شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى
توقسۇ ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبنامىسى
ت ت جىنايى ئىشلار 1-بۈلۈم ئەيىبلەش (2021) 32 - نۇمۇرلۇق
توقسۇ ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە:
جاۋابكار ت**، ئەر، ئۇيغۇر، **ياش،****-يىلى ** -ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى : X 652925********151، تىجارەتچى، شىنجاڭ **ناھىيسدىن ،باشلانغۇچ مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئادىرسى : **ناھىيە ت**بازار ** كەنت **-گوروپ **-نومۇر، قامىلىشتىن ئىلگىرى : ** ناھىيە **بازار **-نومۇر **رايونى **-كورپۇس ****-نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق. 2017-يىلى 11-ئايدا زەھەر چىكىش قىلمىشى بىلەن، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان ۋە ئىككى يىل مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇشقا يوللىنىپ، 2019-يىلى 11-ئايدا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن. 2020- يىلى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى زەھەرلىك بۇيۇم (خىروئىن) ئېلىپ- سېتىش جىنايەت گۇمانى بىلەن، توقسۇ ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتلىپ قويۇلۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى مەھكىممىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.
بۇ دېلونى توقسۇ ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جاۋابكار ت**نى زەھەرلىك بۇيۇم (خىروئىن) ئېلىپ- سېتىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قاراپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى (2021) 055-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىممىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان. مەھكىممىز دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن دېلودىكى بارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈردۇق، قانۇن بۇيچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك جىنايى پاكىتلار ئېنىقلاندى :
2020-يىلى11-ئاينىڭ17-كۈنى سائەت13:07دە، توقسۇ ناھيلىك ج خ ئىدارىسى توقسۇ بازارلىق ساقچىخاننىڭ ساقچىلىرى، جاۋابكار ت** (لەقىمى:پاقا) نىڭ زەھەرلىك چىكىملىك (خىروئىن) ساتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقاپ، دەرھال ساقچى كۈچى ئاجرىتىپ جاۋابكار ت**نىڭ ھەركىتىنى كۈزتۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان. ساقچىلار جاۋابكار ت**نىڭ ھەركىتىنى كۈزۈتۈش جەريانىدا، شۇ كۈنى چۈشتە جاۋابكار ت**بازار **-نومۇر **-قەۋەت ***-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ھ**بىلەن، ** بازار **-نومۇردىكى «12سائەت سودا دۇكىنى»نىڭ **-قەۋىتىدە ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، كىچىك ئۈرۈك مېغىزى چوڭلىقىدا، سۈزۈك سۇلىياۋ خالتىغا ئورالغان، سارغۇچ ئۇنسىمان ھالەتتىكى، بىربولاق گۇمانلىق بۇيۇم (خىروئىن)نى ھ**غا 1000 يۈەنگە ساتقاندىن كىيىن، ھەركىتىنىڭ سىزىلىپ قېلىنىشىدىن قورقۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. كۆزۈتۈپ تۇرغان ساقچىلار ھ**نى تۇتۇپ، ھ**دىن ئۇ سېتىۋېلىپ ئەچىققان گۇمانلىق زەھەرلىك بۇيۇم (خىروئىن) نى ئەسلى ئورالمىسى بۇيىچە تۇتۇپ قېلىپ، جىڭلاش ئېلىپ بارغاندا ئېغىرلىقى 1.27 گىرام كەلگەن. ساقچىلار يەنە داۋاملىق زەھەرلىك بۇيۇمنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن، جاۋابكار ت**ھەركىتىنى داۋاملىق كۆزەتكەن جەرياندا، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 20:00 ئەتراپىدا، ** بازار ** سودا مەركىزىنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا، جاۋابكار ت** R 新N1953نومۇرلۇق، قىزىل رەڭلىك خوندا سىيۈ ماركىلىق ماشىنسىىنىڭ ئىچىدە، كىچىك ئۈرۈك مېغىزى چوڭلىقىدا، سۈزۈك سۇلىياۋ خالتا ئىچىگە تازىلىق قەغىزىگە ئوراپ ئەچىققان،سارغۇچ ئۇنسىمان ھالەتتىكى، بىر بولاق گۇمانلىق بۇيۇم (خىروئىن) نى ھ**غا 300 يۈەنگە سېتىپ پۇلنى قىزىل بولاق ئارقىلىق قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھ** ماشىندىن چۈشىكەن. شۇ ۋاقىتتا كۆزۈتۈپ تۇرغان ساقچىلار جاۋابكار ت**نى R 新N1953 نومۇرلۇق ماشىنىنىڭ ئچىدە تۇتقان ۋە ھىسامدىن نىيازنى نەق مەيداندا تۇتۇپ، جاۋابكار ت** ساتقان بىر بولاق كىچىك ئۈرۈك مېغىزى چوڭلىقىدا، سۈزۈك سۇلىياۋ خالتا ئىچىگە تازىلىق قەغىزىگە ئورالغان، سارغۇچ ئۇنسىمان ھالەتتىكى گۇمانلىق زەھەرلىك بۇيۇم (خىروئىن)نى ھ**دىن تۇتۇپ قېلىپ، جىڭلاش ئېلىپ بارغاندا ئېغىرلىقى 1.22 گىرام كەلگەن. جاۋابكار ت**يۇقارقى جەرياندا 2 قېتىمدا جەمى 2.49 گىرام زەھەرلىك بۇيۇم (خىروئىن) نى ھۈسەن نىيازغا 1300 يۈەنگە ساتقان.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ماددى ئىسپات باھالاش ئورنىنىڭ (2020) 116-نومۇرلۇق تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجە قىسمىدا: «ت**1-قېتىم، 2-قېتىم ساتقان ئاق رەڭلىك ئۇنسىمان گۇمانلىق بۇيۇمنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈشتە خىروئىن ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلدى» دەپ بىكىتىلگەن.
يوقارقى پاكىتلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن: يازما ئىسپات؛ گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلقى؛ ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاترىسى؛ باھالاش پىكرى؛ ئۈن-سىن ماتىريالى؛ جاۋابكارنىڭ ئىقرارى قاتارلىقلار بار. دېلونىڭ پاكىتى ئۇچۇق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تۇلۇق ۋە راسىت بولۇپ بېكىتىشىكە بۇلىدۇ.
مەھكىممىز، جاۋابكار ت**نىڭ يۇقارقى قىلمىشىدىن زەھەرلىك بۇيۇم (خىروئىن) ئېلىپ-سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋابكار ت**غا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 347-ماددا 4-تارماق، 67-ماددا 3-تارماقتىكى بەلگىلىمىسى بۇيچە جىنايى جازا بىرىشكە تېگىشلىك دەپ قاراپ، جاۋابكارغا مۇددەتلىك 10 ئايلىق قاماق جازاسى قۇشۇمچە 1500 يۈەن شىتىراپ قۇيۇش جازاسى بىرىش توغرىسىدا جازا ئۆلچەش تەكلىپى بىرىمىز. شوڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن مەھكىمىڭىزلارغا ئەيىبلىدۇق، قانۇن بۇيىچە ھۆكۈم قىلغايسىلەر.
ھۆرمەت بىلەن :
مۇئاۋىن باش تەپتىش : ئۆمەر ئەمەت
تەپتىش : ئەمەرجان ساتتار
2021يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى
قۇشۇمچە : ① جاۋابكار ھازىر توقسۇ ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقتا ② 2 توپلام ج خ دېلو ماتىريالى، 8 پارچە ئەيىبنامە، 3 دانە پىلاستىنكا دىلو بىلەن بىرگە يوللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论