欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某盗窃案件认罪认罚案件适用)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ

ئەيىبنامىسى

شايار ت ئە چىقىش (2020) 277-نومۇرلۇق

جاۋاپكار ئۇxx ، ئەر، ئويغۇر ،xx19-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك گۇۋاھنامە نۇمۇرى: xxxxxxxxxx65292519، تۇلۇقسىز ئۇتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان،xx ناھىيە xبازىرى xx يۇلى ئاھاللەر كۇمىتىتى xx-كۇچا x-رايۇندىكى ئىجارە ئالغان ئۆيىدە ئۇلتۇرۇشلۇق،ئىلگىرى جازالانمغان. بۇ قېتىم ئۇغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن 2019-يىلى1-ئاينىڭ 16-كۈنى شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرپىدىن كاپالەتچىگە بىرىلگەن.2020-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپدىن كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار ئۇ xxنىڭ ئۇغۇرلۇق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى ش ج خ چىقىش (2019) 44-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكار سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

جاۋاپكار ئوxx 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كىيىن، دوستى قxx ۋە ئۇنىڭ دوستى زىيانلانغۇچى زxx بىلەن بىرگەxx ناھىيەxx بازىرى «تا خې» سودا شەھەرچىسىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى بىر سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش جەريانىدا، زىيانلانغۇچى زxxغا «چىقىمدان» دىتالىنى چۈشۈرۈپ بەرمەكچى بۇلۇپ، ئۇنىڭ 137x6649 نومۇرلۇق تېلفون نومۇرى ئارقىلىق «چىقىمدان» دىتالىغا تىزىملاش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن، يېزا ئامانەت قەرىز كوپىراتىپىنىڭ بانكا كارتىسىنى يۇقارقى تىزىمغا ئالدۇرغان «چىقىمدان» دىتال نومۇرىغا باغلاپ بەرگەن ۋە بۇ جەرياندا زىيانلانغۇچى زxxنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلنى ئوغىرىلاپ ئېلىۋېلىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭ «چىقىمدان» تىزىملاش نومۇرى ۋە مەخپى نومۇرىنى ئىسىدە تۇتۋېلىپ، ئەتسى سەھەر سائەت 1:16 ئۆتكەندە ئۆز ئۈيىدە ئولتۇرۇپ زىيانلانغۇچى زxxنىڭ «چىقىمدان» نومۇرىنى ئۆزىنىڭ تېلفونىدا ئېچىپ، ئۈچ قېتىمدا ئۇنىڭ ھىساباتىدىكى 12 مىڭ يۈەن پۇلنى ئۈزىنىڭ نامىدىكى 2655155 xxxx نومۇرلۇق تېلفون نومۇرىدا ئاچقان «چىقىمدان» نومۇرىغا يۆتكەپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكار ئوxx زىيانلانغۇچى زxxنىڭ 5000 يۈەن ئىقتىسادى زىيىنى قايتۇرغان بولسىمۇ، 7000 يۈەن ئىقىتسادى زىيىنى قايتۇرمىغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار ئوxxنىڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ كارتىسىدىكى پۇلنى يۇشۇرۇن ئۇسۇلدا ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن ئوغۇرلۇق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار راسىت ۋە تۇلۇق. پۇقرالارنىڭ مال-مۇلۇك ھۇقۇقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، جاۋابكار ئوxxغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە، جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋاپكار جىنايتنى ئەينەن ئىقرار قىلىپ، شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ، جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، شوڭا جاۋابكار ئوxxغا مۇددەتلىك 8 ئايدىن يۇقىرى 10 ئايدىن تۆۋەن دائىرىدە قاماق جازاسى بىرىپ، قۇشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن شىتراف قۇيۇش توغىرسىدا تەكلىپ بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، جاۋابكار ئوxxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىغا ئاساسەن ئەيىپلىدۇق، قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: xx

2020-يىلى 4-ئاينىڭ 17 -كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى ، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى بىر توپلام (101- بەت) بىرگە يوللاندى.

2) جاۋابكار ئائىلىسىدە.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top