شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
پىچان ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىپنامىسى
پىچان تەپتىش 1-بۈلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 705-نومۇرلۇق
پىچان ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار: ئوXX، ئەر، ئۇيغۇر ، **19-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 3219******65212219، پىچان ناھىيە ** بازىرى ** مەھەللە **-گۇرۇپپا **-نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق گۇماندار دەپ قارىلىپ 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۇنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە تۇختىتىپ قۇيۇلۇپ ،2019-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن ، 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىز تەرىپىدىن قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىللىككە بېرىلگەن .
پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار ئوXXنىڭ ئۇغۇرلۇق دىلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قاتارلىق بەھرىمان بولىدىغان ھوقوق- مەجبوريەتلېرىنى ئۇقتۇردۇق، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
مەھكىمىمىز قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋابكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتى:
2020-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 02 لەر ئەتراپىدا، جاۋاپكار ئوXX پىچان ناھىيە ** رايونى ** سودا مەركىزىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى «**» گە كىرىپ ئويناپ قايتىشىدا ،زىيانلانغۇچى لى XXنىڭ بىليارتخانا ھەق يىغىش ئۈستىلگە قۇيۇپ قويغان قول سائىتىنى كۆرۈپ ئۇغۇرلۇق قىلىش نىيىتىگە كىلىپ، باشقىلار دىققەت قىلمىغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، زىيانلانغۇچى لى XXXنىڭ «**» ماركىلىق ،كۈمۈش رەڭلىك، ** يۈەن قىممىتىدىكى، بىردانە قول سائىتىنى ئۇغۇرلاپ ئىلىپ چىقىپ كەتكەن. ( ھارام مال يىغىۋىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلدى).
يۇقارقى جىنايى پاكىتنلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:
1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛ 2.زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى ؛ 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ؛4 . جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 5. باھالاش يەكۈنى؛ 6. نەق مەيدان ئىنىقلاش ،تەكشۈرۈش،تۇنۇتۇش خاتىرە،خەرىيتە ۋە سۈرەتلېرى؛7.ئاڭلاش -كۆرۈش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئوXX ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئوXXنىڭ دۆلىتىمىز قانونلېرىنى كۆزگە ئىلماي، قانونسىز ئىگەللىۋىلىش مەقسىتىدە ، پۇقرالارنىڭ ** يۈەن قىممىتىىدكى مال-مۈلكىنى يۇشۇرۇن ھالدا ئىلۋالغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ قىلمىشىدىن ئۇغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تولۇق، جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار ئوXXنىڭ ئۇغۇرلۇق قىلمىشىغا بېرىلدىغان قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايى جازا : 3يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىش، قوشۇمچە شىتىراپ قويۇش.
جاۋاپكار ئوXX جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 15-ماددىسى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
جاۋاپكار ئوXXنىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايىتى دېلوسىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
تەپتىش: ئابدۇراخمان ئابدۇللا
2020-يىلى10-ئاينىڭ 30-كۈنى
ئىزاھات:
1. جاۋاپكار ئوXX ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە،تېلىفۇن نومۇرى: ****1859925 .
2. ج خ دىلو ئارخىپى 2 توپلام، تەپتىش دىلو ئارخىپى 1 توپلام، ئەيىپنامە 10 نۇسخا ،ئۈن -سىن دېسكىسى 2دانە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
3. «جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تىلخېتى» بىر پارچە،دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论