كورلا شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئەيىبلەشنامىسى
ك ش ت ج ت ئەيىبلەش (2020) 942 -نۇمۇرلۇق
جاۋاپكار جىxxxx،ئايال، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى تۇغۇلغان، كىملىك نۇمۇرى: 6528011980xxxxxxx، ئويغۇر، سىياسى قىياپىتى: ئامما، تۇلوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنيەت سەۋىيسىىگە ئىگە ، نۇپۇس تۇرۇشلۇق جايى: شىنجاڭ xxx شەھىرى xxxx يولى xxx xx -نۇمۇر، ھازىرقى تۇرۇشلۇق جايى: xxx شەھىرى xxxيولى ئوبلاستلىق كۈمۇركان xx-كورپۇس xx-نۇمۇر، ئىلگىرى جازالانمىغان ، مۇقۇم كەسپىي يوق ، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۇنى xxشەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىللىككە بېرىلگەن. ھازىر ئائىلىسىدە .
xxx شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇدىلونى تەھقىقلەشنى ئاياقلاشتۇرۇپ، xxxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى جاۋاپكارنىڭ ئوغورلوق قىلىش جىنايىتى دىلوسىنى بىلەن مەھكىمىمىزنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىپلىشى ئۈچۈن يوللىغان، مەھكىمىمىز 2 تۇپلام دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، جاۋاپكارغا ئاقلىغۇچى ھاۋالە قىلىش ھوقۇقى بارلىغىنى ئۇقتۇردۇق ھەمدە جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئېتىراپ قىلىش تەرتىپىنىڭ قانۇنى ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. جاۋابكارنى قانۇن بويىچە سوراق قىلىپ، بارلىق دىلۇ ماتىرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ ،دىلۇ پاكىتىنى ئېنىقلىدۇق.
قانۇن بويىچە تەكشۇرۇپ ئېنىقلىشىمىزچە :
جاۋاپكار جىxxx xxx-يىلى xx-ئاينىڭ xx-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15لەر ئەتراپىدا ، دۇستى پاxxxx، زىيانلانغۇچى ياxxx(مىيىپ)لەر بىلەن بىللە ،xxxشەھىرى xxx يولىxxساماۋەرخانىسىىدا تاماق يېيىش جەريانىدا ، زىيانلانغۇچى ياxxx(مىيىپ) تېلىغۇنىنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ،مەشخۇلات قىلىۋاتقاندا ، جاۋاپكار جىxxx، ئوغۇرلۇقچە زىيانلانغۇچى ياxxx(مىيىپ)نىڭ ئۈندىدارىنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئوغورلوقچە كۆرىۋېلىپ شۇ كۈنى ھەم ئەتىسى ئىككى كۈن ئىچىدە ، ئونىڭ ئۈندىدارىدىن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىغا ئىلگىرى -كىيىن بولوپ جەمئى 5402يۇەن پۇلنى يۆتكەپ ئوغورلاپ كەتكەن ،زىيانلانغۇچى ياxxxx(مىيىپ) ئۆزىنىڭ ئۇندىدارىدىكى پۇلنى، جىنايەت گۇماندارى جىxxxنىڭ ئوغورلىۋالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ،پولنى قايتۇرۇشنى ئېيتقاندا ،جاۋاپكار جىxxx4000يۇەن پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگەن. دىلو پاش بولغاندىن كىيىن بارلىق ئىختىسادى زىيان يىغىپ كىلىنىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇلغان ،ئوغورلوق ئومۇمى سۇممىسى : 5402يۈەن.
جاۋاپكارنىڭ يۇقارقى جىنايى قىلمىشىنى: يازما ئىسپات،گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى ،زىيانكەچلىىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانى ، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارى، نەق مەيدان تۇنۇتۇش خاتىرىسى ۋە سۈرەتلىرى قاتارلىق دەلىل – ئىسپاتلار ئىسپاتلايدۇ .
يۇقارقى دەلىل- ئىسپاتلارنىڭ تۇپلىنىشى قانۇنلوق، مەزمۇنى ئۇبىكتىپ چىنلىققا ئىگە،ئەيىپلەنگەن پاكىتىنى تۇلوق ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ، جاۋاپكارمۇ ئەيىپلەنگەن پاكىت ۋە دەلىل-ئىسپاتلارغا باشقىچە پىكرىدە بولمىدى ھەمدە جىنايىتىگە ئەينەن ئىقرار بولوپ جازانى قۇبول قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەھكىمىمىز مۇنداق قارايدۇ : جاۋاپكار جىxxxxقانۇنسىز ئىگەللىۋېلىش مەقسىتىدە، يۇشۇرۇن ئىگەنلىۋېلىش ۋاستىسنى قوللۇنۇپ، ئوزى يالغۇز ،باشقىلارنىڭ5402يۈەن يۈئەن قىممىتىدىكى نەق پولنى ئوغۇرلىغان مىقدارى كوپرەك قىلمىشى‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى »نىڭ 264 –ماددا بەلگىلىمىسىگە خىلاپ جىنايى قىلمىشىنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولوپ ئوغورلوق قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىغىنى سۇرۇشتۇرۇشكە تىگىشلىك.جاۋاپكار جىنايىتىنى تۇنۇپ، جازانى ئىتىراپ قىلغان بولوپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى »نىڭ15-ماددىسىنىڭ بەلگۈلمىسى بۇيىچە كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ ، شۇڭا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى››نىڭ 176-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن جاۋاپكارنى مەھكىمىڭىزلارغا ئەيپلىدۇق، قانۇن بويىچە ھۆكۈم قىلغايسىزلەر .
ھۆرمەت بىلەن:
كورلا شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسىگە:
تەپتىش: خاسىيەت ئابدۇكىرىم
2020-يىلى 10- ئاينىڭ 29-كۈنى
ئەسكەرتىش:
(1) جاۋاپكار ھازىر كىپىلدە .
(2) تەھقىقلەش ئارخىۋى ئىككى توپلام ، 10 نۇسخا ئەيپلەشنامە بىرگە يوللاندى.
(3)جىنايىتىنى تۇنۇپ جازانى ئىتىراپ قىلىش تىلىخىتىدىن بىر نۇسقا يۇللاندى.
评论
成为第一个评论者
发表评论
评论