شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 285-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئۆ**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش، ****- يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 1139*******652901، ئالى تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئاقسۇ شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى پىنسىيىگە چىققان كادىرى، ئاقسۇ شەھىرىدىن ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئا** شەھەر د** **- نۇمۇر **- بىنا **- كۇرپۇس ***- ئۆي، ھازىر ئا** شەھىرى خ** ن** ** بىنا ***- نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق، ئېلگىرى جازالانمىغان، 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش جىنايتى بىلەن توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان، 2019- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى توقسۇ ناھىيلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان، 2019- يىلى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بېرىلگەن.
جاۋابكار ئۆ**نىڭ قاتناش ھادىسىسى جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 141–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىمىمىز قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھۇقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇردى ، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈردى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
جاۋاپكار ئۆ** 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 13:30 ئەتىراپىدا، 新N2L486 نۇمۇرلۇق كۈلىرەڭ كىچىك تىپتىكى ئادەتتىكى ئاپتىموبىلنى پىراۋىلىق ھەيدەپ، ئاپتىموبىلغا ئە**، م**، س**، ر** قاتارلىقلارنى ئولتۇرغۇزۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدىن كۇچار شەھىرىگە قاراپ G3012–لىنىيە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا غەرىبتىن شەرىققە يۆنىلىش بويىچە يول يۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 701 كىلومىتىر+ 100مىتىرلىق ئورۇنغا كەلگەندە، قوللانغان مەشغۇلاتى مۇۋاپىق بولماي 新N2L486 نۇمۇرلۇق ماشنا يولنىڭ سول تەرىپىگە ئۆرۈلۈپ新N2L486 نۇمۇرلۇق ماشىنىدا ئولتۇرغۇچى ئە** نەق مەيداندا قازا قىلغان، م**، س** قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، ر** ئېغىر يارلانغان، قاتناش ۋاستىسىدا ئىقتىسادى زىيان كۆرۈلگەن ،چوڭ يول قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 2262-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا : 1. 新N2L486 نۇمۇرلۇق ماشىننىڭ ھادىسە چىقارغاندىكى تىزلىكى 123 كىلومىتىر ھەر سائەت . 2. ئابتۇمبىلنىڭ ھادىسە سادىر قىلغاندىكى مۇساپىسى : 2019- يىلى 8-ئاينىڭ 14- كۈنى新N2L486 نۇمۇرلۇق ماشىنا غەرىپتىن شەرىققە قاراپ يول يۈرۈپ ، توقسۇ ناھىيسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلى 3012- لىنىيەسىنىڭ 701 كىلومىتىر + 100 مىتىرلىق يول بۈلۈكىگە كەلگەندە ،新N2L486 نۇمۇرلۇق ئاپتۇمبىل يولدا تېيىلىپ كىتىپ، كىيىن新N2L486 نۇمۇرلۇق ئاپتۇمبىل نەق مەيدان يۇلىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى يول مۈرىسىگە چۈشۈپ ، داۋاملىق شەرىققە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا ،新N2L486 نۇمۇرلۇق ئابتۇمبىلنىڭ بېشى غەربى جەنۇپقا ، قۇيرىقى شەرقى شىمال ھالەتتە بۇلۇپ ، نەق مەيدان يولنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى يول يەلكىسىگە ئۈرۈلگەن دەپ بېكىتىلگەن .
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 2276-نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا : ھادىسە چىققان ۋاقىتتا 新N2L486نۇمۇرلۇق ماشىننى ئۆ** ھەيدىگەن دەپ بېكىتكەن .
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019)5896- نۇمۇرلۇق باھالاشنامىسىدا ئۆ**نىڭ قېنىدا ئىسپىرىت تەركىبى بايقالمىدى دەپ باھالىغان .
شىنجاڭ جوڭشىن ئەدىليىلىك باھالاش ئورنىنىڭ (2019) 5982-نۇمۇرلۇق ئەدىليىلىك باھالاشنامىسىدا : ئۆ**نىڭ قېنىدا زەھەر تەركىبى بايقالمىدى دەپ باھالىغان .
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ 2019- يىلى 8- ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى (2019)36- نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدا : ئۆلگۈچى ئە**نىڭ باش قىسىمى ئەتراپى بىسسسز سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدىن (سۇقۇلغاندىكى سىرتقى كۇچ) نىڭ تەسىرىدىن مىڭە غۇلى زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقىرىلغان .
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ (2019)037-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسدا : ئۆلگۈچى س**نىڭ كۆكرەك قىسىمى ئەتراپى بىسسىز سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدىن (سۇقۇلغان ، بېسىلغان) كۆكرەك سۆڭىكى ، سول تەرەپ قۇۋۇرغا سۆڭىكى كۆپ ئۇرۇندىن سۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخمىلىنىش خارەكتىرلىك شۈك بۇلۇپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقارغان .
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ (2019)038-نۇمۇرلۇق جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسدا : ئۆلگۈچى م**نىڭ باش قىسىمى ئەتراپى بىسسىز سىرتقى كۇچنىڭ تەسىرىدىن (سۇقۇلغاندىكى) مىڭە غۇلى زەخمىلىنىپ ئۆلگەن دەپ يەكۈن چىقىرىلغان .
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قانۇن دوختۇرىنىڭ 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى،(2020)1-نۇمۇرلۇق زەخمە باھالاش دوكىلاتنامىسىدا: ھازىر با بولغان ماتىرياللارغا ئاساسەن ، «ئادەم تىنىدىكى زەخمە دەرىجىسىنى باھالاش ئۆلچىمى »نىڭ a2 .9.5، a2 .5.10 –ماددىللىردىكى بەلگىلىمىسى بۇيىچە زەخمىلەنگۈچى ر**نىڭ زەخمىسى ئېغىر زەخمىگە كىرىدۇ دەپ باھالىغان .
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 2019- يىلى9- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى، 652925120190000048-نۇمۇرلۇق قاتناش ھادىسسى ئىتراپنامىسىدا : ئۆ** بۇ قېتىمقى ھادىسىدە تۇلۇق مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، ئە**، م** ، س** ، ر** قاتارلىقلارنىڭ بۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە مەسئۇليەت جاۋاپكارلىقى يوق دەپ بېكىتكەن .
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى ، باھالاشنامە ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ .
مەھكىممىز، جاۋابكار ئۆ**نىڭ قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسىسى جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ئۆ**كە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ133- ماددىسى، 67- ماددا 3- تارماقتىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ئۆ**كە مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە . ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى ، 8 پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى .③ دىلونىڭ ھەق- تەلەپ قىسىمى ئاخىرلاشمىغان .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论