欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某诈骗案)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى 

كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى

كت جىنايى ئىشلار 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش﹝2020﹞ 1166 - نومۇرلۇق

        كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋابكار ئۇx ،ئەر،ئۇيغۇر، 1995-يىلى**-ئاينىڭ ***-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: *********6529231995، تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، كەسپى: تامچى ،يۇرتى: كۇچا شەھىرىدىن ، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: كۇچا شەھەر**** يىزا *****-گوروپ ****نومۇر ، ئىلگىرى جازالانمىغان .

ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2020-يىلى5-ئاينىڭ8-كۈنى كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلۈپ،شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 9-كۈنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

Xمەھكىمىمىز ، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕 517- نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار ئۇxنىڭ ئالدامچىلىق جىنايتى دېلوسىنى 2020- يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق. جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتنىڭ پىكرىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە دەۋا ۋاكالەتچىسىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. دېلودىكى بارلىق ماترىياللارنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق . جاۋابكار ئۇx مەزكۇر دېلونى ئاددى تەرتىپى بىلەن سوت قىلىشقا قوشۇلدى . 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلانغان جىنايەت پاكىتى :

بىرىنچى: 2020-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر كۈنى، جاۋابكار ئۇx ئۈندىدارىدىكى «تىرىشچانلار توپى» غا باشقىلارنىڭ بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ سۈرىتىنى ۋە باھاسىنىڭ 98 يۈەن ئىكەنلىكىنى يوللاپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ ئارىدىن پايدا ئېلىپ سېتىش مەقسىتىدە، يۇقارقى بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، ھەر بىر دانىسى 120 يۈەندىن، كۇچا ئىچىگە بىر ھەپتە ئىچىدە مال كىلىدۇ دەپ يوللاپ قويغان. زىيانلانغۇچى تx يۇقارقى ئېلاننى كۆرۈپ ئۇx بىلەن ئۈندىداردا ئالاقىلىشىپ 100 دانە قىزىتما ئۆلچىگۈچ سېتۋالماقچى بولۇپ، ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا بىر قېتىمدىلار 12 مىڭ يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. تx ئەتىسى ئۇx بىلەن **** بازىرىدىكى **** بېكەتنىڭ ئالدىدا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، ئۇxنىڭ كىملىك تۇتۇپ تۇرغان ھالىتىنى رەسىمگە تارتىۋالغان. ئۇx «تىرىشچانلار توپى» غا بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئېلانىنى يوللىغان ئادەم بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، ھەر بىر تال بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ باھاسىنى 98 يۈەندىن دىيىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۈندىدارىغا جەمئىي 9800 يۈەن يۆتكەپ بىرىپ، قالغان 2200 يۈەننى خەجلىگەن. ئۇx ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكىچە مالنى تاپشۇرۇپ ئالالماي قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقاندا، قارشى تەرەپ ئۇxقا «مال يىتىشمەيۋاتىدۇ، ھازىرچە مالنى سېلىپ بەرگىلى بولمىغىدەك، پۇلۇڭلىنى قايتۇرۇپ بىرەي» دەپ 9800 يۈەننى ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا قايتۇرۇپ يۆتكەپ بەرگەن. ئۇx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ 6000 يۈەننى تxغا قايتۇرۇپ بىرىپ، تxغا «قالغان پۇلنى قارشى تەرەپ ماڭا قايتۇرۇپ بەرمىدى، ساقلاپ تۇرۇڭلا» دەپ يالغان سۆزلەپ، قالغان 3800 يۈەننى خەجلەپ تۈگەتكەن . تx ئۇxىن قايتا-قايتا پۇل سۈيلىگەن بولسىمۇ قالغان 6000 يۈەننى ھازىرغىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئىككىنچى: 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى، زىيانلانغۇچى تxنىڭ ئاغىنىسى ئاx(**** شەھىرىدىن) ئۇxن 300 تال بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆلچەش ئەسۋابى سېتۋالماقچى بولۇپ، ھەر بىر تال بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ باھاسىنى 240 يۈەندىن دىيىشكەن. ئاx، ئۇxنىڭ كۇچا شەھىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، تx بىلەن كۆرۈشۈپ «سىلنىڭ كۇچادا ئۇx ئىسىملىك بىر بالا بار ئىكەن، مەن بۇ بالىدىن بىر تال بەدەن تىمپىراتۇراسى ئۆلچەش ئەسۋابىنى 240 يۈەندىن دىيىشىپ 300 تالنى جەمئىي 72 مىڭ يۈەنگە ئالماقچى ئىدىم، ئالدىن 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى بىرىدىغان بولغان، سىلە كۇچادا بولغانكىن ئۇ بالا بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقاچ يېنىڭلىدىن پۇل چىقىرىپ 10 مىڭ يۈەن زاكالەت پۇلى بىرىپ قويساڭلا، مەن مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن پۇلۇڭلىنى قايتۇرۇپ بەرسەم» دىگەن. تx ماقۇل بولۇپ، ئۇx بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئۇxىڭ ئۈندىدارىغا 8000 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن . ئەتىسى ئاx،تx بىلەن ئالاقىلىشىپ «ھازىر ئالاھىدە مەزگىلدە پايدىنى كۆزلەپ ھەم ئىجازەت كېنىشكىسى بولمىسا تىمپىراتۇرا ئۆلچىگۈچنى قالايمىقان ساتساق بولمايدىكەن، شۇڭا سىلە كۇچالىق بالا بىلەن كۆرۈشۈپ باقساڭلا، مىنى مالنى ئالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ دەپ پۇلۇڭلىنى قايتۇرۋالساڭلا» دىگەن. تx، ئۇx بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ، 4000 يۈەننى قايتۇرۇۋالغان. كىيىن تx قايتا-قايتا پۇل سۈيلىگەندە، ئۇ يەنە 600 يۈەن قايتۇرۇپ بەرگەن.  قالغان 3400 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرمىگەن . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن 3400 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئۈچىنچى: 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، جاۋابكار ئۇxباشقىلارنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە، ئۈندىدارىدىكى «**** توپ مالچى»، «***** توپى» غا باشقىلار يوللىغان كىيىم-كېچەك، توشەي قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى ۋە ئېلان سۆزىنى ئۆزىنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاندىن كىيىن، زىيانلارنغۇچى ھx ، ئۇxنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ماللارنى كۆرۈپ، ئۇx بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ 2000 تال ئەرەنچە كۆينەك، 9000 تال توشەي سېتۋالماقچى بولۇپ ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ جەمئىي 16150 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. ئۇx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

تۆتىنچى: 2020-يىلى 3-ئاي مەزگىلىدە بىر كۈنى، جاۋابكار ئۇx باشقىلارنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە، ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدىكى سودا توپىغا «مەن**** توپ ماللىرىنى تارقىتىمەن، توپ مال ئالدىغانلار بولسا مىنى قۇشۇۋېلىڭلا» دىگەن خەتنى يوللىغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى مx مۇشۇ توپتىن ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، ئۇx بىلەن پاراڭلىشىپ تونۇشقاندىن كىيىن ئىككىسى ئالاقىلىشىپ يۈرگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇx، مىxنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە، ئۈندىدار ئارقىلىق مxغا «مەن توپ باھادا كىرئالغۇ ئالغان، يېنىمدا پۇل كاملاپ قالدى، سىزنىڭ يېنىڭىزدا پۇل بولسا ماڭا مەبلەغ سالسىڭىز، بىر ھەپتە ئىچىدە سىزگە پايدا ئايىرىپ بەرسەم» دىگەن. مx ماقۇل بولۇپ ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا بىر قېتىمدا 1420 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇx، مxنى يەنە ئالداپ پۇل ئېلىش مەقسىتىدە ئۈندىدار ئارقىلىق مxغا «مىنىڭ قولۇمدا سېتىپ بولالماي ئېشىپ قالغان باللار ئايىقى بار ئىدى، سىز ئېلىپ قويامسىز» دىگەن. مx ماقۇل بولۇپ، ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا 960 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. ئۇxمxدىن ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئالغان 2380 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن. 

بەشىنچى: 2020-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر كۈنى، زىيانلانغۇچى نxجاۋابكار ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ماللىرىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇx بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق پاراڭلىشىپ ئۇxنىڭ كۇچالىق ئىكەنلىكىنى بىلگەن. نx ئۆزىنى تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ تونۇشتۇرۇپ، ئۇX مال سېلىپ بىرەلەيدىغان- بىرەلمەيدىغانلىقىنى سورىغان . ئۇx »مال سېلىپ بىرەلەيمەن، ھەرقانداق مال ئالسىڭىز بىر ھەپتە ئىچىدە قۇلىڭىزغا تىگىپ بولىدۇ» دىگەن. نx سەككىز دانە تاماق ئىسىتقۇچ، 27 دانە ئايالچە قول سائەت سېتۋالماقچى بولۇپ، ھەر بىر تاماق ئىسىتقۇچنىڭ باھاسىنى 100 يۈەندىن، ھەر بىر دانە قول سائىتىنىڭ باھاسىنى بەش يۈەندىن كىلىشىپ، ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ جەمئىي 935 يۈەن پۇل يۆتكەپ بەرگەن. ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇx، نxنى يەنە ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە،ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ «مەندە باشقىلار قايتۇرۋەتكەن 12 تال تاماق ئىسىتقۇچ بار ئىدى، بۇنىمۇ ئېلىپ قويامسىز، باھاسى سىز ئالغان تاماق ئىسىتقۇچ بىلەن ئوخشاش، ھازىر ماڭا ئالدىن 500 يۈەن بەرسىڭىز، قالغان 700 يۈەننى مالنى سېتىپ بولۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ» دىگەن . نx ماقۇل بولۇپ  2020-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا 500 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن.  ئۇx ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 1435 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئالتىنچى: 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى زىيانلانغۇچى ئاxىنىڭ يولدىشى تxنەۋرە سىڭلىسى نx ئارقىلىق، جاۋابكار ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، ئۇX «سىز تور سودىسى قىلدىكەنسز، مەن*** ناھىيسىدە تېلىفۇن تىجارىتى قىلمەن، تېلىفۇن ئالغانلارغا سوۋغا قىلدىغانغا سوۋغاتلىق بۇيۇم لازىم ئىدى» دىگەن، ئۇxئۈندىدارىدىكى «*** توپى» غا باشقىلار يوللىغان ****، توك قازان، چاچ قۇرۇتقۇچ، كىچىك كىرئالغۇ، توك قازان، كۆك چىشلىق تىڭشىغۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى تxنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن، تx بىلەن ئاx ئىككىسى مەسلىھەتلىشىپ، كىچىك كىرئالغۇ، توك قازان، كۆك چىشلىق تىڭشىغۇچ قاتارلىق نەرسىلەردىن سېتۋالماقچى بولۇپ، ئۇx بىلەن ماللارنىڭ باھاسىنى 3500 يۈەنگە دىيىشكەن . 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى تx ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا ئالدىن 2350 يۈەننى يۆتكەپ بىرىپ، قالغان 1150 يۈەننى يۆتكەپ بەرمەكچى بولغاندا، ئۈندىدارىدىن پۇل يۆتكىگىلى بولمىغان، ئاx ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا قالغان 1150 يۈەن پۇلنى يۆتكەپ بەرگەن . ئۇx ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ جەمئىي 3500 يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

يەتتىنچى: 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، جاۋابكار ئۇx باشقىلارنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە، ئۈندىدارىدىكى «*** توپى» غا باشقىلار يوللىغان ئەرەنچە، ئايالچە تەنتەربىيە ئايىقىنىڭ سۈرىتىنى ۋە ئېلان سۆزىنى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ئەx دوستلار چەمبىرىكىدىن ئۇx يوللىغان مەزمۇننى كۆرۈپ، ئۇxىن ئاياقنىڭ باھاسىنى سورىغان. ئۇx «سىلگە زاۋۇت باھاسىدا ھەر بىر جۈپ ئاياقنى 10 يۈەندىن بىرىمەن، ئاياق ئەڭ كىچىكسىمۇ بىر ھەپتىدە قولۇڭلىغا تىگىدۇ» دىگەن . ئەx بۇنىڭغا قىزىقىپ ئەرەنچە تەنتەربىيە ئايىقىدىن 50 جۈپ، ئايالچە تەنتەربىيە ئايىقىدىن 50 جۈپ سېتۋالماقچى بولۇپ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا 1000 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. ئۇxپۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

سەكىزىنچى: 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، زىيانلانغۇچى قx ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدىن باشقىلار «توپ مال سېتۋالماقچى بولسىڭىز مۇشۇ دوستىمىزنى قۇشۇڭ» دەپ چىقىرىپ قويغان ئىككىلىك كودنى كۆرۈپ، بۇ ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ جاۋابكار ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، ئۇxقا ئۆزىنىڭ شەپكە سېتۋالماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆزىنىڭ تېلىفۇنىغا ساقلىۋالغان شەپكىلەرنىڭ سۈرىتىنى ئۇxقا يوللاپ بەرگەن. ئۇx، قxغا «سىز ئەۋەتكەن رەسىمدىكى شەپكىلەر ئىچكىردىكى زاۋۇتتا بار، مەن بىۋاستە ئىچكىردىكى زاۋۇتتىن سىزگە سالدۇرۇپ بىرىمەن، ئەگەر زاۋۇتتىن مال كىرگۈزسەك 500 تالدىن ئاز زاكاس قىلساق مالنى سېلىپ بەرمەيدۇ» دىگەن. قx ماقۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ يانفۇنىغا ساقلىۋالغان 30 نەچچە خىل شەپكىنىڭ سۈرىتىنى ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا يوللاپ بەرگەن.ئۇx بۇ شەپكىلەرنى يىۋۇدىن ئەكەلتۈرۈپ بىرەلەيدىغانلىقىنى دىگەن . قx ھەر بىر تال شەپكىنىڭ باھاسىنى ئالتە يۈەندىن دىيىشىپ جەمئىي 726 تال شەپكە سېتۋالماقچى بولۇپ، ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا 4300 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. ئۇx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

توققۇزىنچى: 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، جاۋابكار ئۇx باشقىلارنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، ئۈندىدارىدىكى «***** توپى» غا ئاياللارنىڭ ھەرخىل شەپكىلىرىنىڭ سۈرىتىنى يوللىغاندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى رx ئۇبۇل داۋۇتنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، ئۇX تىن شەپكە سېتۋالماقچى بولۇپ باھاسىنى سورىغاندا، ئۇx «ھەر بىر دانە شەپكىنىڭ باھاسى توققۇز يۈەندىن، 50 تال بىر توپ چىقىدۇ» دىگەن، رx 50 تال شەپكە سېتۋالماقچى بولۇپ 450 يۈەننى ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا يۆتكەپ بەرگەن . ئۇx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئونىنچى: 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى، جاۋابكار ئۇx باشقىلارنى ئالداپ پۇلنى ئېلۋېلىش مەقسىتىدە ، ئۈندىدارىدىكى «**** توپى» غا باشقىلار يوللىغان كۆكتات قىرغۇچ، كىچىك باللار تېيىلىپ ئوينايدىغان سىيرىلما تاختا (****)، قىزلارنىڭ تەنتەربىيە كىيمى، پايپاق، شەپكە قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغان. زىيانلانغۇچى مxئۈندىدارىدىكى بىر سودا توپىدىن ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇx ئۆزىنى ******تۇرىمەن، ھەر قانداق مال ئالسىڭىز سېلىپ بىرەلەيمەن دەپ تونۇشتۇرغان. ماxئۆزىنىڭ 50 تال سىيرىلما تاختا، 30 قۇر تەنتەربىيە كىيمى، 100 تال پايپاق، 20 تال كۆكتات قىرغۇچ سېتۋالدىغانلىقىنى دىگەن. ئۇx ئۆزىنىڭ مال سېلىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى دەپ پاكىت ئويدۇرۇپ، ھەر بىر تال سىيرىلما تاختىنىڭ باھاسىنى 14 يۈەن، ھەر بىر قۇر تەنتەربىيە كىيمىنىڭ باھاسىنى 22 يۈەن، ھەر جۈپ پايپاقنىڭ باھاسىنى بىر يۈەن، ھەر بىر تال كۆكتات قىرغۇچنىڭ باھاسىنى 12 يۈەن دىگەن. مx ماقۇل بولۇپ، ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا 1700 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن . ئۇx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئون بىرىنچى: 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، جاۋابكار ئۇxچاچ ياسىتىش ئۈچۈن، كۇچا شەھەر چوڭ بازادىكى گxنىڭ ساتىراچخانىسىغا كىرىپ، گۈx بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇxئۆزىنى ئىچكىردىن توپ مال كىرگۈزۈپ تور سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىمەن دەپ تونۇشتۇرغان ھەم ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى تەنتەربىيە ئايىقىنىڭ سۈرىتىنى گۈXقا كۆرسۈتۈپ «بۇ ئاياقتىن 300 جۈپ ئالسا توققۇز يۈەندىن سېلىپ بىرىمەن، 500 جۈپ ئالسا سەككىز يۈەندىن سېلىپ بىرىمەن» دىگەن. گۈx بۇنىڭغا قىزىقىپ، ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، ئۇxقا «مىنىڭ شاياردىكى سىڭلىم تور سودىسى قىلاتتى، سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزنى سىڭلىمغا دەپ بەرسەم، سىڭلىم سىزنىڭ ئۈندىدارىڭىزنى قۇشۇپ ماللىرىڭىزنى كۆرۈپ باقسۇن» دىگەن . گx،ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى سىڭىلىسى ئاxقا ئەۋەتىپ بەرگەن. ئاx، ئۇxنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇۋېلىپ، ئۇ\xىن 300 جۈپ تەنتەربىيە ئايىقى سېتۋالماقچى بولۇپ، ھەر بىر جۈپ ئاياقنىڭ باھاسىنى توققۇز يۈەندىن دىيىشپ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا 2700 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن. ئۇx پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن قارشى تەرەپكە مالنى سېلىپ بەرمەي، پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

ئون ئىككىنچى: 2020-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىر كۈنى، زىيانلانغۇچى پxتونۇشى دx، ئۇxبىلەن****خوگوخانىسىدا تاماق يىيىش جەريانىدا، ئۇx بىلەن تونۇشۇپ ئۆز-ئارا ئۈندىدارلىرىنى قۇشۇشۋېلىپ ئالاقىلىشىپ يۈرگەن . 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى پx ، ئۇxنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان ماللارنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «سىزنىڭ سودىڭىز بەك ياخشى ئوخشايدۇ» دىگەندە، ئۇx «مەن ئۈندىدار ئارقىلىق توپ مال ئېلىپ توپ تارقىتىدىغان سودا قىلىمەن، پايدىسى ياخشى ئىدى، لىكىن مەبلەغ يىتىشمىدى، سىزدە پۇل بولسا ماڭا مەبلەغ سالسىڭىز، بىر ھەپتە ئىچىدە پايدا ئايىرىپ بىرىمەن» دىگەن. پxبۇنىڭغا قىزىقىپ ، ئۇXنىڭ ئۈندىدارىغا 500 يۈەن، جىفۇباۋرىغا 4500 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن . ئۇx ، پxنى يەنە ئالداپ پۇل ئېلىش مەقسىتىدە ، 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى پx بىلەن ئالاقىلىشىپ «كىرئالغۇ كۆرۈپ قويغان، مال كىرگۈزەي دىگەن، يەنە مەبلەغ سالسىڭىز مالنى بىر ھەپتە ئىچىدە سېتىپ چىقىرۋېتىپ سىزگە پايدا ئايىرىپ بىرىمەن» دىگەن. پx ماقۇل بولۇپ، ئۇxنىڭ ئۈندىدارىغا 400 يۈەن يۆتكەپ بەرگەن، ھەم شۇ كۈنى ئۇxبىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ، 1-ماي جەنۇبى يۇلدىكى يېزا ئامانەت قەرىز كوپىراتىپىنىڭ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن 2000 يۈەن ئېلىپ ئۇبۇل داۋۇتقا بەرگەن. ئۇx ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ پxن ئالغان 7400 يۈەن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.

جاۋابكار ئۇX يىۋۇ شەھىرىدىن مال كىرگۈزۈپ بېرىمەن دەپ ئۈندىدار دوستلار چەمىبىرىكىگە ئېلان چىقىرىش ۋە يۈز تۇرانە دىيىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا 2020- يىلى1-ئايدىن 2020-يىلى4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە نۇX،ئەX، ئاX قاتارلىق 12 نەپەر كىشىنىڭ 61015 يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن. جاۋابكار ئۇX 10600 يۈەننى قايتۇرغان ، قالدى 50415 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن . 

يۇقارقى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە : 1.يازما ئىسپات: دېلو پاش بولۇش جەريانى، ئاx،نx،مxنىڭ دېلو مەلۇماتى، كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى،  كۇچا ناھىيلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ قالغان نەرسە تىزىمى ، جاۋابكار ئۇxنىڭ دائىمى تۇرۇشلۇق نوپۇس ئۇچۇر جەدۋېلى، ئاx،نx، ئەx،قx،ئاx، پx،ھx، رx تەمىنلىگەن جاۋابكار ئۇx بىلەن ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى ۋە پۇل ئاغدۇرۇش خاتىرىسى ؛ 2. زىيانلانغۇچى ئاx،نx،ئەx، تx، قx،ئاx،پx، تxى،ھx، مx رx،مxنىڭ  بايانى؛ 3.جاۋابكار ئۇxىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛ 4. باھالاش پىكرى: كۇچا شەھەرلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنى چىقارغان﹝2020﹞24- نومۇرلۇقئانالىز دوكلاتى .

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇن تەرتىپكە ئۇيغۇن،مەزمۇنى ئوبىكتىپ راست بولۇپ دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ .جاۋابكار ئۇx شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېتراپ قىلىدۇ ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ . 

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ ، جاۋابكار ئەx قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يالغان پاكىت ئويدۇرۇپ چىقىرىپ باشقىلارنىڭ 61015 يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. جاۋابكار ئۇxنىڭ قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ . جىنايەت پاكىتى ئوچۇق، دەلىل- ئىسپاتلار راست ۋە تولۇق بولۇپ جاۋابكار ئۇxنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا تىگىشلىك . دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئۇx جىنايى قىلمىشىنى ئەينەن تاپشۇرغان ھەمدە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ، كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ . « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق . قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن!  

 تەپتىش : ئەيسا ھادى

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى

قوشۇمچە : 1) جاۋابكار ئۇx تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن بولۇپ،ھازىر ئائىلىسىدە 

           2) دېلو ماترىياللىرى ۋە دەلىل ئىسپاتلار ئىككى توپلام.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top