ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ئۈ ت ت 1-ب ج ئە﹝2020﹞177–نومۇرلۇق
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرى، ئەر، ئويغۇر، 1986–يىلى *–ئاينىڭ **–كۈنى ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: ********6501031986، باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتلىق، مۇقىم خىزمەت ئورنى يوق، نوپۇس تۇرۇشلۇق ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى **** يولى ***-نۇمۇر *-بىنا *-ئىشىك ***-ئۆي. ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى **** يولى ***-نۇمۇر *-بىنا *-ئىشىك ***-ئۆي. 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن زەھەرلىك بۇيۇم ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان (2016-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى جازا مۇددىتى تۇشۇپ قۇيۇپ بېرىلگەن). بۇ قېتىم ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختىتىپ قويۇلغان. شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى مەھكىمىمىز ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جاۋابكارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، شۇ ئاينىڭ 8-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق رايونلۇق شۆبىسى قولغا ئېلىشنى ئىجرا قىلغان.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق رايونلۇق شۆبىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرىنىڭ ئوغۇرلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسىنى، مەھكىمىمىز 2020-يىلى 9–ئاينىڭ 7-كۈنى قوبۇل قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىش بىلەن بىرگە، بارلىق دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقتۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە:
2020-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەر سائەت 7:00 لەردە جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرى شەھىرىمىزنىڭ تىيانشان رايۇنى داۋەن جەنۇبى يولى 308-نۇمۇر 3-بىنا B ئىشىك 1302-نۇمۇرلۇق ئۆيدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈ***نىڭ كىيىم ئىشكابىنىڭ ئاستىدىكى تارتىمىغا سېلىپ قويغان 11438.88 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى تال ئالتۇن بىلەيزۈك بىلەن بىر تال زۇننار كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكىنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كېيىن زاڭ مال ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان.
يۇقارقى پاكىتنى بېكىتىشتىكى دەلىل–ئىسپاتلار تۆۋەندىكىچە:
1. يازما ئىسپات: جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇر ئىسپاتى؛
2. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى گۈ***نىڭ دىلو مەلۇم قىلىش ماتىريالى ۋە سۆھبەت خاتىرىسى؛
3. گۇۋاھچى نا***، رۇ***نىڭ گۇۋاھلىقى.
4. جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرىنىڭ تەھقىقلەش سوراقلىرىدىكى ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى؛
5. مال باھا بېكىتىش مەركىزىنىڭ باھالاشنامىسى؛
6. باشقا ئىسپات ماتىرىياللار: جاۋابكارنىڭ تۇتۇلۇش جەريانى ئىسپاتى، جاۋابكارنىڭ ئىلگىرى جازالانغانلىق ھۆكۈمنامىسى، دىلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى تۇتۇپ قېلىش ۋە قايتۇرۇش تىزىملىكى قاتارلىقلار.
يۇقارقى دەلىل ئىسپاتلار قانۇنلۇق توپلانغان، مەزمۇنى ئوبىكتىپ ۋە ھەقىقى بولۇپ، شىكايەت قىلىنغان پاكىتنى تولۇق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ. جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرىنىڭ شىكايەت قىلىنغان جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا نىسپەتەن باشقىچە پىكرى يوق، شۇنداقلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قوبۇل قىلىدۇ.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى مال-مۈلىكىنى ئوغۇرلىغان قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 264-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرى ئىلگىرى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىنكى بەش يىل ئېچىدە يەنە مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جىنايى جازا بېرىلىدىغان قەستەن جىنايەت سادىر قىلغان، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 65-ماددىسى بويىچە ئېغىر جازا بېرىش كىرەك. دېلونىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق ۋە راست بولۇپ، ئوغۇرلۇق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇنى جازا بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز.
تەپتىش: قۇدۇس قاسىم
تەپتىش ياردەمچىسى: سەمىجان سەمەت
2020–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى
ئەسكەرتىش:
1. جاۋابكار ئوسمانجان ئابابەكرى ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-قاماقخانىدا قاماقتا.
2. مەھكىمىمىزنىڭ 8 نۇسخا ئەيىبنامىسى ۋە تەھقىقلەش دېلو ماتىرىيالى 2 توپلام بىرگە يوللاندى.
3. جازا ئۆلچەش تەكلىپى، ئاددى تەرتىپنى قوللىنىش تەكلىپى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىر نۇسخا يوللاندى.
4. جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش كىپىللىك خېتىدىن بىر نۇسخا(ئەسلى نۇسخىسى) بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论