欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某故意伤害案)

2021-09-22 尘埃 评论0

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى

باي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

                     ب ت 1-بۆلۈم ئەيىبلەش چىقىش (2020) **– نۇمۇرلۇق

       باي ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

   جاۋابكار تۇ***، ئەر، 19**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى : 65292619*****، ئۇيغۇر، ** ناھىيە **** يېزا **** كەنت 1-گۇرۇپ 101-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، دىھقان، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەدەنيىەت سەۋىيسىگە ئىگە، ئىلگىرى جازالانمىغان، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايەت گۇمانى بىلەن 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى باي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بىرىلگەن.

باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسى بۇ دېلونى تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى (2019) 149-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى جاۋابكارغا ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى، جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سوراپ، ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ۋە ئۆزىنىڭ ئاقلاش پىكىرنى ئاڭلاپ، دېلونى ئىككى قېتىم تۇلۇقلاپ تەھىققىلەشكە قايتۇرۇدى، باي ناھىيەلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارسى 20**-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تەھىققلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەھكىمىمىزگە ئەيىبلەشكە يوللىدى، مەھكىمىمىز دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ، دېلونى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇردى.

تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە : جاۋابكار تۇ**** 2019-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى باي ناھىيە *** يېزا بازىردىكى **** رسىتۇرانىدا ئايالى مى*** ***نىڭ تۇغۇلغان كۈنى زىياپىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، زىياپەتكە زىيانلانغۇچى ق****مۇ قاتناشقان بۇلۇپ، 20***-يىلى **-ئاينىڭ **-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 02:30 لەر ئەتراپىدا رىستۇراندىن تارقاپ ئۆيىگە قايتىپ مېڭىپ، ** ناھىيە *** يېزا **-كەنت كومىتتنىڭ قېشىغا كەلگەندە، بىرگە زىياپىتىگە قاتنىشىپ ئۆيىگە قايتىپ ماڭغان مۇ*** بىلەن زىيانلانغۇچى قە*** ئۆز-ئارا ماجىرالىشىپ، زىيانلانغۇچى قە**** مۇ****نى ئۇرۇپ قاپىقىنى يېرۋەتكەن، زىيانلانغۇچى قە*****نىڭ ئارقسدىن يېتىشىپ كەلگەن جاۋابكار تۇ**** نەۋرە ئاكىسى مۇ*****نىڭ زىيانلانغۇچى قە**** تەرپىدىن تاياق يىگەنلكىنى بىلگەندىن كىيىن زىيانلانغۇچى قە******نى ئىزدەپ بېرىپ «مەن سىنى **** تەكلىپ قىلىپ مىھمان قىلىپ قويسام، مىنىڭ ئاكامنى ئۇرامسەن» دەپ زىيانلانغۇچى قە******نىڭ باش قېشمىغا ئۇرۇپ تېپىپ تاشيولغا يېقىتىۋەتكەن، نەق مەيداندىكى ر****، لۇ***** قاتارلىقلار جاۋابكار تۇ****نى ئاجىرتىپ، جاۋابكار تۇ*****كە «بولدى قىل ئۇرما، ئۈلۈپ قالىدۇ» دەپ نېرسىغا يىتلەپ ئېلىپ كەتكەن، بىر ئاز ۋاقتتىن كىيىن چارلاۋاتقان ساقچىلار جىدەل يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا كىلىپ، ئالاقىدارلاردىن نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكنى سۈرۈشتە قىلغان ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنى تىزىملاپ ئەتىسى ئۇلارنى **** ساقچىخانسىغا كىلشىنى ، زەخمىلەنگۈچىلەرنى دوختۇرخانىغا بېرشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ قايتىپ كەتكەن. زىيانلانغۇچى قە**** تاكسى ماشنىغا ئولتۇرۇپ ، ** بازىرىغا كېلىپ *** مىھمانخانسىغا ياتاقتا يېتىپ، ئەتسى **** ئىشقا چىققاندا، مەسئۇل نۆۋەتچى ساقچى زىيانلانغۇچى قە****نىڭ بىنۇرمال ئىكەنلىگنى بىلىپ »مەسىتلىكى يىشلمىگەن ئوخشايدۇ» دەپ ئارام ئېلشىنى ئۇرۇنلاشتۇرغان، زىيانلانغۇچى قە**** ياتاقتا بىر كۈن ئارام ئېلىپ، 20***-يىلى *-ئاينىڭ **-كۈنى يەنە بىنۇرمال بولغاندىن كىيىن *** ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانسىغا كىرىپ تەكشۈرۈتكەندە، «باش قىسمىغا قان چۈشۈپتۇ» دەپ دىئاگنۇز قۇيۇلغان ھەم ياتاقتا يېتىپ داۋالانغان.

زىيانلانغۇچى قە****نىڭ زەخىمسىگە قارتا ** ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارسى ماددى–ئىسپات باھالاش ئىشخانسى تەرپىدىن ئېغىر زەخمە (2-دەرىجە) دەپ باھالاش يەكۈنى چىققان. 

يۇقارقى پاكىتلارنى ئسپاتلايدىغان دەلىل–ئسپاتلاردىن : يازما ئىسپات، زىيانلانغۇچىنىڭ بايانى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، ئىنقلاش–تەكشۈرۈش خاتىرسى، باھالاش پىكىرى، كۆرۈش-ئاڭلاش ماتىرىيالى قاتارلىقلار بار. 

مەھكىمىمىز، جاۋابكار تۇ*****نىڭ يۇقارقى قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 234-ماددا بەلگىلمىسىگە خىلاپ، جىنايەت پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلىرى تولۇق ھەم راست، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 67-ماددا 3-تارماق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگلىمىسىگە ئاساسەن جىنايى جازا بىرشكە تىگىشلىك دەپ قاراپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176–ماددا بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشڭىزلار ئۈچۈن ئەيىبلىدۇق.

 

تەپتىش: مەردانجان ئىمىن

20**-يىلى *-ئاينىڭ *-كۈنى

پۈتۈكچى: تۇرغۇنجان ئابدۇرىيىھىم

ئىزاھات:

1.​ بىر توپلام ج خ ئارخىۋى، 9 نۇسخا ئەيىبنامە، بىر نۇسخا جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى قۇبۇل قىلىش پۈتۈمى، بىر نۇسخا جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى، 4 دانە نۇر پىلاستىنىكا بىرگە يوللاندى.

1.​ جاۋابكار ھازىر ئائىلىسىدە، تېلفۇن نۇمىرى : ***********.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top