شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
كۇچا ناھىيلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسى
ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕 263- نومۇرلۇق
كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :
جاۋابكار ت **، ئەر، ئۇيغۇر، – ** يىلى –** ئاينىڭ –** كۈنى تۇغۇلغان . كملىك نۇمۇرى**********65292319 ،تۇلۇق كۇرس مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە،مۇقىم كەسپى يوق، يۇرتى: شىنجاڭ كۇچا شەھرى، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى: كۇچا ناھىيسى ** يۇلى -**نومۇر،** – بىنا 3 – ئىشىك 203 – ئۆي .
-2019يىلى- 11ئاينىڭ -09كۇنى ئالدامچىلىق قىلىش جىنايەت گۇمانى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلغان، -2019يىلى- 11ئاينىڭ -23كۇنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان . ھازىر كۇچا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا .
مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى-11〔2020〕نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋاپكار ت **نىڭ ئالدامچىلىق دېلوسىنى -2020يىلى-1ئاينىڭ-13كۇنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ،-2020يىلى-2ئاينىڭ-14كۇنى سۇرۇك ۋاقتىنى بىرىنچى قېتىم 15كۇن ئۇزارتتۇق،-2020يىلى-02ئاينىڭ -27كۇنى پاكىتى ئۇچۇق ،دەلىل–ئىسپاتى تۇلۇق ئەمەس دەپ قاراپ بىرىنچى قېتىملىق تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق. 3-ئاينىڭ -27كۈنى دىلونى مەھكىمىمىزگە قايتا يوللىدى،مەھكىمىمز تاپشۇرۇپ ئېلىپ»جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ» بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىنشىنى ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلىشقا ھۇقۇقلۇق ئىكەنلىگىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بۇيىچە سوراق قىلدۇق ۋە جاۋاپكار ۋە دىجورنى ئادۋوكاتىنىڭ پىكرىنى ئالدۇق. دېلودىكى ماتىرىياللارنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ كۆردۇق. دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:
1-پاكىت-2019:يىلى-06ئايلاردا زىيانلانغۇچى ھ**شىرىكلىرى م**، ر**، ئا**لار ئۆي چېقىش ئىشىنى كۆتىرە ئېلىپ پايدا تېپىش مەقسىتىدە، جاۋابكار ت **نى ئىزدەپ بېرىپ ئەھۋالنى دىگەن. ت** ئۇلارنىڭ پۇلىسىنى ئالداپ ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارغا-2018يىللىق كەپە رايۇنلارنىڭ مەركەزلىك ئۆزگەرتىدىغان رايۇنلار سىرتىدىكى چېقىلمايدىغان ** ئولتۇراق رايۇنى ئىچىدىكى 20 دوم كەپە ئۆيلەرنى» ئۇزاق قالماي چېقىلىدۇ، چېقىش ھەققى ئۈچۈن 12000 يۈەن، رەنە پۇلى ئۈچۈن 20000 يۈەن تاپشۇرىسىلە دىگەن«، ھېبىبۇللا ئابلىتىپ قاتارلىقلار ت **نىڭ گىپىگە ئىشىنىپ ماقۇل دەپ 12000 يۈەن پۇلنى بەرگەن. ت ** كومپىيوتىرىدىن ئۆي چېقىش ئىشىنى كۆتىرە ئالىدىغانلار بىلەن ئىمزالىشىدىغاندىكى توختامدىن 3 نۇسخىنى ئۇرۇپ مەمەتئېلىنىڭ نامىدا ئىمزالىشىپ توختاملاشقاندىن كىيىن قايتىپ كەتكەن. ئارلىقتىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ھېبىبۇللا ئابلىتىپلار ت **غا تىلىغۇن ئۇرۇپ سايباغ ئولتۇراق رايۇنىدىكى چېقىلىدىغان ئۆينى سوراپ تىلىغۇن قىلغاندا، ت **نى ئۇلارغا»يەنە بىر پارچە چاقىدىغان يەر تەستىقلىنىپ قاپتۇ، ئۇ مەن سىلەرگە دىگەن بۇلاق بېشىدىكى 90 دوم ئۆي شۇ ئىكەن، شۇ يەرنىمۇ چاقىدىكەنمىز، باشلىق خىرىدار تېپىڭلا دەيدۇ.....» دىگەن، ئۇلار ئۇ يەرنىمۇ ئېلىپ چېقىش نىيتىدە ت **غا ئۇ يەرنىمۇ بىز چاقىلى دىگەن. ت ** ئۇلارغا ئۇنداق بولسا ئالدىن 20000يۈەن رەنە پۇلى تاپشۇرۇڭلا دىگەن. ئارلىقتىن تەخمىنەن 10 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ھ**لار ت **نى ئىزدەپ ** كەنىت ئاھالىلەر كومتىتى ئىچىدىكى ئىشخانىسىغا ئىزدەپ بېرىپ، ت **غا بۇلاق بېشىدىكى چېقىلىدۇ دىگەن ئۆيگە ھىساپ 20000 يۈەن پۇل تاپشۇرغان. ت ** ئۇ پۇللارنى قىمار ئويناپ خەجلەپ تۈگەتكەن. كىيىن ھ**لار ئۈزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ت **دىن پۇلنى سۈيلىگەن، ت ** ئۇلارغا 2000 يۈەننى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ قالغان 30000 يۈەن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
2-پاكىت -2019:يىلى -02ئايلاردا جاۋابكار ت ** باشقىلارنى ئالداپ پۇل تېپىپ خەجلەش نىيتىدە، ئۇزۇندىن بىرى ئۆي چېقىش ئىشىنى قىلىپ كىلىۋاتقان زىيانلانغۇچى ك** بىلەن كۈرۈشۈپ، -2018يىللىق كەپە رايۇنلارنىڭ مەركەزلىك ئۆزگەرتىدىغان رايۇنلار سىرتىدىكى چېقىلمايدىغان ئوچا بازىرى ساقساق ئىجتىمائى رايۇندا چاقىدىغان 19 دوم كەپە ئۆي بار دەپ 10000 يۈەن رەنە پۇل بىلەن 11400 يۈەن ئۆي چېقىش پۇلى ئالغان-2019يىلى-08ئايلاردا ت **، يەنە داۋاملىق ك**نى ئالداپ پۇل ئۈندۈرۈش مەقسىتىدە ** بازىرىنىڭ قارشىسىغا جايلاشقان 95دوم كەپە ئۆيلەرنى چاقىدكەنمىز دەپ ك**تىن ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ يەنە 64600يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن ئۇمۇمى زىيان 86000 يۈەن ئەسلىگە كەلمىگەن.
-3پاكىت:جاۋابكار ت **-2019يىلى-03ئايلار مەزگىلىدە كۇچا شەھەرلىك **چەكلىك شېركىتىگە ۋاكالىتەن ئۆي چېقىش ئىشىنى كۆتىرە ئالغانلار، ئۆي چېقىش ئىشىنى بىخەتەر تۈگەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئالدىن تاپشۇرغان زاكالەت پۇلىسىنى قايتۇرغان، لىكىن ت ** زىيانلانغۇچى م**غا يالغاندىن »شېركەتتىن پۇلنى تېخى بەرمىدى« دىگەننى باھانە قىلىپ شېركەتتىن م**غا قايتۇرغان 10000 يۈەن پۇلىسىنى ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن.
جاۋابكار ت**نىڭ دىلوغا چىېتىشلىق ئالدامچىلىق سوممىسى 128000 يۇەن .
دىمەك، جاۋابكار ت **نىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە شەخىسلەرنىڭ پۇل-مېلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ .
يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات ،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى،زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى،جاۋابكارلارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى،ئېنىقلاش تەكشۈرۈش خاتىرىسى،ئۈن-سىن ماتىرىيالى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ .
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار ت **نىڭ باشقىلارنىڭ كۆپرەك سوممىدىكى قانۇنلۇق پۇل مېلىنى ئېلىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان قىلمىشى » جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددا 2 - تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسگە خىلاپ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپات راست ھەم تولۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار ت ** جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. دەپ قاراپ «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى»نىڭ-176 ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
تەپتىش : ھۆرىيەت تۇردى
2020-يىلى04-ئاينىڭ 27 -كۈنى
قوشۇمچە :
1)جاۋابكار كۇچا شەھەرلىك قاماقخانىدا قاماقتا .
2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى، 9پارچە ئەيىبلەشنامە،جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى ،جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论