博乐市人民检察院
起 诉 书
博乐市检一部刑诉〔2021〕22号
بورتالا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ب ش ت ب ب ج ئەيىپلەش خەتلىك (2021) 22-نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار ئو*، ئەر ، قازاق، 1988-يىلى **- ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان ،كىملىك نومۇرى :6527011988******** ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەدىنىيەت سەۋىيەسگە ئىگە ، ئىشسىز، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : بورتالا شەھەر*بازار * كەنتى، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن : بورتالا شەھەرلىك*ساقچىخانىسى. 2021- يىلى01- ئاينىڭ15- كۈنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىغۇچە كىپىلگە بېرىلگەن، شۇ يىلى1- ئاينىڭ22- كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىق كېپىلگە بېرىلگەن.
مەزكۈر دىلونى بورتالا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ 2021- يىلى1-ئاينىڭ 22-كۈنى (2021) 20-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق جاۋاپكار ئو*نى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دىلونى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ھەم جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ پۈتۈن دىلو ماتىرىياللارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشىمىزچە تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلىرى ئىنىقلاندى:
2021-يىلى 01-ئايىنڭ 08-كۈنى سائەت 04دىن04مىنۇت ئەتراپىدا جاۋاپكار ئو* ھاراق ئىچىپ 新E-***** نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ بورتالا شەھەر* يولىدا شەرىقتىن غەرپكە قاراپ مىڭىپ* يولى كىسىشمە يول ئېغىزىغا كەلگەندە، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەلق ساقچىلىرى تەرىپدىن تەكشۈرۈلۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسىدا، تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن جاۋاپكار ئو*نىڭ ۋىنا قىنىدىن ئىلنغان قان ئەۋىرشكسدىن ئىسپىرت مىقتار بايقالغان، مىقدار 274mg/100ml بولۇپ، مەس ھالەتكە تەۋە.
يۇقارقى جىنايى پاكىتلارنى جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، يازما ئىسپات ،باھالاش پىكرى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.
مەھكىمىمىز مۇنداق دەپ قارايدۇ، جاۋاپكار ئو*نىڭ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن قىلمىشىدىن دۆلىتىمىز«جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ- 133ماددىسىنىڭ بىر مەزمۇنىغا ئاساسەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. پاكىت ئېنىق، دەلىل -ئىسپات تولۇق ۋە راست، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ- 176ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭىزلارغا ئەيىپلىدۇق.
ھۆرمەت بىلەن :
بورتالا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : زاھىر
2021-يىلى1-ئاينىڭ 29-كۈنى
قوشۇمچە :
1).جاۋابكار بىرتەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.
2). دەلىل-ئىسپات مۇندەرىجىسى ، ج خ ئىككى توپلام ،تەپتىش بىر توپلام بىللە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论