شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 113-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار تۇ** ، ئەر، ئويغۇر، ** ياش، ****-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 0713 ********652925، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە، دېھقان، توقسۇ ناھىيسىدىن ، ت** ناھىيە پە** يېزا ك** كەنت **-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2018- يىلى 12-ئاينىڭ 30- كۈنى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت گۇمانى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 2019- يىلى 12-ئاينىڭ 29- كۈنى كېپىللىك ۋاقتى توشقانلىقتىن كېلىللىكتىن بىكار قىلىنىپ ، 2019- يىلى 12-ئاينىڭ 29- كۈنى تۇرار جايى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ، 2020- يىلى 1-ئاينىڭ 28- كۈنى قايتا كېپىلگە بىرىلگەن .
جاۋابكار تۇ**نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2019) 186–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى :
جاۋاپكار تۇ** 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى سائەت 19:30 ئەتراپىدا، توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزىسىدىكى سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا ئا**، ئە** ، م** قاتارلىقلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەندىن كيىىن دۇكاندىن چىقىپ ، دۇكاننىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويغان 新M8G342 نۇمۇرلۇق ماشىنىسىنى مەس ھالەتتە پىراۋىلىق ھەيدەپ ، ماشىنىغا ئا** ، ئە**، م**قاتارلىقلارنى چىقىرىپ ، توقسۇ شايار يۇلىدا غەرىپتىن شەرىققە يۈنىلىش بۇيىچە يول يۈرۈپ، ئىككى يۈز مىتىر ئەتراپىدا ماڭغاندىن كىيىن يولدىن چىقىپ كىتىپ، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى لىندەيگە چۈشۈپ كەتكەن . بۇ ۋاقىتتا شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلۋاتقان توقسۇ ناھىيلىك قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەتىرتىنىڭ ساقچىللىرى نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ، ت**نىڭ ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشىنى بايقاپ، ت**نى توقسۇ ناھىيلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قان ئەۋرىشكىسى ئالغان،
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليەلىك باھالاش مەركىزىنىڭ (2018) 417-نۇمۇرلۇق ئەدىليەلىك باھالاش پىكىرنامىسىدە ؛ ت**نىڭ ھەر يۈز مىللىلىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ئىسپىرىت مىقدارىنىڭ 232 مىللىگىرام ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، باھالاشنامە ، ئۈن – سىن ماتىريالى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ . جاۋاپكار ئۈزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن بايان قىلىدۇ، جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش ئىپادىسى بار.
مەھكىممىز، جاۋابكار ت**نىڭ قىلمىشىدىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ت**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكارغا 4 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ، قۇشۇمچە 8000يۈەن ئىشتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى .③ 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، جاۋاپكارنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش ئىتراپنامىسى ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论