欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某诈骗案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

كۇچا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕162- نومۇرلۇق

كۇچا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە :

جاۋاپكار تX ئەر، ئۇيغۇر، 1987-يىلى **-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: *********6529231987.تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جاي ۋە توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرغى: كۇچا شەھەر ***** يېزا **** كەنىت **-گۇرۇپ **-نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.

2019-يىلى 09-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن كۇچا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ئائىلىسىگە كېپىللىككە بىرىلگەن،ھازىر ئائىلسىدە كېپىلدە.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2019〕812-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى بىلەن يوللىغان جاۋابكار تXىڭ ئوغۇرلۇق دېلوسىنى2019- يىلى11- ئاينىڭ27- كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق،2019-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى دىلو بىجىرىش سۈرىكىنى ئۇزارتتۇق،2020-يىلى1- ئاينىڭ11-كۈنى دىلونى كۇچا ناھىيلىك ج خ ئىدارىسىگە تۇلۇقلاپ تەھقىقلەشكە قايتۇردۇق، 2020- يىلى3-ئاينىڭ1-كۈنى دىلونى تۇلۇقلاپ قايتا يوللىدى،دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ كۆردۈق، دېلودىكى دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جىنايى پاكىت تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاندى:

جاۋاپكار تX 2018-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا كۇچا ناھيىە كۇچا خەلقئارالىق مەيخانىسىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى بۇلۇپ ئىشلەش جەريانىدا، كۇچا ئۇچۇر توپى دىگەن توپتىن ھەر خىل كېنىشكە بېجىرمىز دىگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، باشقا توپقا يوللاپ پايدا ئېلىپ خەجلەش مەقسىتدە، كۇچا ئۇچۇر توپى ۋە باشقا توپلارغا يوللىغان، بۇ جەريانىدا زىيانلانغۇچى ئازادەم نىياز جاۋاپكار تX توپقا يوللىغان ئامانلىق ساقلاش كېنىشكىسى بېجىرىمىز دىگەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، جاۋاپكار تXنى ئۈندىدارىغا ئايرىم قاچىلاپ، ئامانلىق ساقلاش كېنىشكىسى بېجىرش جەريانىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كىيىن، سX، بX ، مىX ، بX، تX قاتارلىقلارغا مەن توردا بىرسى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم، پۇل تۆلەپ ئۇقۇماي تۇرۇپ ئامانلىق ساقلاش كېنىشكى ئالغىلى بۇلىدىكەن ھەر بىر ئادەمگە 800 يۈەن ئالدىكەن دىگەندىن كىيىن، يۇقارقىلار قىش ۋاقتى بېكار تۇرساقمۇ تۇرغىدەكمىز بېجىرىپ قۇيايلى دەپ ئويلىشىپ، سX`، يولدىش ئاX، بX نX، بX، تX، سXنىڭ ئاكىسى نX قاتارلىقلار ئاXنى ئىزدەپ بېرىپ، ئاXئارقىلىق ئامانلىق ساقلاش كېنىشكىشى بېجىرىش ئۈچۈن تXقا ھەر بىرىدىن 800 يۈەندىن ئۆزى قۇشۇپ 5600 يۈەننى تXنىڭ ئۈندىدارىغا ئايرىم- ئايرىم ئېتىپ بېرىپ، كىملىك ئالدى- كەينى، رەسىم قاتارلىق ماتىرياللارنى جىنايەت گۇماندارى تXقا تەمىنلەپ بەرگەن، ئارقىدىن ئاXنىڭ دوستلىرىدىن سX، تX قاتارلىقلار جاۋاپكار تXنى ئۈندىدارىغا ئايرىم قۇشۇپ، سX ئۆزىنىڭ ئامانلىق ساقلاش كېنىشكىسى بېجىرىش ئۈچۈن 800 يۈەننى، تX ئۆزى ۋە ئاچىسى مXنىڭ ئامانلىق ساقلاش كېنىشكىسى بېجرىش ئۈچۈن 800 يۈەندىن 1600 يۈەننى تXنىڭ ئۈندىدارغا ئېتىپ بېرىپ، كىملىك ئالدى-كەينى، رەسىم قاتارلىق ماتىرياللارنى تXقا تەمىنلەپ بەرگەن،جاۋاپكار تXئامانلىق ساقلاش كېنىشكىسى بېجىرمىز دىگەن مەقسەتتە 10 ئادەمنىڭ ھەر-بىرىدىن 800 يۈەندىن 8000 يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغاندىن كىيىن پۇلنى خەجلەپ تۈگەتكەن، دىلو پاش بولغاندىن زىيان ئەسلىگە كەلمىگەن .

دىمەك، جاۋابكار تXنىڭ قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ئالداپ خەجلەپ كەتكەن يۇقارقى قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

يۇقارقى پاكىتلارنى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى زىيانلانغۇچىنىڭ دىلو مەلۇماتى ۋە بايانى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزنى ئاقىلىشى ، پۇل يۆتكەپ بىرىش خاتىرسى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم قاتارلىق دەلىل ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

يۇقارقى دەلىل ـ ئىسپاتلارنى توپلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئوبيېكتىپ ۋە ھەقىقىي بولۇپ، ئەيىبلەنگەن پاكىتنى بېكىتىشكە بولىدۇ.جاۋابكار تXنىڭ ئەيىبلەنگەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل ـ ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرى يوق ھەمدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ.

مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە، جاۋابكار تXنىڭ قانۇنسىز پايدا تېپىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ مال مۈلۈكىنى ئالداپ خەجلەپ كەتكەن قىلمىشى«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 266-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىسگە خىلاپ. جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل- ئىسپات راست ھەم تولۇق، ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىگىشلىك، جاۋابكار تX جىنايىتىنى تونۇپ، جازانى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. شۇڭا جاۋاپكار ت Xقا 8 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ قۇشۇمچە شىتراف قۇيۇش تەكلىۋىنى بىرىپ، «جوڭخۇا خەلق جومھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانونى» نىڭ176- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر.

ھۆرمەت بىلەن :

تەپتىش: ئەنۋەر ئەخمەت

2020-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى

قوشۇمچە :

1) جاۋابكارتX ھازىر ئائىلسىدە كېپىلدە.

2) بىر توپلام ج خ دېلو ئارخىپى، 10نۇسخا ئەيىبلەشنامە، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش ئېتراپنامىسى بىرگە يوللاندى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top