欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某滥伐林木案)(公开版)_乌什县人民检察院

2021-09-20 尘埃 评论0

乌什县人民检察院 

起 诉 书

乌什检一部刑诉〔2020〕447号 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ            ئەيىبنامىسى

                                                                ئۇ ن ت ئەيىبنامە چىقىش (2020)   447  -نومۇرلۇق

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمسىگە:

جاۋابكار تXX، ئەر، ئۇيغۇر، 1982-يىلى XX-ئاينىڭ XX-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى 6529271982XX، ئۇچتۇرپان  ناھىيەسىدىن، ئۇچتۇرپان ناھىيە XX يېزا 1-كەنىت 5-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيسىگە ئىگە، دېھقان، ئىلگىرى جازالانمىغان، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن.

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى جاۋابكار تXXنىڭ دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتى دېلوسىنى تەكشۈرۈپ تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىمىمىز دېلونى تاپشۇرۇپ ئېلىپ جاۋابكارغا ئاقلىنىشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق دەۋا ھوقۇقلىرىنى، جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشتىن كېيىنكى كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئۇقتۇردۇق. جاۋابكار قانۇن بويىچە سوراق قىلىندى ۋە جاۋابكار بىلەن نۆۋەتچى ئادۇۋكاتنىڭ پىكىرىنى ئاڭلىدۇق.

مەھكىمىمىز تەكشۈرۈپ بىكىتكەن پاكىت

جاۋابكار تXX 2020-يىلى2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈچتۇرپان ناھىيە XX يېزا 1-كەنىت-5مەھەللە تەۋەسىدىكى ئۆزىنىڭ تېرىلغۇ يىرىنىڭ ئەتراپىدىن شەخسى ئىگدارلىقىدىكى 121تۈپ تىرەك دەرىخىنى ئورمانچىلىق تارماقلىرىدىن «دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسى» بىجىرمەي، ئۆز ئالدىغا قالايىمقان كەسكەن.

باھالاش پىكرىدە «تXXتەرپىدىن كەلسە كەلمەس كىسىلگەن دەرەخ يەرنىڭ كۆلىمى 0.71 مو، دەرەخ تۈرى تىرەك، يەرنىڭ تۈرى تېرىلغۇ يەر ،زاپاس مىقدارى 19.9707 كۇپ مىتىر، ماتىريال چىقىش مىقدارى 9.9854 كۇپ مىتىر، باھاسى 4493 يۈەن» دەپ يەكۈن چىقارغان.

يۇقارقى پاكىتلار يازما ئىسپات، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسەن بېكىتىلدى.

يۇقارقى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئېلىنىش تەرتىپى قانۇنلۇق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ ۋە راسىت، شىكايەت قىلغان پاكىتىنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ. جاۋابكار تXX يۇقارقى قىلمىىشنى ئۆز ئىختىيارلىق بىلەن ئەينەن تاپشۇرۇپ، مەھكىمىمىز شىكايەت قىلغان پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارىتا باشقىچە پىكىرى يوقلىغىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە ئۆزلۈگىدىن جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى بىلدۈردى.

مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ، جاۋابكار تXXنىڭ دۆلەتنىڭ ئورمان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ئىجازەتنامە بىجىرمەي تۇرۇپ دەرەخ كەسكەن قىلمىشىدىن دەل دەرەخلەرنى كەلسە-كەلمەس كىسىش جىنايىتى شەكىللىندۇ، بۇ ھەقتە دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راسىت ھەم تولۇق، «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ» 345-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. جاۋابكارغا جىنايى جازا ئۆلچىگەندە جىنايىتىنى تۇنۇپ قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىغى، تۆۋە قىلىش ئىپادىسىنىڭ بارلىقى، ئىجتىمائى تەسىرى ۋە ئاقىۋىتى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن جىنايى جازا بېرىش كېرەك، شۇڭا «جۇڭخوا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبلەندى.

باش تەپتىش: ئەمەر تۇردى

      تەپتىش: ئابلەت تۇنياز

2020-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى

ئىزاھات: (1) 10 نۇسخا ئەيىپنامە، بىر توپلام تەھىققلەش دېلوسى، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇش، جازانى قۇبۇل قىلىش تىلخەتنامىسى سوتقا يوللاندى.

(2)جاۋابكارلار دىلو سادىر قىلىشتا ئىشلەتكەن بىر تال مايلىق ھەرە دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.

(3) جاۋابكارلار بىرتەرەپ قىلىنغۇچە كاپالەتچىگە بىرىلگەن، ھازىر ئائىلىسىدە، تېلىفون نومۇرى: 133XX

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top