欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某故意杀人)

2021-09-24 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى

غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                غ ن ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش[2020]  151-نومۇرلۇق

جاۋاپكار ئو**(غو**) **، ئەر، ئۇيغۇر، ****–يىلى**- ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتلىق، كەسپى دىھقان، كىملىك نومۇرى: 652421********2012، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: غۇلجا ناھىيە ** يىزا ** كەنىت ئىلگىرى جازالانمىغان.

2019-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان.  2020-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر غۇلجا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

جاۋاپكار خ**، ئەر، ئۇيغۇر، ****–يىلى**- ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، ساۋاتسىز، كەسپى دىھقان، كىملىك نومۇرى: 654121********2866، نوپۇسى ۋە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورۇن: غۇلجا ناھىيە ** يىزا ** كەنىت ئىلگىرى جازالانمىغان.

2019-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلغان. 2020-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش تەستىقلانغان.   2020-يىلى1-ئاينىڭ20-كۈنى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىش ئىجرا قىلىنغان. ھازىر غۇلجا ناھىيىلىك قاماقخانىدا قاماقتا.

بۇ دېلونى غۇلجا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى3-ئاينىڭ20-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئىلىپ، جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردۇق، دېلودا بار بولغان جىنايى پاكىتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، دېلو تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمىزچە:

2019-يىلى7-ئايلاردىن باشلاپ جاۋاپكار ئو**، زىيانلانغۇچى جا**نىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاماق يىيىش جەريانىدا جاۋاپكار خا** بىلەن بىنۇرمال ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنى باشلىغان. 2019-يىلى11-ئايدىن باشلاپ جاۋاپكار خا**، ئو**كە: ‹‹ يولدۇشۇمغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم، ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى بىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۋىتىمەن دەيدۇ›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان. جاۋاپكار ئو**، خا**قا يول كۆرسىتىپ:‹‹ ئەمسە سەن ئېرىڭنى زەھەر بىرىپ، ئىسلاپ (كۆمۈر ئىسىدا) ئۆلتۈرۋەتمەمسەن›› دىگەن. خا** بولسا ئو**غا :‹‹ مەن بىر ئايال كىشى، ناۋادا قاملاشماي قالسا قانداق قىلىمەن›› دىگەن. ئو**، خا**گە :‹‹ ئەمسە مەن بىلەن توي قىلساڭ مەن ساڭا ياردەملىشىمەن›› دىگەندىن كىيىن ئىككىسى جا**نى قانداق ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ جا** ئۇخلاپ قالغاندا ئو** كىرىپ جا**نىڭ قولىنى بىسىپ تۇرىدىغان بولۇپ، خا** يولدىشى جا**نىڭ ئاغزىغا لۆڭگە بىسىپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن، ئەتىسى باشقىلارغا ئۆزى ئاخشام ئاغرىقى تۇتۇپ ئۆلۈپ قالدى›› دەيدىغان بولۇپ مەسلىھەتلەشكەن. 2019-يىلى12-ئاينىڭ12-كۈنى كىچىدە جاۋاپكارلار كىلىشىۋالغىنى بويىچە، ئو** تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ زال ئۆيگە كىرىپ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان پايپاقنى بىشىغا، پەلەينى قولىغا كىيىپ ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ ياتقان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جا**نىڭ ئىككى قولىنى بىشى تەرەپكە قايرىپ تۇتۇپ، قورسىقىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرۋالغان. خا** دەرھال قولىدىكى لۆڭگىنى جا**نىڭ ئاغزىغا بىسىپ بىر قولى بىلەن ئۇنىڭ بۇرنىنى تۇتۇپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان. جا** بارلىق كۈچى بىلەن تىركىشىش ئارقىلىق خا**نىڭ سول قولىنىڭ دۈمبىسىنى چىشلىۋالغان، خا**نىڭ ۋارقىراپ كەتكەن ئاۋازىدىن ئۆزىنىڭ ئايالى خا** ئىكەنلىكىنى تونۇپ قىلىپ ئايالىغا :‹‹ سەن ئايالىم ئىكەنسەن، بالىنىڭ يۈزىنى قىلغىن ›› دەپ يالۋۇرغان. تىركىشىش جەريانىدا ئو**نىڭ بىشىغا كىيىۋالغان پايپىقى چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئۇنىڭ ئۆز خۇشنىسى ئو** ئىكەنلىكىنى تونۇپ قىلىپ:‹‹ مەن ئىككىڭلارنى تونۇپ قالدىم، ئۇنداق قىلماڭلار ›› دەپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، بۇ ئىككىسى :‹‹ ئەمدى بىزنى تونۇپ قالدى، ئۆلتۈرۋىتەيلى ›› دەپ داۋاملىق جا**نى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش مەقسىتىدە ئاغزىغا لۆڭگە تىقىۋاتقاندا جا** قارشىلىق قىلىپ ئۆيدىكى مەشنى تىپىپ ئۆرىۋەتكەن ھەم ئوب**نىڭ ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسىنى، سول پۇتىنىڭ يوتىسىنى(ئىچى تەرەپ) چىشلەپ ئۇلارنى تاپسىغا يىقىتىۋەتكەندىن كىيىن ئو**نىڭ قولىدىن قىچىپ چىقىپ خۇشنىسى سە**نىڭ ئۆيىگە تامدىن سەكرەپ قۇتۇلغان. 

يوقارقى پاكىتنى بىكىتىشتىكى دەلىل-ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:

1.​ يازما ئىسپات؛

2.​  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى؛

3.​ جاۋاپكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛

4.​ ئىنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى؛

5.ئۈن-سىن بۇيۇمى. 

  يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىشى قانۇنلۇق، ئىسپاتلىماقچى بولغان مەزمۇنى ئوبىكتىپ، راست. شىكايەت قىلىنغان قىلمىشنى بىكىتىشكە بولىدۇ. جاۋابكار خا**نىڭ شىكايەت قىلىنغان قىلمىش ۋە دەلىل ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوق ھەم ئۆزى خالاپ جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلغان.  

  مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ:

جاۋاپكار ئو**، خا**نىڭ بىرلىشىپ جا**نى ئۆلتۈرمەكچى بولغان قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 232-ماددا، 23-ماددا، 25-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بۇلۇپ، قەستەن قاتىللىق قىلىش(ئەمەلگە ئاشمىغان) جىنايىتىگە چىتىشلىق. بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئىنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ھەم راست، دىلۇ پاش بولغاندىن كىيىن جاۋاپكارلار قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 232-ماددا، 25-ماددا، 23-ماددا، 67-ماددا 3-تارماق، بەلگىلىمىسى بويىچە جازالاشقا تىگىشلىك دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق، قانۇن بويىچە جازا بىرىشىڭلارنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى غۇلجا ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە

تەپتىش: ئەسئەت قۇرۋانجان

مىرزەكرەم مىرجالال            

2020-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى

ئەسكەرتىش:

1.​ جاۋاپكار قولغا ئىلىنغان،ھازىر غۇلجا ناھىيە قاماقخانىدا قاماقتا.

2.​ 2 توپلام دىلۇ ۋە دىلۇغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار قوشۇپ يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top