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بايقالغان.

شىنجاڭ خواتوڭ قاتناش ھادىسىسى ماددى بويۇملىرىنى ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ ئەدىليىلىك باھالاش دوكلاتىدا «جاۋابكار تXXىنىڭ ھەر 100 مىللىلىتىر قېنىنىڭ تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 104.32 مىللىگىرام» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تXX يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم ئۆزلۈگىدىن جنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تXXنىڭ ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز، مەسىت ھالەتتە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 133-ماددا بىر مەزمۇن بەلگىلىمىسىدىكى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان. تۆۋە قىلىش ئىپادىسى بار. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسىنى قۇشۇپ تەدبىقلاپ 1 ئاي 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىپ كىچىكتۇرۇپ ئىجرا قىلىش، قۇشۇمچە 3000 يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش تەكلىپىنى بىرىمىز. شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

تەپتىش: نXX

تەپتىش: مXX

2020-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكار كېپىلدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 15003XXXXXX

   2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

                                         

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top