欢迎访问中国律师网!

咨询热线 023-8825-6629

起诉书(吐某某危险驾驶案)_阿克苏市人民检察院

2021-09-25 尘埃 评论0

阿克苏市人民检察院

起 诉 书

阿克苏市检刑检二部刑诉〔2020〕140号

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ

ئەيىبنامىسى

ئا ش ت ئەيىبلەش چىقىش [2020] 140-نومۇرلۇق

ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە: 

جاۋابكار ئەXX ، ئەر،ئۇيغۇر، XX ياش ،19XX-يىلى X-ئاينىڭ 31-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نومۇرى: 65290119XXXXX1115 ، ئتۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، يۇرتى: ئاقسۇ شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى XX ئولتۇراق رايونى 3- رايون -بىنا -كۇرپۇس -نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، يەككە تىجارەتچى ، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 6 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بىرىلگەن. 2020-يىلى 4–ئاينىڭ  1-كۈنى خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى گۇمانى بىلەن ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كېپىلگە بېرىلگەن.

   ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دېلونى تەھقىقلەشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى [2020]541-نۇمۇرلۇق ئەيىبلەش پىكىرنامىسى ئارقىلىق مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە يوللىدى. مەھكىمىمىز دىلونى تەكشۈرۈپ جاۋابكاردىن قانۇن بويىچە سۇئال سورىدى ھەم ئاقلىنىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئۇقتۇرۇپ قويۇلدى. 

   قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزچە: 

2020يىلى 03-ئاينىڭ 15-كۇنى سائەت 00:20لەردە  جاۋابكار  ئەXX ھاراق ئىچكەندىن كېيىن،ئاقسۇ شەھەر XXئولتۇراق رايۇنى يىنىدىكى ئاچچىق كاۋاپخانىغا توختۇتۇپ قويغان 新新N2XXXXنۇمۇرلۇق ئىككى چاقلىق قىزىل رەڭلىك موتسىكىلىتىنى  پىراۋىسىز ھەيدەپ ،ئاقسۇ شەھەر ئاقسۇ شەھە XX يولى ئاقسۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە مۇتۇسكىلىتنى كونتۇرۇل قىلالماي توك ئاچىسىغا ئۇسۇۋالغان.  كېيىن شۇ ئەتراپتا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ساقچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەندىن كېيىن ، تېخنىكىلىق باھالاش ئارقىلىق  جاۋابكار ئەXXنىڭ    100مىللىلىتىر قان تەركىبىدىكى ئىسپىرىت مىقتىدارى 182.29 مىللىگىرام بولۇپ  (  mg/100ml182.29)   بولۇپ،  جاۋابكار مەس ھالەتتە موتسىكىلىت ھەيدىگەن.

     يۇقارقى پاكىتنى يازما ئىسپات، جاۋابكارنىڭ ئىقرارى، باھالاش پىكرى ۋە ئېنىقلاش-تەكشۈرۈش خاتىرىسى قاتارلىق دەلىل-ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ. 

مەھكىمىمىز جاۋابكار ئەXXنىڭ يۇقارقى قىلمىشى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسى خىلاپ بۇلۇپ، قىلمىشىدىن خەتەرلىك شوپۇرلۇق قىلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دىلونىڭ پاكىتى ئېنىق ، دەلىل-ئىسپاتى تۇلۇق ، جاۋابكارغا « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى » نىڭ 133-ماددا بىرىنچى مەزمۇن بەلگىلىمىسى بويىچە جىنايى جازا بېرىشكە تېگىشلىك. جاۋابكار ئەXX قىلمىشىنى تۇلۇق ئىقرار قىلىپ بېكىتىلگەن جىنايەت پاكىتلىرىنى ئېتراپ قىلىدى ۋە جازاغا قايىل بولدى، شۇڭا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 15-ماددا بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋابكار ئەXXگە 3 ئايلىق تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىپ، قۇشۇمچە 6000 يۈەن شىتىراق جازاسى بىرىش مۇۋاپىق دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۈمھۇريىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى» نىڭ 176-ماددا، 214-ماددا بەلگلىمىسگە ئاساسەن ئاددى تەرتىپىنى قوللۇنۇپ، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلىشىڭىزلار ئۈچۈن ئەيىپلىدۇق. 

                   تەپتىش : نۇسىرەت ئابلىز 

                        مۇۋەققەت تەپتىش : ئابلىكىم ئابلىمىت

       2020-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئىزاھات : 

1.جاۋابكارھازىر ئائىلىسىدە. ئالاقىلىشىش نۇمۇرى: 139XXXX0330

   2. 8 نۇسخا ئەيىبنامە، جىنايىتىنى تۇتۇپ جازاغا قايىل بۇلۇش تېل خېتى، جازا ئۆلچەش تەكلىپنامىسى ۋە بىر توپلام ج خ دېلو ماتىرىيالى بىرگە ئەۋەتىلدى.

评论

成为第一个评论者

发表评论

评论

你的邮件地址不会公开. *表示必填

Top