欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某敲诈勒索案)

2021-09-23 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 

كۇچا ناھيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ك ت جىنايى ئىشلار1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش 〔2020〕  306 - نومۇرلۇق

 كۇچا ناھىيلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە : 

(1 جاۋابكار تx، ئەر، ئويغۇر، 1989-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،  كىملىك نۇمۇرى: 89********65292319، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، مۇقىم كەسپى يوق،شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى ۋە ھازىرقى ئولتۇرغى كۇچا ناھىيە **** بازىرى *****ئىجتىمائى رايۇنى**- گورۇپپا **8- نۇمۇرلۇق قورو، ئىلگىرى جازالانمىغان.

«دۆلەت ئورگىنى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كۆز- بويامچىلىق قىلىش جىنايىتى»گە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019- يىل 12- ئاينىڭ 6- كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2019- يىل 12- ئاينىڭ 20- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان.ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

2) جاۋابكار رx، ئايال، ئويغۇر،1990-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان،  كىملىك نۇمۇرۇم: 90*******65292319، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، دىھقان، شىنجاڭ كۇچا ناھىيسىدىن، نۇپۇسى تۇرۇشلۇق جايى كۇچا ناھىيە** بازىرى *** كەنىت **- گورۇپ***- نۇمۇرلۇق قورو، توختۇتۇپ قۇيۇلۇشتىن ئىلگىرىكى ئولتۇرغى: كۇچا ناھىيە ئوچا بازىرى**-ئوچا كەنىت**- گورۇپىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئىلگىرى جازالانمىغان. 

«دۆلەت ئورگىنى خادىمى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كۆز- بويامچىلىق قىلىش جىنايىتى»گە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 2019- يىل 12- ئاينىڭ 6- كۈنى جىنايى ئىشلار بۇيىچە توختۇتۇپ قۇيۇلغان. 2019- يىل 12- ئاينىڭ 20- كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان،ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

مەھكىمىمىز كۇچا ناھىيىلىك جامائەت خەۋپىسىزلىك ئىدارىسى〔2020〕20013-نومۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق يوللىغان جاۋابكار تx،رxنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايى دېلوسىنى 2020-يىلى01-ئاينىڭ 17-كۈنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ بەلگىلىمسى بويىچە جاۋابكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىشنىڭ كېلىپ چىقىدىغان قانۇنى ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردۇق،دەۋاگەرلەرگە دەۋا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردۇق، جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدۇق،جاۋابكار ۋە دىجورنى ئادۇۋكاتلارنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، دېلودىكى بارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش كۆردۈق، جاۋابكار مەزكۇر دىلونى ئاددى تەرتىپ بىلەن سوت قىلىشقا  قۇشۇلدى،يۇقارقى تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن جىنايى پاكىتىنى تۆۋەندىكىچە ئېنىقلاپ چىقتۇق :

جاۋابكار تx بىلەن رx ئىككىسى پۇل تېپىپ خەجلەش ئۈچۈن، 2019-يىل 12-ئاينىڭ 01- كۈنى، جاۋابكار تxنىڭ «يېقىندىن بۇيان تۇنۇشۇپ قالغان ئەرلەر بولسا ياتاققا باشلاپ كىرسىڭىز، ئارقىدىن مەن يولدىشىڭىز سىياقىدا كىرىپ ئۇ ئەرلەردىن 4-5 مىڭ يۈەن پۇل ئۈندۈرۋېلىپ خەجلەيلى» دىگەن تەكلىپىگە جاۋابكار رxقۇشۇلۇپ،2019-يىل 12- ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە يېڭىدىن تۇنۇشقان** يېزا بازار كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق زىيانلانغۇچى ئەx بىلەن بىرگە تاماق يىيىشىپ ئولتۇرۇپ، مەن ئۆيگە بېرىپ ئاپامدىن سوراپ كىلەي دەپ چىقىپ كىتىپ، جاۋابكار تx بىلەن كۈرۈشۈپ، «**** مىھمانخانىسى» دىن ياتاق ئېچىپ ئەxنى ياتاققا باشلاپ كىرىپ قاقتى- سوقتى قىلىپ پۇل ئۈندۈرۋېلىش مەقسىتىدە، ئەxغا تېلفۇن قىلىپ «مەن سىرتتا توڭلاپ كەتتىم، ماڭا پۇل ئېتىپ بىرىڭ، ياتاق ئېچىپ سىزنى ساقلاپ تۇراي» دىگەن، زىيانلانغۇچى ئەx 400 يۈەن قىزىل بولاق ئېتىپ بەرگەن، جاۋابكار رx، جاۋابكار تxلار بىلەن ئالدىن دىيىشىۋالغىنى بۇيىچە «*****مىھمانخانىسى» دىن ياتاق ئېچىپ، ئەxىنى شۇ مىھمانخانىنىڭ 8403- نۇمۇرلۇق ياتقىغا تەكلىپ قىلغان،ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى ئىشىكنىڭ سىرتىدىكى دىتەننىڭ ئاستىغا قىستۇرۇپ قويغان،زىيانلانغۇچى ئەx ياتاققا كەلگەندىن كىيىن، جاۋابكار رx ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ ئولتۇرغاندا، جاۋابكار تx رx ئىشىك سىرتىغا دىتەنگە قىستۇرۇپ قويغان ئاچقۇچتا ئىشىكنى ئېچىپلا، ياتاققا ساقچى فورمىسى بىلەن كىرىپ، جاۋابكار رxغا «مەن سەن ئۈچۈن، بالا ئۈچۈن كېچىلەپ ئىشلەۋاتسام، سەن يامانلاپ كىتىپ ئاپامنىڭ ئۆيىدە دەپ قۇيۇپ، ياتاقتا باشقا ئەرلەر بىلەن يۈرسەڭ، خەپ سىنى! سەن بىلەن ھېلى كۈرۈشەي، يوقال ماڭ» دەپ ياتاقتىن چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، زىيانلانغۇچى ئەxىغا »بۇ ئىشنى چىرايلىق تۈگىتىمىزمۇ ياكى موما يەيدىغان يەرگە بېرىپ ياتامسەن « دىگەن، زىيانلانغۇچى ئەxچىرايلىق تۈگىتەيلى دىگەندە، 20 مىڭ يۈەن بىرىسەن، بولمىسا سىنى سولىتىۋاتىمەن دەپ تەھدىد سېلىپ، يېنىدىكى 700 يۈەن نەق پۇلىنى ئېلىۋالغان، ئاندىن يەنە تېلفۇنىنىڭ ئۈندىدارىنىڭ ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلاپ 1900 يۈەن پۇلنى ئۆزىنىڭ تېلفۇنىغا ئاغدۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەتىسى سائەت 12:00 گىچە يەنە 8000 يۈەن پۇلنى بانكا كارتامغا ئۇرىۋەت،بولمىسا ****ساقچىخانىسىغا تېلفۇن قىلىپ،تۆرمىگە سولىتىۋېتىمەن دەپ بانكا كارتا نۇمۇرىنى تېلفۇنىغا بېسىپ بىرىپ ماڭدۇرۋەتكەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن زىيان تۇلۇق ئەسلىگە كەلگەن.

يۇقارقى پاكىتلارنى دىلو مەلۇم قىلغۇچى زىيانلانغۇچى ئەxىنىڭ بايانى، جاۋابكار تx، رxنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى، سۆرىتى، يانفۇن ئۈندىدارىنىڭ قىزىل بولاق كىرىم- چىقىم خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ.

دىمەك، جاۋابكار تx، رxنىڭ قاقتى- سوقتى قىلىپ پۇل ئۈندۈرۋېلىش مەقسىتىدە، ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ باشقىلارنىڭ مال- مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغان يۇقارقى قىلمىشىدىن قاقتى-سوقتى قىلىش  جىنايىتى شەكىللىنىدۇ ،دېلونىڭ پاكىتى ئوچۇق، دەلىل-ئىسپاتى راست ۋە تولۇق بولۇپ بېكىتىشكە بولىدۇ، جاۋاپكارنىڭ بېكىتكەن جىنايەت پاكىتى ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا قارتا پىكرى يوق،  ئۆزلىكىدىن جىنايتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىدۇ .

مەھكىمىمىز جامائەت ۋە شەخىسلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن،جاۋابكار تx، رxنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ  274-ماددا1-تارماق،25-ماددا،67-ماددا3-تارماق بەلگىلمىسى بويىچە جىنايەت بېكىتىپقۇشۇمچە شىتىراف قۇيۇش تەكپىلىنى بېرىپ،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىبلىدۇق.  

ھۆرمەت بىلەن :

      تەپتىش : ئەنۋەر ئەخمەت

       2020-يىلى06-ئاينىڭ 17-كۈنى

قوشۇمچە : 

1) جاۋابكار تx، رx مەھكىمىمىزنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىنغان،ھازىر كۇچا ناھىيلىك قاماقخانىدا قاماقلىق.

           2) بىر توپلام تەھقىقلەش دېلو ماتېرىيالى،17نۇسخا ئەيىبنامە ، ئاددى تەرتىپ قوللىنىش تەكلىپنامىسى، جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئىتراپنامىسى بىرگە يوللاندى .

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top