欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某赌博案)(公开版)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                        ئا ش ت ئەيىبلەش (2020) 320-نۇمۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:

    جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 29 ياش، سالاھيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ نومۇرى : XXXXXXXX6529281991 ، توللۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىگە، يۇرتى:  ئاۋات ناھىيسى، ئاۋات ناھىيە XX بازىرى XX كەنىت XX نۇمۇر قۇشۇمچە XX نۇمۇردا ئولتۇرۇشلۇق، قاسساپ، 2019-يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قىممار ئويناش قىلمىشى ئۈچۈن مەمۇرى جەھەتتىن 12 كۈن توختىتىپ قۇيۇلغان.  2020-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئوغۇرلۇق جىنايەت گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ،  مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 2020- يىل 6- ئاينىڭ 4- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىنغان . 

ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلونى تەھققىلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى (2020) 217-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى، مەھكىمىمىز دىلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، جاۋابكارغا ھوقۇق- مەجبۇريەتلىرى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇلدى ۋە قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، بارلىق دىلونى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇردى. 

قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە :

 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 15:00لەر ئەتىراپىدىن 21:20لەر ئەتىراپىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئاقسۇ شەھەرXX يېزا XX كەنىت XXگۇرۇپ ئايىغىدىكى دەريا بويىدا، جاۋابكار تXXنىڭ باشقىلارغا تىلفۇن قىلىپ تەشكىللىشى بىلەن جاۋابكار تXX، ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغان قXX، قXX، ئاXX، سXX، ئەXX، يXX، تXX، نXX، ئىXX قاتارلىقلار شىشىخال بىلەن چىنىدىن پايدىلىنىپ، ھەر بىر ئادەم ھەر بىر قولدا تىگىنى 300 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە تىكىشىپ، تۆت دانە شىشخالىنى چىنە ئىچىگە تاشلاپ، قاتار جۈپ دەپ ئۇتۇش ئۇتتۇرۇشنى بەلگىلەپ نۆۋەتلىشىپ ئېتىپ توپلىشىپ قىمار ئوينىغان بولۇپ، جاۋابكار تXX قىممار سورۇنىدىن 1500 يۈەن چۇتار ئالغان. قىمار سورۇنىدىكى ئومۇمى قىممار پۇلنىڭ سوممىسى 56856 يۈەن بولغان.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز جاۋابكار تXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 303-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تۇللۇق، قىممار ئويناش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار تXX جىنايىتىنى تۇنۇپ مەھكىمىمىز ئۆلچىگەن جىنايى جازاغا قايىل بولدى، ئۇنىڭ قىلمىشى يەنە «جوڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. شۇڭا جاۋابكار تXXنى قىممار ئويناش جىنايىتى بىلەن «جوڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق. 

تەپتىش: ھۈسەنجان موللىمىن 

2020-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئىزاھات:

1.جاۋابكار تXX ئاقسۇ شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

 2 . 8 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تىلخېتى، بىر نۇسخا ئالماشتۇرۇپ قاماش گۇۋاھنامىسى، ئىككى  توپلام تەھقىقلەش دىلو ماتىريالى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top