乌什县人民检察院
起 诉 书
乌什检公诉刑诉〔2020〕18号
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020) 18-نومۇرلۇق
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:
جاۋابكار تۇ x، ئەر، ئۇيغۇر، x-يىلى x-ئاينىڭ x-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇچتۇرپان ناھىيە xبازىرى xxكەنىت x-مەھەللە x-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرپىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن. 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىز تەرپىدىن قايتىدىن كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تۇ xنىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار ۋە نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرنى ئاڭلىدۇق.
مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بېكىتىكەن پاكىت
ئۇچتۇرپان ناھىيە xبازىرى x-كەنت x-مەھەللىلىك مە x 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 20:30 ئەتراپىدا زىيانلانغۇچى ت xxبىلەن «شۇخۇلا ئېتىزىمغا سۇ قويۇۋېتىپسەن» دەپ جېدەللىشىپ ئۇرۇشقان، بۇ جەرياندا مە x زىيانلانغۇچى تxxىڭ سول يۈزى كۆز قىسىمى ئەتراپىغا تاش بىلەن بىرنى ئۇرغان، زىيانلانغۇچى ت xxمە xنىڭ قورسىقىغا تىزى بىلەن تىزلاپ ئۇرغان، بۇ ئارىلىقتا يېقىن ئەتراپتا ئېتىزدا ئىش قىلىۋاتقان جاۋابكار تۇ x دادىسى مە xنىڭ ئۈيىنىڭ يېنىدا باشقىلارنىڭ ۋارقىراشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن، جاۋابكار تۇ x دادىسى مە x بىلەن ت xxئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى، تxxنىڭ مە xنى ئۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تxxىڭ چاپىنىغا ئېسىلىپ «شوخۇلا ئېتىزىغا بېرىپ كۆرۈپ باق» دېگەندە، ت xxجاۋابكار تۇ xنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەن، بۇ چاغدا جاۋابكار تۇ x دادىسى مە x تxxگە ھەيۋە قىلىپ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ياغاچ كالتەكنى ئېلىپ، تxxنىڭ بېشىنىڭ ئارقا قىسىمىغا بىرنى ئۇرغاندا، ت xxيەرگە يىقىلغان.
ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى بويىچە ئادەم بەدىنىنىڭ زەخمە دەرىجە باھالاشنامىسىدا «باھالانغۇچى تۇxxنىڭ زەخمىسى بىرىنجى دەرىجىلىك يىنىك زەخمە بولىدۇ» دەپ بىكىتكەن.
جاۋابكار يۇقارقى قىلمىشىنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇردى.
يۇقارقى پاكىتلار ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تۇ xنىڭ باشقىلارنى ئۇرۇپ يىنىك زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، پۇقرالارنىڭ جىسمانى ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جاۋابكارغا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-مادىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.
تەپتىش: ئىبرايىم مۇتەللىپ
پۈتۈكچى: ئابدۇرۇسۇل ۋېلى
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر توپلام تەھقىقلەش دېلوسى يوللاندى.
(2) جاۋابكار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن، تېلىفۇن نومۇرى x، x.
(3) دېلوغا چېتىشلىق بولغان بىر دانە xxدېلو بىلەن قوشۇپ يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论