温宿县人民检察院
起 诉 书
温宿县检一部刑诉〔2020〕645号
ئونسۇ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئو ت ج ئى چىقىش [2020]645-نۇمۇرلۇق
جاۋابكار تxxxx، ئەر،ئۇيغۇر، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى توغۇلغان، كىملىك نومۇرى:xxxxxxxxx652922، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيسىگە ئىگە، دېھقان، ئونسۇ ناھىيە xxxx يېزا xxxx كەنىت xx-مەھەللە xxx-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئونسۇ ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتشلىق دەپ قارىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغىچە كىپىللىكە بىرىلىگەن.
ئونسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار تxxxxنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى 2020-يىلى11–ئاينىڭ 2- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، 2020-يىلى11-ئاينىڭ10–كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە گۇناھىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئىقرار قىلسا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىغى بولغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، زىيانلانغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار نۆۋەتچى ئادۋۇكات ۋە زىيانلانغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، پۈتكۈل دېلو ماتىريالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق، جاۋابكار دېلونى ئاددى تەرتىپتە قاراپ چىقىشقا قۇشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشمىزچە:
جاۋابكار تxxxx 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى زىيانلانغۇچى رxxxx ئونسۇ ناھىيە xxxx يېزا xxxx كەنىت x-مەھەللە xx-قورودا ئولتۇرۇشلۇق جاۋابكار تxxxxنىڭ ئايالى تxxxxكە كۆپ تېلفۇن ئۇرۇپ، جاۋابكار تxxxxxنىڭ ئۆيدە باريوقلىغىنى سوراپ ئاۋارە قىلغاندىن كىيىن، جاۋابكار تxxxx زىيانلانغۇچى رxxxxنىڭ ئايالى تxxxx تېلفۇن ئۇرۇشتىكى سەۋەبى ۋە مەقسىتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، ئايالى تxxxxكە ئۆيدە يولدشۇم يوق دەپ ئۆيگە تەكلىپ قىلشنى ئېيتىپ تېلفۇن ئۇرغۇزغان، زىيانلانغۇچى رxxxx تxxxxxنىڭ تەكلىبى بويىچە ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن، جاۋاپكارتxxxx ئايالى تxxxxxنىڭ زىيانلانغۇچى رxxxx بىلەن ناتۇغرا مۇناسىۋىتى بارلىغىدىن گۇمانلىنىپ، رxxxx بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشقان، كىيىن جاۋاپكار تxxxx ھويلىدىكى پالتىنى ئېلىپ، پالتىنىڭ ئارقا تەرىپى بىلەن رxxxxنىڭ باش قىسمغا بىر نەچچىنى شىلتىغاندا، پالتا رxxxxxنىڭ باش قىسمغا تىگىپ، يېنىك زەخمىلەنگەن .
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىش جەريانى قانۇنى تەرتىپكە ئويغۇن، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ھەم راسىت، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكارنىڭ ئەيىبلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتقا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق، ئۆزلىگىدىن گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تxxxxنىڭ باشقىلارنى قەستەن زەخمىلەندۈرگەن قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا 1-تارماق بەلگۈلمىسىگە خىلاپ بولۇپ ،قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ھەم راسىت، جاۋابكارنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بۇيىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش زۈرۈر. جاۋابكار گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، شۇڭا«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسى،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلارقانۇنى»نىڭ67-ماددا-3تارماق بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن يىنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىكىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچۇرماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار تxxxxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگۈلىمە بۇيىچە جىنايى جازا بىرىش زۆرۈر. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۈكۈم قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئۇنسۇ ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: پاتىگۈل ياسىن
پۈتۈكچى: تاھىر تۇنىياز
2020-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
【قۇشۇمچە】: (1) جاۋابكار xxxx ئائىلىسىدە كېپىلدە. (1) بىر توپلام دېلو ئارخىپى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار. (3) «گۇناھىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتى» بىر نۇسخا (4) «جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى» بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论