欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(哈某某诈骗案自然人犯罪认罪认罚)(公开版)

2021-09-24 尘埃 评论0

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

ئۈ ش ت ت 1-بۆلۇم ج ئە چىقىش (2020) 144–نومۇرلۇق

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋاپكارخا**، ئايال، ئۇيغۇر، 1981-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان.كىملىك نۇمۇرى؛********6501041981، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى:**شەھەر **رايونى **كۆل يولى **-نومۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى: **شەھەر **رايۇنى ** كوچىسى **-نومۇر **-كورپۇس **-ئۆيدە. بۇ قېتىم ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان.  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى مەھكىمىمىز ئالدامچىلق جىنايىتى  بىلەن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايۇنلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار خا**نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىغا چېتىشلىق دېلو ماتىرىيالىنى مەھكىمىمىز 2020-يىلى 6–ئاينىڭ 11-كۈنى قايتا قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇپ، قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق، جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچى (دىجورنى ئادۇۋكات)نىڭ پىكرىنى ئاڭلاش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق. جاۋابكار دېلونى ئاددىي تەرتىپ بويىچە سوت قىلىشقا قوشۇلدى. دىلونى ئىككى قېتىم تولۇقلاشقا قايتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:

1.2012-يىلى 8-ئايلاردا جاۋابكار خا**،  **شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يۈ**غا ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدىن تۆت يۈرۈش ھەل قىلىپ  بېرىشنى باھانە قىلىپ ئالدى-كەينى جەمئىي 330000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن. 

2.2012-يىلى يازلاردا جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى خە**غا ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 130000يۇەن پۇلنى   ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 50600يۇەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

3.  2012-يىلى 8-ئايلاردا جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يۇ**غا  ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 45000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 7000يۇەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

4.2013-يىلى 5-ئايلاردا جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا  ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 177900يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 49000يۇەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

5. 2013-يىلى 9-ئايلاردا جاۋابكارخا**زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 20000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.

6.2013-يىلى 9-ئايلاردا جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 20000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 3مىڭ يۇەن  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

7.2014-يىلى 6-ئايلاردا جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بۇ**غا  ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 45000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 27500يۇەن  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

8. 2014-يىلى 6-ئايلاردا جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا  ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 45000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 40000يۇەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

9.2015-يىلى 2-ئايلاردا جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى رۇ**غا  ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 5000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.

10.2015-يىلى 6-ئايلاردا  جاۋابكار خا** زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**غا   ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 20000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ  پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 5000يۇەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

    11.  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى  جاۋابكارخا**زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئا**گە   ھۆكۈمەت پاراۋانلىقىدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ھەل قىلىپ بېرىمەن دەپ 25000يۇەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ پۇلنى خەجلەپ تۇگەتكەن.دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن 8000يۇەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قايتۇرۇلغان.

     دىمەك،جاۋابكار 11قېتىمدا  باشقىلارنى ئالداپ   ئالغان پۇل جەمئى (8يۈز 69مىڭ 900يۇەن )869900يۇەن بولۇپ دىلو پاش بولۇشتىن بۇرۇن  (1يۈز 84مىڭ 1يۈز يۇەن )184100يۇەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا قايتۇرۇلغان.

جاۋابكار خا**  2019-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى تىيانشان رايۇنى بىيەنرۇي ئاھالىلار كومىتىتىدىن تىيانشان رايۇنلۇق جىنايى ئشىلار ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغان.

يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1. يازما ئىسپات: جاۋابكار خا**نىڭ  سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى، 

2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بايانى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى يۇ**،خە**،يۇ**،ئا**،قې**،ئا** ،بۇ**،ئا**،رۇ**،ئا**،ئا**لارنىڭ دېلو مەلۇم قىلىش ماتىرىيالى ۋە گەپ سوراش خاتىرىسى؛

3. جاۋابكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى: جاۋابكارخا**نىڭ  تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنى تۇتۇش جەريانى ئىسپاتى، ھۆججەت.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكارخا**نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ ،باشقىلارنىڭ كۆپ مىقداردىكى پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قانۇنسىز قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.

                                 تەپتىش: رەيھانگۈل تۇرسۇن 

                                 تەپتىش ياردەمچىسى: مەردان ھۈسەنجان 

2020–يىلى 7–ئاينىڭ 17–كۈنى

ئەسكەرتىش:

1. جاۋابكار خا** ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-قاماقخانىدا قاماقتا؛

2.​ 8 نۇسخا ئەيىبنامە ۋە تەھقىقلەش دىلو ماتىرىيالى 4 توپلام بىرگە يوللاندى.

3.​ جازا ئۆلچەش پىكرىدىن بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

4.  جىنايىتىنى تونۇپ ،جازانى ئېتىراپ قىلىش كىپىللىك خېتى بىر نۇسخا بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top