شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىپلەش (2020) 287-نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
1. جاۋابكار ت** ، ئايال ، ئويغۇر ،** ياش، ****-يىل **-ئاينىڭ **- كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى:652925*******3049، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان ، ت**ناھىيسىدىن، ت** ناھىيە **يېزا ** كەنىت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق ، ئىلگىرى جازالانمىغان . 2019-يىل 08-ئاينىڭ 14-كۈنى توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرپىدىن ، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.
2. جاۋاپكار ** ، ئەر ، ئويغۇر ، **ياش، ****-يىل **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان ، كىملىك نۇمۇرى3010: ******** ، 652925باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە ، دېھقان ، ت**ناھىيسىدىن، ت** ناھىيە** يېزا ** كەنىت **-گوروپ **-نۇمۇرلۇق قورودا ئولتۇرۇشلۇق. ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىل 08-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدارىمىز تەرپىدىن ، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى گۇمانى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغىچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن .
جاۋابكار ت** ، ك**لارنىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايەت دېلوسىنى، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى (2020) 147–نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان.
مەھكىممىز دېلونى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق ۋە جىنايىتىنى تۇنۇش جازانى قۇبۇل قىلىش كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان قانۇنى ئاقىۋەتنى ئۇقتۇردۇق. جاۋاپكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق، جاۋاپكار ۋە دۇجۇرنى ئادۋۇكاتنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق. قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاۋاپكارنىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتلىرى ئېنىقلاندى:
2019- يىلى 8- ئاينىڭ 9- كۈنى زىيانلانغۇچى ئا** توقسۇ ناھىيە ئۇچقات يېزا ئاچىدۆڭ كەنت كومتىتى ئالدىدىكى ھاراق دۇكىندا ئا** ، ن**، ئە** ، ئە** قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىپ كېچىچە ئۈيىگە كىرمىگەن. جاۋاپكار ت**2019-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7:00 ئەتىراپىدا ، بالىسى ئا**نى ئىزدەپ بېقىش ئۈچۈن، توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزا ئاچىدۆڭ كەنىت 1-گوروپتىكى ئۈيىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇشىغا ، ئۈچقات يېزا ئاچىدۆڭ كەنىت 1-گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق قېيىن ئاپىسى م** كىلىپ ، ئاۋايتىن ئا** ئۈيۈمنىڭ قېشىغا كىلىپ مىنى تىللىدى ، ئۇ مەست ئىكەن دىگەن ، شۇ ۋاقىتتا ئا** ئۇچىسىدا كۆينەك يوق ، پۇتىدا ئاياق يوق مەست ھالەتتە پىيادە مېڭىپ ئۈيى تەرەپكە كەلگەن . ئاندىن جاۋاپكار ت** بالىسى ئابابەكرى كىبىرنى كۈرۈپ ئۈيىگە كىرىپ كىتىش ئۈچۈن ماڭغان . ئا** جاۋاپكار ت**كە توختا ، ساڭا دەيدىغان گىپىم بار دىگەن . جاۋپكار ت**توختاپ بالىسى ئا**گە سەن تايغاندەك مېڭىپ يۈرگىچە ئۆيگە كىرىپ ياتساڭ بولمامدۇ دىگەندە ، ئا**جاۋاپكار ت**كە سەنمۇ ئاپا بولدۇڭمۇ ، سەن مىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ قانداق ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلىدىڭ دەپ مەيدىسىدىن ئىتتىرگەن . ئاندىن جاۋاپكار ت** بالىسى ئا**گە سىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىپ قويدۇم ، يەنە نىمە قىلىپ بەرسەم بۇلاتتى دەپ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن ئۇرغان . ئا** ئىشتان يانچۇقىدىن بىر دانە قۇرۇق پىۋا بوتۇلكىسىنى ئېلىپ ، جاۋاپكار ت**نى ئۇرماقچى بولغاندا ، خوشنا ئۆيدىكى م** ، ئا** كىلىپ ئاجىرىتىۋالغان. شۇ ۋاقىتتا ئا**نىڭ ئاتىسى جاۋاپكار ك** بىر دانە تۈمۈر تۇربا كالتەكنى كۆتۈرۈپ ئۈيىدىن چىقىپ ئا**گە سەن ئاپاڭغىمۇ مۇش كۆتۈرۈمسەن دەپ ئۇنىڭ پۇتىنىڭ يوتا قىسمىغا تۈمۈر تۇربا كالتەك بىلەن بىرنى ئۇرغان ھەم ئا**نى قۇچاقلاپ تۇتۇپ ئۆي تەرەپكە تارتقان . ئا** ئۆيگە كىرمەيمەن دەپ جاۋاپكار ك**نى مۇش بىلەن ئۇرغان . ئاندىن جاۋاپكار ت**، ك**لار ئا**نى تۇتىۋېلىپ خوشنىسى م**، ئا**ننىڭ ياردىمىدە ھويلىسىغا ئەكىرگەن . ئاندىن م** ، ئا** ھويلىدىن چىقىپ كەتكەن . ئا**ئۆيگە كىرمەيمەن دەپ جېدەل قىلىپ جاۋاپكار ت**، ك**نى تىللاپ سىرىتقا ماڭغان . جاۋاپكار ت** ئا**نىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن ئىككىنى ئۇرغان يەنە ھويلىدىن جاۋاپكار ك** تاشلاپ قويغان تۈمۈر تۇربا كالتەكنى ئېلىپ سۆڭگەچ قىسمىغا ئىككىنى ئۇرغان . ئاندىن ئۆيگە ماڭ دەپ ئا**نىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ تارتقان . بۇ ۋاقىتتا ئا** ھويلىدىكى تال قالىقنىڭ تۈمۈر تۈرۈكىگە ئېسىلىۋالغان . جاۋاپكار ت** ، ك**لار ئا**نى تۈرۈككە باغلاپ قۇيۇشنى دىيشىپ ، جاۋاپكار ك** بالىسى ئا**نىڭ ئىككى قۇلىنى تۈرۈككە ياڭزاپ تۇتۇپ تۇرغان . جاۋاپكار ت**ھويلىدىن ئاق رەڭلىك قارا چىكىتلىك ئارغامچىنى ئېلىپ بىر ئۇچىدا ئا**نىڭ ئىككى قۇلىنى جۈپلەپ تۈمۈر تۈرۈككە باغلىغان . ئارغامچىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا ئا**نىڭ قورساق قىسىمىدىن تۈرۈككە يۆگەپ باغلىغان . ئارقىدىن ئۇچىدا تۈمۈر ئىلمىكى بار رېزىنگە تانىنى ئېلىپ كىلىپ ئىككى پۇتىدىن تۈرۈككە يۆگەپ باغلاپ قويغان . ئاندىن جاۋاپكار ت** سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ، جاۋاپكار ك** ھويلىسىدا قاراپ تۇرغان . ئارلىقتا 15-20 مىنۇت ئەتىراپىدا ئۆتكەندە ، جاۋاپكار ت** ھويلىسىغا قايتىپ كىرگەن . بۇ ۋاقىتتا ئا** تىنىچلىنىپ يەرگە ئىڭىشىپ جىم بۇلۇپ قالغان . ئاندىن جاۋاپكار ت** ، كى**لار ئا**نى باغلىغان ئارغامچىنى كىسىپ بوشاتقان . ئا** تۈرۈك تۈۋىدە يەردە يېتىپ قالغان . جاۋاپكار ت** ، ك**لار ئابابەكرى كىبىرنى ئۇخلاپ مەسلىكى يىشىلگەندە ئوڭشىلىدۇ دەپ ھويلا دەرۋازىسىنى سىرتىدىن تاقاپ قۇيۇپ ، توقسۇ ناھىيە بازىرىغا كەتكەن . ئا** شۇ جايىدا يېتىپ ئۆلگەن .
توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئىشخانىسىنىڭ ( 2019 ) 055 - نۇمۇرلۇق قانۇن دوختۇرلۇق ئىلمى جەسەت تەكشۈرۈش باھالاشنامىسىدا : ئۆلگۈچى ئا** ھايات ۋاقتىدا مەست ھالەتتە يۇقارقى قورساق قىسمى گال ئەسۋاپنىڭ تەسىرىدە ( باغلاش سىرىتقى كۈچى ) بېسىلىپ مىخانىكىلىق تۇنجۇقۇش سەۋەبىدىن نەپەس ، ئايلىنىش سېستىمىسى زەئىپلىشىپ ئۆلگەن دەپ باھالانغان .
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: ماددى ئىسپات، يازما ئىسپات، گۇۋاچىنىڭ گۇۋالىقى ، ئېنىقلاش- تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاشنامە، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل -ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بېكىتىشىكە بۇلىدۇ
مەھكىممىز، جاۋابكار ت** ، ك**لارنىڭ قىلمىشىدىن سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيۇش جىنايىتى شەككىللىندۇ . جاۋابكار ت**، ك**لارغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 233-ماددا 25- ماددىسىدىكى بەلگىلمىسى بۇيىچە، جىنايەت بىكىتىپ جازا بىرىشكە تېگىشلىك، جاۋاپكار ت** ، ك**لارغا مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىۋى بىرىمىز، شوڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە
تەپتىش : مۇنىرە ئېلى
تەپتىش : ئەمەر ئەمەت
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكارلار ھازىر ئائىلىسىدە كېپىلدە. ② 2 توپلام ج خ دىلو ماتىريالى ، 13 پارچە ئەيىپلەشنامە ، 1 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论