欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某诈骗案)(公开版)

2021-09-20 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى 

شايار ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسنىڭ

ئەيىبنامىسى

                                                شايار ت ئە چىقىش (2020) 342-نومۇرلۇق

جاۋابكار تXX، ئايال، ئۇيغۇر، 19XX-يىلى X-ئاينىڭ X-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 81XXXXXXXX65292419، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، توختىتىپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرى شايار ناھىيە XX بازىرى XX كەنت 2-گورۇپ 108 -نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە ئاساسەن شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلۇپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان. 

شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى جاۋابكار تXXنىڭ ئالدامچىلىق جىنايەت دېلوسىنى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ش ج خ چىقىش (2020) 215-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچىلەر جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى ئۇقتۇردى، دېلو بىر قېتىم تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇرۇلۇپ، بېجىرىش سۈرۈك مۇددىتى ئىككى قېتىم ئۇزارتىلدى، جاۋابكار سوراق قىلىندى ۋە پىكىرى ئاڭلاپ ئۈتۈلدى . 

قانۇن بۇيىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: جاۋابكار تXX 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ قېيىن ئاتىسى قXX نامىدا ئىجارىگە ئېلىپ تۇرۋاتقان شايار ناھىيەلىك سەيجىيەن كاپالەتلىك تۇرالغۇ چەكلىك شىركىتى ئېگىدارلىقىدىكى XX 2-قارار XX-بېنا XX-نۇمۇرلۇق تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ ئېگىدارلىق قىلىش ھۇقۇقىنىڭ يوقلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، قانۇنسىز ئېگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، 2019-يىلى 4-ئايدا شايار ناھىيە XX ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنى ئارقىلىق ئۆي سېتىش ئېلانى چىقارغۇزۇپ، 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى بۇ ئۆينى زىيانلانغۇچى ئەXXغا 125000 يۈەنگە ساتقان. زىيانلانغۇچى ئXX 120000 يۈەن پۇلىنى بىرىپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئۆينىڭ تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆي ئىكەنلىكى، جاۋابكار تXXنىڭ ئۆيگە ئىگىدارلىق قىلىش ھۇقۇقىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا، جاۋابكار تXX زىيانلانغۇچى ئەXXنىڭ 70000 يۈەن پۇلىنى قايتۇرۇپ بىرىپ، قالغان 50000 يۈەن پۇلنى تۇرلۈك سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيانلانغۇچى ئXXنىڭ 15000 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كىلىپ، قالدى 35000 يۈەن زىيىنى ئەسلىگە كەلمىگەن.

يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ۋە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ: جاۋابكار تXXنىڭ قانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، دۆلەت ئېگىدارلىقىدىكى تۇرالغۇ ئۆينى ئۆزىنىڭ قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنى باشقىلارغا سېتىش ۋاستىسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ناھايىتى كۆپ مىقداردىكى مال-مۈلكىنى ئالداپ ئېلىۋالغان قىلمىشىدىن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى. پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچىرىماسلىقىنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266-ماددا، 67-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بۇيىچە جاۋابكار تۇنXXنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك. جاۋابكار تXXجىنايىتىنى تۇنۇپ جازاغا قايىل بولدى، شوڭا جاۋابكار تXXكە مۇددەتلىك 2 يىل 8 ئاي قاماق جازاسى، قۇشۇمچە 5000 يۈەن شىتىراف قۇيۇش تەكلىپى بىلەن بىرگە ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا، 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيبلىدۇق. قانۇن بۇيىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىشىڭلارنى سورايمىز .

ھۆرمەت بىلەن 

شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە 

     تەپتىش: مۇكەرەم ئالاۋۇدۇن

مۇۋەققەت تەپتىش: دىلرابا مۇرات

2020-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى

قۇشۇمچە: 1) 8 نۇسخا ئەيىبنامە، دەلىل-ئىسپاتلار مۇندەرىجىسى ، تەھقىقلەش دېلو ئارخىپى بىر توپلام (بىر توپلام، جەمئى 159 بەت) بىرگە يوللاندى.

              2) جاۋابكار قاماقخانىدا قاماقلىق

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top