شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى چەرچەن ناھيىلىك خەلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىپلاشنامسى
چ ت ج ئەيىپلەش (2020)171- نومۇرلۇق
جاۋاپكار تۇ****، ئەر، **19-يىلى**-ئاينىڭ**-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرۇى: **********65282519، باشلانغۇچ مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋېيىسىگە ئىگە،كەسپى دېھقان، ئەسلى يۇرتى شىنجاڭ چەرچەن ناھيىسىدىن، نۇپۇس تۇرۇشلۇق ئورنى *** يېزا***كەنتى**-گۇرۇپپا**-نۇمۇر. ھازىرقى ئولتۇرۇشلۇق ئورنى ***يېزا *** كەنتى **- گۇرۇپ ***- نومۇرلۇق ئوي، 2020- يىلى 3- ئاينىڭ 27- كۇنى چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بىلەن تەكشۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن، 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى مەھكىمىمىز تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن، ئىلگىرى سوتلۇق بولمىغان .
جاۋاپكار تۇ****نىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى دېلۇسنى چەرچەن ناھىيلىك ج خ ئىدارىسى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020–يىلى 11–ئاينىڭ 19-كۈنى مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۇرۇپ ئەيىپلىشىگە يوللىغان، مەھكىمىمىز دېلۇنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن‹‹جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، جاۋاپكارغا ئۆزىنى ئاقلاشنى ئاقلىغۇچىغا ھاۋالە قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى ۋە جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتى ئۇقتۇرۇلدى، دېلۇ بېجىرگۈچى جاۋاپكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلدى ھەمدە دىجورنى ئادۇكاتنىڭ پىكرى ئېلىنىپ، پۇتۇن دېلو تەكشۇرۇپ ئاياغلاشتۇرۇلدى. جاۋاپكار تۇ*** مەزكۇر دىلونى تېز كېسىم چىقىرىش تەرتىۋىنى قوللىنىپ سوت قىلىشقا قوشۇلدى.
قانۇن بۇيىچە تەكشۇرۇش ئارقىلىق جاۋاپكار تۇ****نىڭ تۆۋەندىكىدەك جىنايەت پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.
جاۋاپكار تۇ**** 2020-يىلى03-ئاينىڭ 07- كۇنى سائەت 14:10 لار ئەتراپىدا، ئوزىنىڭ ***新MYH نومۇرلۇق كىچىك تىپتىكى كۇمۇش رەڭلىك شيالى ماشىنىسىنى ھاراق ئىچىپ ھەيدەپ دولەت تاشيۇلى 315- لىنىيىسى 1831 كىلومىتىرغا 500 مېتىر قۇشۇلغان يول بولىكى يەنى *** يېزا *** كەنتى ***- گۇرۇپ يۇلىدا شەرىقتىن غەرىپكە قاراپ يول يۇرىۋاتقاندا، مەشغۇلاتنى توغرا ئېلىپ بارماي يولدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،شۇ يول بولەكتە ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان چەرچەن ناھيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ كادىر- ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان .
شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2020]860-نۇمۇرلوق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۇنىدە:« جاۋاپكار تۇ***نىڭ ھەر 100 مىللىتىر قان ئەۋرىشكىسى تەركىبىدە 209 مىللىىگىرام ئىسپىرىت مىقدارى بار» دەپ ئەدلىيىلىك باھالاش يەكۇنى چىقىرىلغان .
يۇقارقىلارنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلاردىن :
دېلودىكى‹‹ يازما ئىسپاتلاردىن، قۇبۇل قىلغان دېلولارنى تىزىملاش جەدۋىلى، تۇتۇپ قالغان ۋە قايتۇرغان نەرسە تىزىملىگى، چەرچەن ناھىىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئۇچۇرى، شىنجاڭ جۇڭشىن ئەدىلىيىلىك باھالاش مەركىزى [2020]860- نۇمۇرلۇق زەھەرلىك بۇيۇملارنى باھالاش يەكۈنى، ئېنىقلاش تەكشۇرۇش خاتىرىسى، جاۋاپكارنىڭ نۇپۇس ئىسپاتى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى ۋە ئۆزىنى ئاقلىشى ›› قاتارلىق دەلىل- ئىسپاتلار بار.
مەھكىمىمىزنىڭ قارىشىچە:
جاۋاپكار تۇ*** يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھاراق ئېچىپ مەست ھالەتتە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەپ خەتەرلىك يول يۇرگەن قىلمىشىدىن«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ 133- ماددىسىنىڭ 1- تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق ،شۇڭا خەتەرلىك ھەيدەش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 15-ماددىسىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن، جىنايىتىنى تونۇپ جازانى قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى بويىچە كەڭچىللىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ. جاۋاپكار تۇ***گە 3 ئاي تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، قوشۇمچە 6000 يۇەن شىتراپ قويۇش جازاسى بېرىپ،تېز كېسىم چىقىرىش سوت تەرتىۋىنى قوللىنىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇڭا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى » نىڭ 176-ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىسى بويىچە مەھكىمىڭىزلەرگە ئەيىپلىدۇق. قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقارغايسىلەر .
تەپتىش: قەمبەرنىسا ئەمەت
ياردەمچى تەپتىش: رۇزى پولات
2020- يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى
ئىزاھات :
1› جاۋاپكار تۇ**** ئائىلىسىدە كېپىلدە،2› دېلو ئارخىۋى بىر توپلام ،3› ئەيىپلاشنامە8 نۇسقا، دەلىل- ئىسپات مۇندەرىجىسى بىر نۇسقا . 4› جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى قۇبۇل قىلىش كېپىللىك خېتى دېلو بىلەن قۇشۇپ ئوتكۇزۇپ بىرىلدى .
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论