欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐XX盗窃案)(公开版)

2021-09-25 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى 

   ئا ش ت ئەيىپلەش چىقىش (2020) 100  - نومۇرلۇق

 ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار تXX، ئەر، قىرغىز، 57 ياش،  كىملىك نۇمۇرى:653023XXXXXXXX، ئاقسۇ شەھەر XXبازار قاراڭغۇ توغراق X-گۇرۇپتا ئولتۇرۇشلۇق، تۇللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمغان، كەسپى: دېھقان. 2020-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلنغۇچە كىپلككە بىرىلگەن.

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020– يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى  (2020) 485-نومۇرلۇق ئەيىپلەش پىكىرنامىسى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز جاۋاپكارغا ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ۋە ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ   قانۇن بۇيىچە سۇئال سوراپ، دىلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2020-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 23 لەر ئەتىراپىدا جاۋابكار تXX ئاقسۇ شەھەر XXبازار قاراڭغۇ توغراق 3-گۇرۇپ XXنىڭ ئۈيىدە ئىشلەش جەريانىدا XX تەمنلەپ بەرگەن ئۆيدە ئۈزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ، ئوغۇرلۇق قىلىش مەقسىتىدە، زىيانلانغۇچى سXXنىڭ قوتىنغا بېرىپ ئەتىراپتا ئادەم يوق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 2010يۈەن قىممىتىدىكى ئىككنى قوينى تۇتۇپ قوتاندىن ئېلىپ چىقىپ، قوتاندىن تەخمنەن 500 مىتىر يىراقلىقتىكى بىر سۆگەتنىڭ تۈۋىگە باغلاپ قويغان، ئەتىسى سائەت 8 يېرىملار ئەتىراپىدا XXنىڭ ئۈچ چاقلىق توكسلىتنى ھەيدەپ چىقىپ، ئوغۇرلىغان ئىككى تۇياق قوينى توكسكلىتىقا بېسىپ قارتال بازىرى ئارا مەھەللە كەنىت 1-گۇرۇپتىكى ئەزىز باۋدۇنىغا 1420 يۈەنگە سېىتۋەتكەن. دېلو پاش بولغاندا زىيان ئەسلىگە كەلگەن.  

يۇقارقى پاكىتلارنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش خۇلاسىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋاپكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 264-ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ؛ جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق. جاۋابكار جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى. بۇ «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن، شۇڭا جاۋابكارغا ئوغۇرلۇق جىنايىتى بىلەن جىنايى جازا بېرىشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

 

تەپتىش :تXX

تەپتىش : ئېXX

2020- يىلى  6- ئاينىڭ 30-كۈنى

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top