欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吾某某交通肇事案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

پىچان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

پىچان تەپتىش 1- بۆلۈم ج ئى ئە چىقىش (2020) 209 - نومۇرلۇق

پىچان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

جاۋابكار ئو**، ئەر، ئويغۇر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى9، 6521221 ******3216، پىچان ناھىيە ** بازار ** كەنىت **-گۇرۇپپا **-نۇمۇرلۇق قۇرودا ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسز ئۇتتۇرا مەكتەپ سەۋيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، شوپۇر، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتىگە چىتىشلىق دەپ قارىلىپ،2019- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى پىچان ناھىيلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىللىككە بىرىلگەن، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى مەھكىمىز تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە قايتا كىپىللىككە بىرىلگەن.

پىچان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋاپكار ئو**نىڭ قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش دېلوسى ئۈستىدىكى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە سۇنغان. مەھكىمىمىز دېلو ماتىرىياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق. دىلونىڭ بارلىق ماتىرىياللىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقتۇق.جاۋابكارغا جىنايىتىنى تونۇپ جازانى ئېتىراپ قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈردۇق، جاۋابكار مەزكۇر دېلوغا ئاددىي تەرتىپنى تەدبىقلاپ سوت ئېچىشقا قوشۇلدى.

مەھكىمىمىز قانون بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۈۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتىنى ئىنىقلاپ چىقتى:

2019-يىلى 3- ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 4 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جاۋابكار ئو** ھاراق ئىچىپ مەسىت ھالەتتە پىراۋىسىز ھالدا 0**8新K نومۇرلۇق ” ** “ ماركىلىق كىچىك تىپتىكى ماشىنىنى ھەيدەپ غەرىپتىن- شەرىققە قاراپ مىڭىپ، دۆلەت تاش يولى 312 لىنىيە 3865 كىلومىتىر 800 مىتىر يول بۆلىكىگە كەلگەندە، ھاراق ئىچىپ مەس ھالەتتە يولنىڭ ئوتتۇرسىدا يىتىپ قالغان تۇرغۇن قادىرنى سوقۇۋەتكەن، نەتىجىدە ھادىستە تۇ** قازالاپ، قاتناش ۋاستىسى زىيانغا ئۇچراشتەك قاتناش ھادىسسى يۈز بەرگەن.

پىچان ناھىيلىك ج خ ئىدارسى ماددىي ئىسپاتلارنى باھالاش ئىشخانسىنىڭ (2019)79-نۇمۇرلۇق قانون دوختۇرنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا: “ ھادىستە قازا قىلغۇچى تۇ** مىڭىسى يىپىقسىمان زەخمىلەنگەن ھەمدە كۆكرەك، قورساق بوشلىقىدىكى ئەزالار يىپىقسىمان زەخمىلىنىپ ئۆلگەن “ دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى جىنايى پاكىتنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن:

1. مۇناسىۋەتلىك يازما ئىسپاتلار؛2. جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئاقلىنىشى؛ 3. گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى؛ 5.نەق مەيدان سۈرەتلىرى؛6 .باھالاش پىكىرنامىسى قاتارلىقلار بار.

يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ توپلىنىشى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەيىبنامىدە بېكىتىلگەن پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. جاۋابكار ئو** ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل- ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق، ھەم ئۆزلۈكىدىن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋاپكار ئو** دۆلەتنىڭ قاتناش تىرانسىپورۇتنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ ،بىخەتەرلىككە دىققەت قىلماي بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىلمىشىدىن قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپاتلىرى راست ۋە تۇلۇق، جاۋاپكارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقىنى قانون بۇيىچە سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. شۇڭا جاۋاپكار ئو**نى »جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى جىنايى ئىشلار قانونى» نىڭ 133- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە جازالاشقا تىگىشلىك. جاۋابكار ئو** جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىدۇ، جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلىدۇ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15- ماددىسى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67- ماددىسىنىڭ 3- تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە كەڭچىلىك بىلەن، يېنىك بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ، مەھكىمىمىز جاۋابكار ئو**گە مۇددەتلىك 1 يىللىق 6 ئايلىق قاماق جازاسى بىرىش جازا تەكلىپىنى بېرىدۇ.

جاۋابكار ئو**نىڭ قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىش دېلوسىنى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176- ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق، قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .

ھۆرمەت بىلەن:

تەپتىش: نۇرسىمانگۈل مەمەتتۇرسۇن

2020- يىلى4- ئاينىڭ 23- كۈنى

ئىزاھات:

1. جاۋاپكار ئو** ھازىر ئائىلىسىدە كىپىللىكتە.

2. دىلو ئارخىپى ج خ توپلىمى 2 توپلام، تەپتىش توپلىمى 1 توپلام، ئەيىپنامە 18نۇسخا بىرگە يوللاندى.

3. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش تۆۋىنامىسى» بىر پارچە دېلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top