欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(哈某某贩卖毒品案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

 پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىپنامىسى

              پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 198-نومۇرلۇق

پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋاپكار: ھاXX، ئەر،ئۇيغۇر، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،كىملىك نۇمۇرى : X471****** X65212219471 ، پىچان ناھىيە XX مەھەللە **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قوروردا ئولتۇرۇشلۇق، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،دېھقان ، ئىلگىرى جازالانمىغان ،2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى زەھەرلىك چېكىملىك ئېلىپ-سېتىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ3-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ قولغا ئىلىشنى تەستىقلىماسلىق قارارىغا ئاساسەن  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى  زەھەر ئىلىپ -سېتىش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ئۈچۈن مەھكىمىمىز تەرىپدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كىپىللىككە بېرىلگەن.

    پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ھاXXنىڭ زەھەر ئىلىپ -سىتىش جىنايىتى دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 23-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈم ئۇقتۇرۇشىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل  قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.

  مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى: 

     1. 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى كەچ سائەت 10:00لار ئەتراپىدا، جاۋاپكار ھاXX پىچان ناھىيە ** بازىرى ** يېڭى مەھەللىدىكى ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق مەXXقا كۆكمۇچ قىيامىنىڭ ئەينەك قۇتىسىغا سېلىنغان تەخمىنەن 15گىرام ئەتراپىدىكى نەشىنى 300يۈەنگە كىلىشىپ سېتىپ بەرگەن،مەXX بۇ نەشىنىڭ بىرقىسمىنى ئۆزى چىكىپ بۇلۇپ  2019-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى پىچان ناھىيلىك XX ئىدارىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتۇلغان ھەمدە نەق مەيداندا يېنىدىن 10.5گىرام ساپ ئېغىرلىقتىكى كۆكمۇچ قىيامىنىڭ ئەينەك قۇتىسىغا سېلىنغان نەشە ساقچىلار تەرىپىدىن قانون بۇيىچە تۇتۇپ قىلىنغان.

    2. 2013-يىللېرى ئەتراپىدا (كونكىرىت ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) جاۋاپكار  ھاXX پىچان ناھىيە** يېزىسى ** مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ياXXغا تەخمىنەن 2گىرام  نەشىنى 100يۈەنگە سېتىپ بەرگەن ،ياXX بۇنەشىنى چېكىپ تۈگەتكەن.

يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: 

1. ماددىي ئىسپات سۈرئىتى؛2.مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛3. گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلېرى؛4. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 5. باھالاش يەكۈنى؛ 6. نەق مەيدان ئېنىقلاش ،تەكشۈرۈش،تۇنۇتۇش خاتىرە ،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى قاتارلىقلار بار.  

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن جىنايى پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ھاXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىپ،جىنايىتى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخىتىگە ئىمزا قۇيىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە،جاۋابكار ھاXXنىڭ دۆلىتىمىز قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي ،دۆلەتنىڭ زەھەرلىك بۇيۇملارنى تىزگىنلەپ باشقۇرۇشقا دائىر قانون نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ ،قانۇنسىز پايدا تىپىش مەقسىتىدە، باشقىلارغا 12.5 گىرام ئېغىرلىقتىكى نەشىنى سېتىپ بەرگەن قىلمىشىدىن زەھەر (نەشە)ئېلىپ -سىتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار ھاXXنى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 347-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقى، 4-تارمىقىنىڭ  بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازالاشقا تىگىشلىك ، دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار ھاXXنىڭ زەھەر ئېلىپ-سىتىش جىنايىتىگە بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جازا بولسا: مۇددەتلىك 3يىلدىن تۈەن قاماق جازاسى بېرىش ۋە قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.

جاۋاپكار ھاXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن ، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋاپكار ھاXXقا مۇددەتلىك 6ئايدىن 1يىل 6ئايغىچە قاماق جازاسى بېرىش ، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش جازا  تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋاپكار ھاXXنىڭ زەھەر ئىلىپ-سىتىش جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

 

   تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا

    2020-يىلى4-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىزاھات:    

   1. جاۋاپكار ھاXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى:152********.

 2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 18 نۇسخا دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top